ھاياتلىق ئىشىگى بولغان بۆرەكنى ئاسراش بەك مۇھىم
10 يىل ئىلگىرى axpaz712 13317:ئادەم ئۆگەندى

 


 بۆرەك ئورگانىزىمدا ماددا ئالماشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، قان بېسىمنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشى، قىزىل قان دانچىسىنىڭ ئاز-كۆپ بولۇشى، سۇڭەكتىكى كالتىسىيلىق تۇز ماددىلىرىنىڭ ئاز-كۆپ بولۇشى بۆرەكنىڭ ئىچكى قىسمىدىن بۆلىنىپ چىقىدىغان ماددىلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. شۇڭا، جۇڭيىدا بۆرەكنى ھاياتلىق ئىشىگى دەپ ئاتايدۇ.
    بۆرەكنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى رولى شۇنچە مۇھىم تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ كېسەللىك ئۇزگىرىشىنى دەسلەپكى قەدەمدىلا نېمە ئۈچۈن سېزىۋالغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭدا؛ ئىككى بۆرەك 3 مىليون بۆرەك بىرلىكىدىن تەركىپ تاپقان، ھەر قايسى بۆرەك بىرلىكى كومپېنساتسىيەلىك ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ ئىقتىدارىغا تايىنىپ ئاڭلىق ھالدا ئىشلەۋېرىدۇ.
    بۆرەك مىنۇتىغا 1.2 لېتىر قاننى سۇزۇپ تازىلايدۇ. بەش مىنۇتتا پۈتۈن بەدەندىكى قاننى بىر قېتىم سۈزۈپ بولىدۇ. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ناھايىتى ئېغىر، بىراق بۆرەك بىرلىكى قايتا ئۆسمەيدۇ، بىرىسى كاردىن چىقسا، بىرىسى ئازىيىپ مېڭىۋېرىدۇ. كوپېنساتسىيە ئىقتىدارىنى يوقاتقاندا، بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقى بىلىنىدۇ. شۇڭا، تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
    1.بۆرەكتە كېسەل كۆرۈلمىگەن ياكى بۆرەك ساغلام ۋاقىتتىن باشلاپ بۆرەكنى ئاسراشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۆرەكتە كېسەللىك ئۆزگىرىش كۆرۈلگەندە، مەسىلەن، بەدەن ئىششىغاندا، قان بېسىمى يۇقىرى بولغاندا، سۇيدۇك يولى غىدىقلانغاندا، بەل قىسمى تېلىپ ئاغرىغاندا، سۇيدۇكتىن كۆپ مىقداردا ئاقسىل ماددىلىرى بايقالغاندا، قان ئازلىق، ماغدۇرسىزلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۇلسە، دەرھال دوختۇرغا بېرىپ، ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىپ داۋالىنىش كېرەك.
    2.بىر قىسىم دورىلار بۆرەككە زىيانلىق، مۇمكىن بولسا ئۇلارنى ئىچمەسلىك كېرەك.
    3.كۈندىلىك ئۈچ ۋاق ئوزۇقلۇققا دىققەت قىلىش، دائىم سۇپەتلىك ئاقسىل ماددىلىرىنى ئىستېمال قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
    4.ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش بۆرەكنى ئاسراشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
    5.ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن چىنىقىش ئۇسۇللىرىنى تاللاپ، ھەرىكەت بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2015-11/11/content_471610.htm 

ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر ئاشقازان راكىدىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك

ئاشقازان راكى كۆپ كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر، مەملىكىتىمىزدە ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ب

ئەرلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش!!!

ئاق ياقىلىق خىزمەتچى، غوللۇق خادىم ۋە زىيادە قابىلىيەتلىك ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلە

دادا بولغاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان 5 ئۆزگىرىش

ھاياتلىق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئامېرىكا چىكاگو غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېڭىدىن

چېنىقىشتىكى يېڭى مودا - پەلەمپەيدىن چىقىش

ھازىر، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يېڭى بىر خىل چېنىقىش ئۇسۇلى بولغان پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈشنى سىناپ كۆرمەكتە. 10

ئەرلەردىكى ئۇرۇقنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشلار

تۆۋەندىكى ئىش-ھەرىكەتلەر ئەرلەردىكى ئۇرۇق سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ، ئاجىزلىشىشىغا ھەتتا ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.

بۆرەك ئاجىزلىقىغا مەنپەت قىلىدىغان 10 ئاددىي غىزا

تۆۋەندىكى ئەتراپىمىزدىنلا تېپىلىدىغان يېمەكلەر ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号