​ئەرلەر بۇ ئۇسۇللارنى بىلسىڭىزلا بالدۇر قېرىشىڭىزنى كېچىكتۈرەلەيسز‍
7 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 40026:ئادەم ئۆگەندى

 1.ئۆزىگە ئىشىنىش

ئۆزىڭىزنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىڭىزنىڭ نورمال ئىكەنلىكىگە ئىشىنىڭ، قامەتلىكىڭىز، كۆپىيىش ئىقتىدارىڭىزدىن قالمىغانلىقىڭىز ھەرۋاقىت ئېسىڭىزدە بولسۇن. روھىي جەھەتتىن غالىب كېلىش كېرەك، بۇ ئوتتۇرا ياشلىقلار نىسبەتەن ئەڭ ھالقىلىق بىر مەسىلە.

 

2. سىرتقى قىياپىتىڭىزنىڭ ياشلىشىشىغا ئېتىبار بېرىڭ

ياشانغانلارنىڭ ياشارغۇسى كېلىدۇ، ئورگانىزىملارمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىدۇ؛ ئەكسىنچە، دائىم قېرىپ كېتىشتىن قورقۇپ، توختىماي ئاھ ئۇرۇپ "ئاھ قېرىلىق" دەپ ئۇھسىنسىڭىز، روھىي جەھەتتىن قېرىلىقنىڭ ئەسىرىگە چۈشكەن بولىسىز، ھەمدە ناھايىتى تېزلا قېرىلىق باسىدۇ.

 

3. دائىم تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئادەتلىنىڭ

ئاستا يۈگىرەش ياكى پىيادە مېڭىش، بەدەننىڭ تۆەن قىسمىنى نۇقتىلىق چېنىقتۇرۇش. جىنسىي ئىقتىدارنىڭ ئاجىزلىشىشى ھالقىسى بەل، پۇتلاردىن باشلىنىدۇ. ساغلاملىق مۇتەخەسىسلىرى ئوتتۇرغا چىقارغان "جىنسىيەت مەشىقى ئۇسۇلى"دا ھەربىر ھەرىكەت جىنسىي تۇرمۇشتا ئېھتىياجلىق بولغان موسكۇللارنى چېنىقتۇردىغانلىقى ئېيتىلغان. مۇشۇ ئۇسۇلدا ئېيتىلغىنى بويىچە قىلسىڭىزلا، بەدىنىڭىزنىڭ راھەت بولۇپ قالغانلىقىنى ۋە روھىي جەھەتتىن كۆتۈرەڭگۈ بولغاندەك ھېس قىلىسىز، مۇسكۇللىرىڭىزنىڭمۇ چىڭىپ قالغانلىقى ئېنىقلا بىلىنىدۇ.

 

4. يىمەك-ئىچمەك ئوزۇقلۇق ئادىتى

مۇۋاپىق ھالدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىستىمال قىلىپ تۇرۇش، چۈنكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەركىبىدە"سىنىك"ماددىسى يۇقىرى بولۇپ، ئەرلەرنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق.

 

5.تۇرمۇشتا  يۇمۇرىستك بولۇش

يۇمۇرىستىكىلىق ۋە قىزىقچىلىق ياشلىقنى ساقلاشتىكى ئەڭ چوڭ رېتسىپ. بولۇپمۇ ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىكى، شەھەرلىكلەرنىڭ تۇرمۇش بېسىمىنىڭ يۇقىرى بولۇشى قاتارلىقلار، بەدەننىڭ ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشگە سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ. يەنە كىشلەرنىڭ "ياش قېرىسىمۇ كۆڭۈل قېرىماپتۇ" دەپ ئېيتقىنىدەك، ياش چوڭايغانسېرى بەزەنلەرنىڭ جىنسىي تەلىپى كۈچىيىپ بارىدۇ، جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىگە ئالاھىدە دىققەت ئېتىبار بىلەن قارايدۇ، شۇڭا ياخشى كەيپىيات، خوشال-خوراملىق، خۇشچاخچاقلىقنى ئۆزىڭىزگە ھەمراھ قىلىڭ.

 


6. كۆڭلى-كۆكسىنى كەڭ تۇتۇش

ئوچۇق-يورۇق مىجەزلىك بولۇش، ئەتراپىدىكى ئىشلاردىن نارازلىق كەيپىياتتا بولماسلىق، كۆڭلى-كۆكسىنى كەڭ تۇتۇش قېرىماسلىقنىڭ دورىسى. روھىي جەھەتتىكى زەئىپلىشىش، ئەندىشە ئىچىدە دائىم تىت-تىت بولۇش ئەرلەرنىڭ قايىم بولۇش توسالغۇسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

7.يامان ئادەتنى تاشلاش

ھاراق-تاماكا، قىمار قاتارلىق يامان ئادەتنى ئۈزۈل-كېسىل تاشلاش، يېتەرلىك ئۇيقۇنى ساقلاش.

 


8. ھەركۈنى ۋىتامىن ئىستىمال قىلىش

ھەركۈنى ۋىتامىن Eنى ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، بەدەننىڭ قېرىشىنى ھەم جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ چېكىنشنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ.

 شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى ماتېرىيالغا تەييارلىغان.

ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر ئاشقازان راكىدىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك

ئاشقازان راكى كۆپ كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر، مەملىكىتىمىزدە ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ب

ئەرلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش!!!

ئاق ياقىلىق خىزمەتچى، غوللۇق خادىم ۋە زىيادە قابىلىيەتلىك ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلە

دادا بولغاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان 5 ئۆزگىرىش

ھاياتلىق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئامېرىكا چىكاگو غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېڭىدىن

چېنىقىشتىكى يېڭى مودا - پەلەمپەيدىن چىقىش

ھازىر، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يېڭى بىر خىل چېنىقىش ئۇسۇلى بولغان پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈشنى سىناپ كۆرمەكتە. 10

ئەرلەردىكى ئۇرۇقنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشلار

تۆۋەندىكى ئىش-ھەرىكەتلەر ئەرلەردىكى ئۇرۇق سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ، ئاجىزلىشىشىغا ھەتتا ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.

بۆرەك ئاجىزلىقىغا مەنپەت قىلىدىغان 10 ئاددىي غىزا

تۆۋەندىكى ئەتراپىمىزدىنلا تېپىلىدىغان يېمەكلەر ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号