ئادەتتە، ئاتا-ئانىلار بوۋاق بالىلارنىڭ پۇت قوللىرىنىڭ بەزىدە مۇزدەك بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بايقىغان بولۇشى مۇمكىن؛ بۇنداق ۋاقىتتا، كۆپ قىسىم ئاتا-ئانىلار، بالىلارغا كىيىمنى ئاز كېيدۈرۈپ قويغان ئوخشايمىز دەپ ئويلاپ، ئۇلارغا بەك كۆپ كىيىم كېيگۈزۈپ، ئەكسىچە بالىنى كېسەل قىلىپ قويىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ئاتا-ئانىلار چوقۇم چۈشىنىپ يىتىشى كېرەك: بوۋاقلارنىڭ پۇت قوللىرىنىڭ سوغۇق تۇرىشى نورمال ئەھۋال، ئەكسىچە، ئەگەر قىزىپ قالسا، بۇ كىيىمنى بەك قېلىن كېيگۈزگەنلىكنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇنداقتا، نېمىشقا بالىلارنىڭ ئەھۋالى چوڭلارنىڭكى بىلەن ئوخشىمايدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە:
بەدەن تىمپراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى ناچار
نورمال ئەھۋال ئاستىدا، بالىلار بەك سوغۇق ياكى بەك ئىسسىق مۇھىتتا تۇرۇپ قالسا، ئۇلار بەدەن تىمپىراتۇرسىنى ئاسانلىقچە تەڭشىيەلمەيدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قان ئايلىنىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى: بالىنى ئىمكان قەدەر تىمپىراتۇرىسى ۋە نەملىكى مۇۋاپىق مۇھىتتا بېقىش كېرەك؛ بۇنىڭدا، بوۋاقنىڭ پۇت قوللىرى سوغۇق تۇرىدىغان ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ. ئەگەر ئۆيدە بولسا، ئۆينىڭ تىمپىراتۇرىسى 25 سىلتسىيە گىرادوس ئەتراپىدا بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.

كىيىمنى ئاز كېيگۈزۈش ياكى بەك چىڭ سىقىپ كېيگۈزۈش
ئىشىنىمەنكى، مۇتلەق كۆپ قىسىم قورامىغا يەتكەن كىشىلەرمۇ، ھاۋا سوغۇق ئەھۋال ئاستىدا ئۆزلىرىنىڭ پۇت قوللىرىنىڭ يەنىلا ئىللىق تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ، كىچىك بوۋاقلار تېخىمۇ ھەم شۇنداق؛ ئەگەر بۇنىڭغا بوۋاققا كىيىمنى ئاز كېيگۈزۈش قوشۇلسا، ئۇلار تېخىمۇ توڭلاپ، پۇت قوللىرى تەبىئىيلا مۇزدەك سوغۇق تۇرىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
بۇندىن باشقا يەنە بىر ئەھۋال، بالىغا كىيىمنى يىتەرلىك قېلىن كېيگۈزگەن بولساقمۇ، ئەمما بەك چىڭ كىلىدىغان كىيىم كېيگۈزۈپ قويساق، بالىنىڭ قان ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئوخشاشلا پۇت قوللىرىنىڭ سوغۇق تۇرىدىغان بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى: بىز بالىنىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچى بىلەن ئارقا مېڭىسى تەرەپنى تۇتۇپ باقساق، ئەگەر بۇ ئىككى جاي ئىللىق بولسا، ئۇنداقتا بالىنىڭ پۇت قوللىرىنىڭ سوغۇق تۇرىشىنى، كېيگەن كىيىم ئاز بولۇپ قالغانلىق كەلتۈرۈپ چىقارمىغان بولىدۇ.
بۇندىن باشقا، بالىنىڭ كىيىمىنىڭ بەك چىڭ بولۇپ قالماسلىقىغا دىققەت قىلىش ھەمدە بوۋاقنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم قىلىشىمىز لازىم.

كېسەللىك سەۋەبىدىن
ئەگەر بوۋاقتا قىزىش، قان ئازلىق، ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بۇ ئەھۋاللارمۇ ئۇلارنىڭ پۇت-قوللىرىنىڭ سوغۇق تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا يەنە، بوۋاقنىڭ يۈرەك كۈچى ئاجىز بولسا، قان بېسىمى تۆۋەنلەپ كېتىپ، قان بالىنىڭ پۇت قوللىرىغا تولۇق بېرىپ بولالمىغانلىق سەۋەبىدىنمۇ ئۇلارنىڭ پۇت قوللىرى سوغۇق تۇرىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى: ئەگەر بالىلاردا، پۇت قوللىرى سوغۇق تۇرۇشتىن باشقا، ئۇلاردا يەنە چىرايى ئاقىرىپ كېتىش، كالپۇكلىرى گەز باغلاش، يېغا ئاۋازى ئاجىزلاپ قېلىش، ھەرىكىتى ئاز ياكى ئاسان چارچايدىغان قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئۇلارنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.