ئەرلەرنىڭ ئىككى چوڭ "ئاجىزلىقى" تۇتىۋىلىشنى بىلىڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5759:ئادەم ئۆگەندى
   مۇھەببەت كەلگەن ۋاقىتتا، بىز ھەممىمىز ئۇنى تۇتىۋىلىپ مەڭگۈ قويۇپ بەرمەسلىكنى ئويلايمىز. بولۇپمۇ قىزلار، ھەمىشە پۈتكۈل زىھنىنى ئوغۇل دوستىغا قارىتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قىلغان ھەر بىر ئىشىغا دىققەت قىلىپ، ئوغۇل دوستىنىڭ قېچىپ كىتىشىدىن قورققاندەك، قەيەرگە بارسا بىللە ئەگىشىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمىلىيەتتە، مۇھەببەت ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە مۇھتاج بولۇپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق كەيپىياتى ۋە ئۆزىگە خاس مىجەز-خارەكتىرى بار. ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىدىن بەك ئىرىشىشنى ئويلايدىغىنى مۇھەببەت ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىدۇر؛ ئەمما سىز ئەرلەرنىڭ نىمىگە ئىرىشىشنى ئويلايدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئەگەر سىز ئەرلەرنىڭ تۆۋەندىكى ئىككى "ئاجىزلىقىنى" تۇتىۋالسىڭىز، ئۇ بىر ئۆمۈر سىزدىن ئايرىلالماس بولىدۇ.
ئەرلەر چۈشىنىشكە مۇھتاج
   مۇھەببەتنى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرىمەن دىسەك، پەقەت سەمىمى كۆڭۈللا بولسا يىتەرلىك بولالمايدۇ. نۇرغۇن ئاشىق-مەشۇقلار دەسلەپ  باشلانغان ۋاقتىدا بىر-بىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان كىلىدۇ، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، يەنىلا ئايرىلىپ كىتىشتىن قۇتۇلالمايدۇ، بۇ نىمە ئۈچۈن؟ ئەمىلىيەتتە، ئىككى ئادەمنىڭ بىرگە بولۇشىدا، قارشى تەرەپ ئۈچۈن بەدەل تۆلەش ئەڭ ئاساسلىق تەلەپ؛ بىراق ئەگەر سىز سۈپىتىنى ئۆستۈرىمەن دىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز قارشى تەرەپنى چۈشىنىشىڭىز كىرەك، بولۇپمۇ ئەر كىشىنى.
    سىزمۇ كۆڭلىڭىزدە بىرەرسىنىڭ كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىپ يىتەلەيدىغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلامسىز؟ ئەمىلىيەتتە ھەر بىر ئادەمنىڭ بۇنداق ئىھتىياجى بولىدۇ. مۇھەببەت جەريانىدا، ئەرلەر سىزنىڭ چۈشىنىشىڭىزگە تېخىمۇ بەك ئىھتىياجلىق بولىدۇ؛ ئەرلەرنىڭ قىلغان ئىشىنى، ئايالى تەدرىجى ھالدا چۈشىنىپ يىتىشى كىرەك. چۈشىنىش جەريانىدا ئاندىن ئوتتۇرلۇقتىكى مۇھەببەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئاياللار ئەر كىشىگە قارىتا يىتەرلىك چۈشىنىش بەرسە، ئەر كىشى چىن كۆڭلىدىن تەسىرلىنىدىغان بولۇپ، سىزنى مىنى ھەقىقى چۈشىنىدىكەن دەپ ھىس قىلىپ، سىزدىن ئايرىلىشنى خالىمايدىغان بولىدۇ.
ئەركىنلىك ۋە بوشلۇق
    مۇكەممەل كەلگەن بىر مەيدان مۇھەببەت، خۇددى ئۆز-ئارا كىسىشكەن ئىككى چەمبەرگە ئوخشايدىغان بولۇپ، ئوتتۇرلۇقتا ئۆز-ئارا كىسىشىپ ئۈستىمۇ-ئۈست چۈشكەن قىسىمى بار، ئەمما يەنە ئۆزىگە خاس بولغان ئايرىم بوشلۇقلىرىمۇ بار كىلىدۇ. ئارىلىق ساقلاش ئارقىلىق، ھەقىقەتەنمۇ گۈزەللىكنى بايقاشقا بولىدۇ.
   ئەمىلىيەتتە، مۇھەببەت جەريانىدىمۇ شۇنداق بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ بەلگىلىك ئەركىنلىك ۋە ئۆزىگە خاس بوشلۇققا مۇھتاج؛ ئەگەر ئىككەيلەن ھەددىن زىيادە يېقىنلىشىپ كەتسە، ئەرلەر ئەكسىچە بىئاراملىق ھىس قىلىپ ئۆزىنى قاچۇرۇشنى ئويلايدىغان بولۇپ قالىدۇ ھەمدە سىزگە ئۆزىگە تەۋە بوشلۇق ۋە ۋاقتى بار بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇۋاقىتتا ئاياللار كۆپ ئويلىنىپ كەتمەسلىكى كىرەك، چۈنكى ئۇلار پەقەت ئۆزىنى قويۇپ قويۇپ بىرىپ ياخشىراق ئارام ئېلىۋىلىشنى ئويلاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە بىرەر يامان نىيىتى بار بولۇشى ناتايىن. ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بىتەرەپ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى بار، مەسىلەن، ئەرلەر دوستلىرى بىلەن يېغىلىشقا بېرىش، خىزمەتداشلىرى بىلەن تاماق يىيىش قاتارلىقلار. شۇڭا بۇنداق ۋاقىتتا، ئەرلەرگە ئازراق بوشلۇق ۋە ۋاقىت ئەركىنلىكى بىرىش كىرەك؛ بۇنىڭدا ئۇ سىزنىڭ ھەقىقى مۇھەببىتىڭىزنى تۇلۇق ھىس قىلىپ يىتىپ، تەبىئىلا سىزدىن ئايرىلغۇسى كەلمەيدىغان بولىدۇ.

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

ئەرلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى

ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى

بۇ خىل ئسىتاكانلاردا سۇ ئىچسىڭىز زەھەر ئىچكەنگە باراۋەر

سۇ ئىچىش، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى بولۇپ، سۇ ئىچكەن ئىستاكان، ئىچكەن سۇنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر

گازىر چېقىشقا ئامراقلار كۆرۈپ بىلىۋىلىڭ

گازىر، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئىستىراھەت يىمەكلىكى بولۇپ، ئۆزى كىچىك ئادەتتىكىچە بولغان بىلەن، تەمى خۇمالىق بولغاچقا، ك

سىناق: ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغىنىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ

تۆۋەندىكى تۆت خىل ھالقىدىن قايسىسىنى تاقاشنى ھەممىدىن بەك ئارزۇ قىلىسىز؟ ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغانلىقىڭىزنى سىناپ بېقىڭ!

ئەر كىشى بۇ بەش نەرسىسىنى سىزگە بەرسە

مۇھەببەتتە، ئايال كىشى قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە پەقەت ئۆزى يالغۇز بار بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۇلار ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ ھە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号