يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ياستۇق قويۇپ ياتقۇزساق بولامدۇ؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6873:ئادەم ئۆگەندى
   يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۇمۇرتقا سۆڭىكى، تېخى فىزىلوگىيەلىك تەبىئىي ئىگىلىشنى شەكىللەندۈرمىگەن بولۇپ، ئاساسى جەھەتتىن تۈپتۈز كېلىدۇ، ئوڭدىسىغا تۈز ياتقان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ دۈمبە قىسىمى، بويۇن قىسىمى ۋە ئارقا مىڭىسى، ئاساسى جەھەتتىن بىر تەكشىلىك يۈزىدە بولىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ دۈمبە قىسمىدىكى مۇسكۇللار بوش كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ باش قىسىمى نىسبەتەن چوڭ بولۇپ، ئاساسەن دېگۈدەك مۈرىسى بىلەن ئوخشاش كەڭلىكتە كېلىدۇ، بۇ سەۋەبلىك ئۇلارنى يان تەرىپىنى بېسىپ ياتقۇزغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ بېشى بىلەن بەدىنى يەنىلا بىر تەكشىلىك يۈزىدە بولىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ بويۇن ئۇمۇرتقىسى زەخمىگە ئۇچرايدىغان ئەھۋال بولمايدۇ.
   بۇنىڭدىن بىلىۋىلىشقا بولىدۇكى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ياستۇق قويۇپ ياتقۇزۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
   ئەكسىچە، ئەگەر قويۇپ بەرگەن ياستۇق ئېگىز كىلىپ قالسا، ئۇلارنىڭ بويۇن ئۇمۇرتقىسىنىڭ زىيادە ئېگىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يېڭى توغۇلغان بوۋاقنىڭ نەپەسلىنىشى ۋە يېمەكلىك يۇتىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، تاسادىپىي ئەھۋال كېلىپ چىقىش خەتىرىنى ئاشۇرىۋىتىدۇ.
   تۆۋەندە بىز، چوڭلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ياستۇق قويۇپ يېتىشقا ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى!
   تۆۋەندىكىسى،  ئادەمنىڭ ئۇمۇرتقا سۆڭىكى رەسىمى:
   ئادەمنىڭ ئۇمۇرتقا سۆڭىكىدە، فىزىلوگىيەلىك ئەگمىدىن تۆتى بار، ئەڭ يۇقىرى قىسىمدىكى ئەگمە بويۇن ئەگمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بىز ئۇخلىغان ۋاقىتتا، ياخشى ئۇخلايمەن دېسەك، بۇ فىزىلوگىيەلىك ئەگمە راھەت ھالەتنى ساقلىشى كېرەك؛ بۇ ۋاقىتتا بىز، ئېگىزلىكى مۇۋاپىق بولغان ياستۇققا ئېھتىياجلىق بولىمىز.
   لېكىن سىز، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۇمۇرتقىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
   يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تېخى تولۇق يىتىلىپ بولالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۇمۇرتقا سۆڭىكىدىكى بويۇن ئەگمىسى تېخى شەكىللىنىپ بولالمىغان بولىدۇ، ئادەتتە بالىلار تۆت ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا، ئاندىن ئازراق ئەگمە شەكىللىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئەڭ راھەت بولغان ئۇخلاش ھالىتى، تۈز يېتىپ ئۇخلاش بولىدۇ. ئەگەر ئۇلارغا ياستۇق قويۇپ بەرسەك، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ بويۇن ئۇمۇرتقا سۆڭىكىگە بېسىم چۈشۈپ قالىدۇ.
   ئەگەر بوۋاقتا سۈت قۇسىدىغان ياكى سۈت يېنىپ چىقىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، ئۇنداقتا لۆڭگىنى قاتلاپ ياكى كىچىك ياستۇقتىن بىرەرنى قويۇپ، بەدىنىنىڭ ئۈستى قىسىمىنى ئازراق كۆتۈرۈپ بەرسەك بولىدۇ.
   ئۇنداقتا، بوۋاققا قايسى ۋاقىتتا ياستۇق قويۇپ بەرسەك بولىدۇ؟
   ئامېرىكا بالىلار كېسەللىكى ئىلمى جەمئىيىتى، 2016-يىلىدا بوۋاقلار ئۇخلاش مۇھىتىغا قارىتا بەرگەن تەكلىپتە، بوۋاقلارنىڭ بىر ياشقا توشقاندىن كېيىن ئاندىن ياستۇق ئىشلىتىشكە باشلىشىنى تەۋسىيە قىلغان.
   بۇندىن بۇرۇن، ياستۇق ئىشلىتىشكە بولمايلا قالماي، ياستۇقنى ھەتتا بوۋاقلار كارىۋىتىدا قويساقمۇ بولمايدۇ؛ بولمىغاندا، بوۋاق ئۆرۈلۈپ ئوينىغان ۋاقىتتا، ياستۇق ئۇنىڭ ئېغىز-بۇرۇنلىرىنى توسۇۋىلىپ، نەپەسلىنەلمەي قېلىشى مۇمكىن.
   لېكىن، ھازىر ئاز بولمىغان بالىلار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېڭى قارىشى بولسا، بالىلار ئىككى ياشقا توشقاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇلارغا ياستۇق قويۇپ بىرىش.
   بۇ يەردىكى بىر ياش ياكى ئىككى ياش، مۇقىم بېكىتىۋىتىلگەن ۋاقىت ئەمەس؛ ئەمەلىيەتتە، بىز بوۋاقنىڭ بەدىنىنىڭ يىتىلىشىگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلساق بولىدۇ.
   مەسىلەن، بوۋاق ئاسانلا ئۆرۈلەلەيدىغان ياكى ئولتۇرالايدىغان بولسا ھەمدە ئۇخلىغان ۋاقىتتا كاللىسىنى يوتقانغا قويۇۋالىدىغان بولۇپ قالسا، ۋە ياكى سىزنىڭ بىلىكىڭىزگە بېشىنى قويۇپ ئۇخلايدىغان بولىۋالسا، بۇ بوۋاقلارنىڭ كاللىسىغا بىرە نەرسە قويۇپ ئۇخلىسا تېخىمۇ راھەت ھېس قىلىدىغانلىقىنىڭ ئالامىتى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئۇلارغا ياستۇق قويۇپ بىرىشنى باشلىساق بولىدۇ.

