قەنت سىيىشى كىسىلى(دىئابىت)، بىر خىل مىتابولىزىم تۈرىدىكى كىسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، قاندىكى قەنت مىقدارى ئېشىپ كىتىشتۇر. قەنت سىيىش كىسىلى دىگەن بۇ ئاتالغۇنى ئاڭلىسا، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ كىسەللىكنى تەبىئىلا قەنت بىلەن باغلىنىشلىق، تاتلىق يىمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ يىگەنلىك سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان دەپ قارايدۇ؛ بىراق ئەمىلىيەتتە، بۇ كىسەللىكنىڭ نامىدا گەرچە "قەنت" ئاتالغۇسى بار بولسىمۇ، ئەمما بۇ كىسەللىكنى "قەنت" كەلتۈرۈپ چىقارمىغان.
قەنت سىيىش كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك سەۋەبلىرى بار.

1. تۇرمۇش سەۋيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، بىز نۇرغۇنلىغان يۇقىرى ماي تەركبىلىك ۋە يۇقىرى ئاقسىللىق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىمىز، بۇ ئەھۋال بىزنىڭ بەدىنىمىزدىكى قاننىڭ تەركىبىدىكى قەنت مىقدارىنىڭ بارغانسىرى يۇقىرلىتىۋىتىدۇ؛ ئەمما ئادەم بەدىنىدىكى ئىنسۇلىن بولسا، قايتا شەكىللەنمەيدىغان ماددىدۇر. ھازىر بىزنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىمىز 75ياشقا يىتىدۇ، شۇڭا بەدىنىمىزدىكى ئىنسۇلىننىڭ ساقلىنىش مىقدارى ئەسلىدىنلا يىتىشمەيدۇ؛ بۇنىڭغا قاندىكى قەنت مىقدارىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ كىتىشى قوشۇلسا، ئادەم ئاسانلا قەنت سىيىش كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.
2. ھازىرقى ياشلار، كۈندۈزلىرى ئىشخانىدىكى ئۈستەل ئالدىدا مىدىرلىماي ئولتۇرىدۇ؛ كەچ تەرەپتە بولسا، ئۆيىدە ئويۇن ئويناپ، يەنە مىدىرلىماي ئولتۇرىدۇ. كەچ تەرەپتە بىر-ئىككى سائەت ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلغان بىلەنمۇ، چوڭ ئۈنۈمى بولمايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەنت سىيىش كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش خەتىرى ھەمىشە ئۆرە تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ.

3. ياغنىڭ يېغىلىپ قېلىشى، ئادەمنى ئاسانلا ئىككىنچى تىپتىكى قەنت سىيىش كىسەللىكى قىلىپ قويىدۇ؛ چۈنكى، بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن داۋاملاشسا، ئادەم بەدىنى قاندىكى قەنتنىڭ نورمال مىقدارىنى قامدايدىغانغا ئۇنچىۋالا كۆپ ئىنسۇلىن ئىشلەپ چىقىرىپ بولالمايدۇ.
4. مۇسكۇللارنىڭ چېنىقىشى يىتەرلىك ئەمەس. ئادەمنىڭ مۇسكۇللىرىدا، مۇسكۇل گىلىكوگېنى بار بولۇپ، مۇسكۇللار ھەرىكەت قىلغان ۋاقىتتا، مۇسكۇل گىلىكوگېنى يىمەكلىكنىڭ ھەزىم بولۇشىدىن ھاسىل بولغان قان قەنتىنى خورىتىۋىتىدۇ، بۇ سەۋەپلىك قاننىڭ قەنت مىقدارى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ. نۇرغۇنلىغان قەنت سىيىش كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ تاماق يىگەندىن كىيىن قاندىكى قەنت مىقدارى ئۆرلەپ كىتىپ، سىرتقا چىقىپ يېرىم سائەت سەيلە قىلغان ھامانلا تۆۋەنلەپ كىتىشى دەل مۇشۇ سەۋەپتىن بولىدۇ.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بىز ئادەتتە كۆپرەك بەدەن چېنىقتۇرۇپ، يىمەك ئىچمەك جەھەتتە مايسىز ۋە نىسبەتەن تۇزسىز ئىستىمالنى ئاساس قىلساق، قەنت سىيىش كىسەللىكىدىن يېراقراق تۇرالايمىز.