ئۇ مىنى ياخشى كۆرەمدۇ يوق؟ بۇ، نۇرغۇن ئاياللار مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن ئەڭ كۆپ ئويلايدىغان مەسىلە. مۇھەببەت دۇنياسىدا، ئاياللار دەل مۇشۇنداق، ئۇلار تۇغۇلما شۇنداق كۆپ ئويلايدىغان كىلىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بۇ مەسىلىنى ئىسپاتلاش ئۇنداق تەسمۇ ئەمەس بولۇپ، سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ئەركىشىنىڭ ھەقىقى مۇھەببىتى، ئادەتتىكى بەزىبىر ئىنچىكە ھالقىلاردا ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇخلاشقا يېتىپ بولغاندىن كىيىن، ئىرىڭىز تۆۋەندىكى يەتتە ئىشنىڭ بىرەرسىنى سىز ئۈچۈن قىلىپ باققان بولسا، ئۇنداقتا سىز بەخىتلىك ئايال ھىسابلىنىسىز.

1. سىز بىلەن پاراڭلىشىپ، سىزگە كىيىنكى پىلانلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەرسە
سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئەركىشى، ئۇخلاشقا ياتقاندىن كىيىن، سىز بىلەن پاراڭلىشىپلا قالماي، ئۇ يەنە سىزگە ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى پىلانلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بىرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ھەممە پىلانلىرىدا سىزنىڭ سايىڭىز بار بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزىنى باسالماي، ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى قايتا-قايتىلاپ سىزگە چۈشەندۈرۈشى، ئۇنىڭ سىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەنلىكىدىن بولىدۇ.
2. سىز ئۈچۈن ئورنىدىن قايتا تۇرۇپ چاي قۇيۇپ بەرسە
ئادەمنىڭ ھەممىسىنىڭ ھۇرۇنلۇقى تۇتىدىغان تەرىپى بار بولىدۇ. سىز ئويلاپ باقسىڭىز بولىدۇ، سۇغۇق قىش كۈنلىرىدە، ئىسسىق يوتقاندىن چىقىپ كىتىش ئادەمگە خوش ياقامدۇ؟ ئەگەر ئىرىڭىز سىزنى ياخشى كۆرسە، ئۇ ئۆزى خالاپ ئورنىدىن تۇرۇپ، سىزگە چاي قۇيۇپ بىرىدۇ. ئەگەر ئىرىڭىز سىزنى ياخشى كۆرمىسە، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇ سىزدىن "نىمىشقا يېتىشنىڭ ئالدىدا چاي ئىچىۋىلىپ ئاندىن ياتمىغان" دەپ ئاغرىنىپ قاقشاپ كىتىدۇ.

3. پۇت-قولىڭىزنى ئىسسىتىپ قويسا
ئادەتتە، نۇرغۇن ئاياللارنىڭ قان ئايلىنىشى تۇغۇلما ياخشى ئەمەس كىلىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ پۇت-قوللىرى كۆپىنچە ئەھۋاللاردا سۇغۇق تۇرىدۇ. بولۇپمۇ فىزىلوگىيىلىك دەۋرى كىلىپ قالغان مەزگىلدە، ئۇلار يوتقانغا كىرگەن تەقدىردىمۇ پۇت-قوللىرى دەماللىققا ئىسسىپ بولالمايدۇ. شۇڭا، سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ئەر، ئۆزىنىڭ بەدىنى ئارقىلىق سىزنىڭ پۇت قوللىرىڭىزنى ئىسسىتىپ قويىدۇ؛ سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئەر كىشىنىڭ بولسا، بۇنداق ئىشلار بىلەن ئەسلا كارى يوق بولىدۇ.
4. قورسىقىڭىز ئېچىپ قالسا، ئورنىدىن تۇرۇپ سىزگە يەيدىغان نەرسە تەييارلاپ بەرسە
بەك كەچ بولۇپ كەتكەندە نەرسە يىسە ئادەم سەمىرىپ قالىدۇ، نۇرغۇن ناچار ئەرلەر قىز دوستىنىڭ بەدەن شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن قىز دوستىدىن ئايرىلىپ كىتىدۇ. ئەمما سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ئەر كىشىگە نىسبەتەن، ئۇنىڭ نەزىرىدە سىز ھەممىدىن مۇھىم، شۇڭا ئۇ سىزنىڭ كەچلىكى تاماق يەپ، بەدەن شەكلىڭىزنىڭ ئۆزگىرىپ كىتىشى بىلەن ھىسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ. ھەرقانچە كەچ بولۇپ كەتسىمۇ، سىز تەلەپ قىلسىڭىزلا، ئۇ سىز ئۈچۈن يەيدىغان نەرسە تەييارلاپ بىرىدۇ.

5. ئاۋال سىزنىڭ ئۇخلاپ قېلىشىڭىزنى ساقلىسا
سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئەر كىشى، ھەمىشە سىزنىڭ ئاۋال كارۋاتقا چىقىپ ئۇخلىشىڭىزنى ساقلاپ، سىز ئۇخلاپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئۇخلاشقا ياتىدۇ. چۈنكى ئۇ سىزنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكتىن، ئەگەر سىزدىن بۇرۇن ئۇخلاپ قالسا، سىز ئۇسساپ قالغان ۋاقىتتا، ياكى سىز ئىھتىياجلىق بولغان ۋاقىتتا خەۋەرسىز قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.
6. كىچىنى ئۇخلىماي ئۆتكۈزۈشىڭىزگە يول قويمىسا
ھازىرقى ياشلارغا نىسبەتەن، كىچىلىرى ئۇخلىماسلىق نورمال ئەھۋال بولۇپ قالغان. كىچىك ئاشىق-مەشۇقلار كىچىلىرى پاراڭلىشىپ، ئۇخلايدىغان ۋاقتى كىيىنگە كىتىدۇ. ئەمما سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئەر كىشى، سىزنىڭ ساغلاملىقىڭىزنى كۆزدە تۇتۇپ، سىزنىڭ كىچىنى ئۇخلىماي ئۆتكۈزۈشىڭىزگە ھەرگىز يول قويمايدۇ. سىزگە دەيدىغان گەپلىرى ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ، ئۇخلايدىغان ۋاقىتقا كەلگەندە، گەپلىرىنى توختىتىپ سىزنى ئۇخلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ.