بالىڭىزنى ھەرگىز ئاشخانىغا كىرگۈزمەڭ...
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 284792:قېتىم كورۇلدى

   ئەگەر بالىڭىز ئون مىنۇتتىن ئارتۇق جىمىپ قالسا، بۇنىڭدىن خۇشال بولۇپ كەتمەڭ؛ چۈنكى، سىزنى ساقلاۋاتقىنى چۆچۈش بولۇشى مۇمكىن.
   ئەگەر بالىڭىز تۇيۇقسىزلا سىزگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىسا، ئۇنداقتا سىز ھۇشيارلىقىڭىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇشىڭىز لازىم.
   يېقىندا، مىكرو بىلوگدا مۇنداق بىر فىلىم كۆردۈم...
   بالا خېلى ئۇزۇنغىچە جىمىپ قالغاندىن كېيىن، لېكىن ئۆيدىكى بىر ساندۇق كالا سۈتى يوقاپ كەتكەن.
   ئەجابا ئۇ بىرەر ئىلمىي تەجرىبە ئىشلىمەكچىمىدۇ؟
   ياق، ئۇلار پەقەت بىر سىھرىگەرلىك ئېلىپ بارغان.
   ئاجايىپ ئىش، بالا كالا سۈتىنى كارىۋاتقا تۆككەندىن كېيىن، كالا سۈتى پۈتۈنلەي يوق بولۇپ كەتكەن. ئەجابا سىزنىڭچە بۇ بىر ھەيرانلىق ئەمەسمۇ؟
   ئارتۇق گەپ قىلمايلا، كارىۋاتنى بېسىپ سىناپ بېقىڭ، ياكى كىيىمىڭىزنى سېلىۋىتىپ كارىۋاتقا چىقىپ يېتىپ سىناپ بېقىڭ!
   چۈنكى ھەر نېمە دېگەن بىلەن، بۇ بالىڭىزنىڭ سىزگە قىلغان سوۋغىسى!
   بۇ فىلىمنىڭ ئاستىغا، بىر ئانا مۇنداق دەپ پىكىر قالدۇرۇپتۇ: مەن بۇ فىلىمنى كۆرۈپ خۇشاللىق ۋە سېلىشتۇرغاندىن كېيىنكى قانائەت ھېس قىلدىم.
   چۈنكى، ئۇنىڭ كۆرگەنلىرى ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس ئىكەن.
   مەسىلەن، كومپىيوتىرنى بۇياپ بىر نەرسىگە ئوخشىتىپ قويغان بۇ قەھرىماننىڭ ئىجادىي ئەسىرى...
   يەنە مەسىلەن، بالىلار مىنرالنى سۇنىڭ ئېغىزىنى ئاچالمىسا، ئۇششاق يىمەكلىك ئورالمىسىنىڭ ئېغىزىنى ئاچالمىسا، ئۇلارغا ھەرگىز ئالدىنىپ قالماڭ؛ چۈنكى ئۇلار، سۈت پاراشوكى، ئىستېمال مېيى، ئۇن قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ئېغىزىنى، سىكونتقا قالمايلا ئېچىۋىتىدۇ.
   يەنە بۇ ئالما تېلېفونمۇ بار...
   ئېكراندا كۆرۈنگەن ۋاقىت بويىچە ھېسابلىغاندا، 50يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئېچىشقا بولغۇدەك.
   بالىڭىزنى ھەرگىز ئاشخانا ئۆيگە كىرگىلى قويماڭ، بولمىسا ھاياتىڭىز بىلەن ئويناشقانغا ئوخشاش!
   بىر بوتولكا جىياڭيۇ، ئۇلارنى شۇ ھامانلا كاتتا رەسسامغا ئايلاندۇرۋىتەلەيدۇ.
   ئەگەر سىزنىڭ تەلىيىڭىز كېلىپ ئىككى ئوغۇل بالىلىق بولغان بولسىڭىز، بىر بوتولكا جىياڭيۇ بىلەنلا ئۇلارنى يېرىم كۈن تىنچلاندۇرالايسىز.
   قارىماققا بۇ بالىنىڭ تېخنىكىسى يامان ئەمەستەك قىلىدۇ، ئادەتتە خېلى كۆپ مەشىق قىلغان ئوخشايدۇ.
   دىققەت، بۇلار ئادەتتىكى كېرەكسىز قەغەز ئەمەس؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە چوڭ بالامنىڭ تاپشۇرۇقى ۋە خىزمەت ئورنىغا كىرىپ چىقىش رۇخسەت خېتى بار.
   ئاران دېگەندە بىر ۋاخلىق چۈشلۈك تاماقنى قولىقىم تىنچ ھالدا تەييارلاپتىكەنمەن، مىھمانخانا ئۆي مۇشۇنداق بولۇپ قاپتۇ.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号