ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ يېمەكلىكلەرنى قالايمىقان يىمەڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 15520:قېتىم كورۇلدى
   ھامىلدار بولغاندىن كېيىن، ھەر قايسى جەھەتلەردىن كۆپرەك دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئادەتتە، ھامىلدار ئاياللار، نېمىلا كۆرسە قالايمىقان يەۋەرسە بولمايدۇ، بولمىغاندا ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىغا ۋە قورسىقىدىكى بالىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ئادەتتە تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى قالايمىقان يېمەسلىك كېرەك.
پالەك
   پالەكنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى ئىنتايىن مول، لېكىن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە زور مىقداردا ئوكسالىك كىسلاتاسى بار؛ ئوكسالىك كىسلاتاسى، ئادەم بەدىنىنىڭ كۆپ خىل ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
دولانا(山楂)
   ھامىلدار ئاياللار دولانا يىيىشكە بولمايدۇ، بۇنى كۆپ قىسىم كىشىلەر بىلىدۇ؛ چۈنكى، دولانا بالىياتقۇنىڭ يېغىلىپ تارىيىشىنى (تولغاق تۇتۇشنى) كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئېغىر بولغاندا بالىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 
بىر قىسىم جۇڭيى دورىلىرى
   ئادەمگىياھ، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدىغان جۇڭيى دورىسى بولۇپ، بەدىنى ئاجىزلىشىپ كەتكەن كىشىلەر بولسۇن ياكى يېڭى كېسەلدىن ساقايغان ئادەم بولسۇن، ئادەمگىياھ ئارقىلىق بەدىنىنى قۇۋۋەتلەشكە مۇھتاج بولىدۇ؛ لېكىن، ھامىلدار ئاياللار ئادەمگىياھ ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ. ئادەمگىياھنىڭ بالىياتقۇدىن قان چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋىپى بار بولۇپ، ھامىلدار ئايالدىكى كۆڭۈل ئاينىپ ياندۇرۇش ئەھۋالىنىمۇ ئېغىرلىتىۋىتىشى مۇمكىن.
ئىسپىرت
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھاراققا يېقىن كىلىشكە بولمايدۇ، بولمىسا ھاراق تەركىبىدىكى ئىسپىرت ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنى ئارقىلىق ھامىيلە بەدىنىگە ئۆتسە، ھامىيلىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىنىڭ ياخشى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号