ئانىنىڭ ياسىنىشنى ياخشى كۆرۈش كۆرمەسلىكى بالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

ئانىنىڭ ياسىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرۈشى ياكى كۆرمەسلىكى، بالىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ خىل تەسىر بالا قورامىغا يەتكەندىن كىيىن

بوۋاقلارنىڭ "تەسلىم بولۇش" شەكلىدىكى ئۇخلاش ھالىتى

يېقىندا بەزى ئانىلار سۆز قالدۇرۇپ، بوۋىقىنىڭ تەسلىم بولغانغا ئوخشاش قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۋىلىپ ئۇخلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنداق ئەھۋ

تۇغۇتتا ياخشى كۈتۈنمىسىڭىز بۇ ئۈچ ئىشتىن قۇتۇلالمايسىز

يىڭى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كۈتۈنىشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەگەر تۇغۇت كۈتۈنىشى ياخشى بولمىسا، كىيىلىك تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۈگۈن ك

بالىلارنىڭ گېلىغا نەرسە تۈرۈپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك

كىچىك بالىلاردا، ئادەتتە تاماق يىگەن ۋاقىتتا گېلىغا سۆڭەك ياكى باشقا يىمەكلىك تۈرۈپ قالىدىغان، ياكى بولمىسا بىرەر نەرسە ئويناپ يۈتۈپ س

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قورسىقىڭىزنى قولىڭىزدا تاتىلىماڭ

ئايال كىشى ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھامىلدارلىق ئوتتۇرا ياكى ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە، نۇرغۇنلىغان ھامىلدار ئاياللاردا ھەمىشە قورسىقى

بوۋاقنىڭ كۆزلىرى چىرايلىق تۇغۇلۇشقا پايدىلىق يېمەكلىكلەر

ھامىلدار ئايال سەۋزىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسە، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنى ئارقىلىق ھامىيلىگە ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ كۆزىگە پايدىلىق تەسىر

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号