ئېغىز پۇراش، ئېغىز بوشلىقىدا غەلىتە پۇراق بار بولۇشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇ گەرچە چوڭ كىسەللىك ھىسابلانمىسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. كۆپ تۈرلۈك تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ياشنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ئېغىزى پۇرايدىغان بولۇپ قېلىش ئىھتىماللىقى شۇنچە يۇقىرلاپ ماڭىدىكەن.
ئۇنداقتا، ئادەمنى بىزار قىلىدىغان بۇ ئېغىز پۇراش مەسىلىسىگە قارىتا، بىز زادى قانداق قىلىشىمىز كىرەك؟ بۇ سۇئالغا، نۇرغۇن كىشىلەر ئېغىزىنى چوتكىلاش دەپ جاۋاپ بىرىدۇ؛ ئېغىزىنى چوتكىلاش، ھەقىقەتەن بىر ئېغىز پۇراشقا قارشى تۇرۇش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇ ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتىرىيەلەرنى ئۈنۈملۈك ھالدا تازىلاپ، ئوكسىگىندىن قاچىدىغان باكتىرىيەلەرنى يوقىتىش ھەمدە ئېغىز پۇراپ قېلىش ئىھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
ئەگەر سىز چىشىڭىزنى چوتكىلىغاندىن كىيىمۇ، ئېغىزىڭىزدىكى غەلىتە پۇراقلار يەنە يوقىمىسا قانداق قىلىش كىرەك؟ تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ!
ئالدى بىلەن، بىرىنچى بولۇپ، تاماكا چىكىش ئادىتىڭىزنى تاشلىشىڭىز كىرەك. نۇرغۇن كىشىلەر، تاماكا چىكىشنىڭ زىيىنىغا ئىرەڭشىپ كەتمەيدۇ، ھەمىشە ئۇنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدىغان ئىش دەپ قارايدۇ. بىراق سىز بىلەمسىز؟ سىزنىڭ ئېغىزىڭىنىڭ پۇرىشىدىكى بىر قىسىم سەۋەپ، دەل تاماكا چىكىشتىن كىلىدۇ.

سىز ئېغىزىڭىزدىكى غەلىتە پۇراقنى يوقىتىش ئۈچۈن چىشىڭىزنى چوتكىلىغاندىن كىيىن، گەرچە سىزنىڭ ئېغىزىڭىزدىكى غەلىتە پۇراقلار يوقىغان بولسىمۇ، ئەمما سىز ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنە تاماكا چىكىسىز؛ بۇنىڭدا، تاماكا تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىلار چىشىڭىزنىڭ يۈزى قىسمىدا ساقلىنىپ قالىدۇ.
بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، سىز ئېغىزىڭىزدا غەلىتە پۇراق بولماسلىقىدىن ئۈمىد كۈتمەڭ؛ چۈنكى سىزنىڭ ئېغىزىڭىزدىكى غەلىتە پۇراقلار بارغانسىرى كۈچىيىپ، چىشىڭىز بارغانسىرى ئاقلىقىنى ۋە يالتىراقلىقىنى يوقىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئېغىزىدىكى غەلىتە پۇراقنى يوقىتىش ئۈچۈن، تاماكا تاشلىشىڭىز ئىنتايىن مۇھىم بىر ھالقا بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

ئىككىنچىسى بولسا، يىشىل چاي ئىچىپ ئادەتلىنىش ئۇسۇلىدۇر. مەسىلەن، لۇڭجىڭ چېيى، پۇئىر چېيى، بىلوچۈن چېيى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يىشىل چايدۇر. ئۇنداقتا، يىشىل چاينىڭ ئېغىز پۇراش بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بار؟ بۇ ئاساسلىقى، يىشىل چاي تەركىبىدە، چاي پونىفونول ماددىسى مول بولۇپ، بۇ ماددىنىڭ ھايۋاناتلار بەدىنىدە ئېلىپ بارغان تەجىربە نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ يەنە راكقا قارشى تۇرۇش، قېرىشنى ئاستىلىتىش، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈمى بارلىقى بايقالغان.
بۇندىن باشقا، چاي پونىفونول ماددىسىنىڭ يەنە ۋىروس ئۆلتۈرۈش رولى بار بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقىدىكى كۆپلىگەن ۋىروس-باكتىرىيەلەر ۋە ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋىروسلارغا نىسبەتەن، بەلگىلىك دەرىجىدە يوقىتىش ياكى توسۇش رولى بار. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، يىشىل چاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئېچىتىش قاتارلىق جەريانلار بولمىغاچقا، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى چاي پونىفونول ماددىسى خوراپ كەتمەيدۇ ياكى ئوكسىدلىنىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا، يىشىل چاي ئىچىپ ئادەتلىنىش، ئېغىزدىكى غەلىتە پۇراقلارنى يوقىتىشتىكى بىر ياخشى ئۇسۇل ھىسابلىنىدۇ.