ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى قەۋزىيەتنى ياخشىلاش ئۇسۇللىرى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 11098:ئادەم ئۆگەندى
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنىدىكى ھورمۇنلاردا ئۆزگىرىش كۆرىلىدىغان بولغاچقا، بەدىنىنىڭ ھەرقايسى سىستېمىلىرىدا بەلگىلىك ئۆزگىرىش كۆرىلىدۇ؛ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى دەل بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولۇپ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى چىش مىلىكى ئىششىپ قېلىش، ئاشقازان ئېچىشىش، ئۆت ياللۇغى ۋە ئۆتكە تاش چۈشۈش، بۇۋاسىر ۋە قەۋزىيەت قاتارلىقلارنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرىلايدۇ ياكى ئەسلىدە بار بولغان ئالامەتلەر ئېغىرلايدۇ.
   بۇنىڭ ئىچىدە ھامىلدار ئايالنى ئەڭ بىئارام قىلىدىغىنى قەۋزىيەت بولۇپ، گەرچە ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋال بولسىمۇ، ئەگەر بۇنىڭغا ئىتىبار بىلەن قارىمىساق، ھامىلدار ئايالدا قورساق ئاغرىش، قورساق كۆپۈش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئۈچەي توسۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە ھامىيلىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش خەۋىپىنى ئېلىپ كىلىپ، ئانا-بالىنىڭ ھاياتىغا ئېغىر دەرىجىدە خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.

ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللاردىن قايسىلار بار؟
   1. ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ھورمۇن سەۋيىسىنىڭ ئېشىپ كىتىشى، ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرى سىيلىق مۇسكۇلنىڭ تارتىشىش كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ سەۋەپلىك ئاشقازان-ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئازايتىۋىتىدۇ ھەمدە چوڭ تەرەتنىڭ چوڭ ئۈچەيدە توختاپ قېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىۋېتىدۇ.
   2. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يوغىناپ كەتكەن بالىياتقۇ، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ يۇقىرىغا ھەم ئىككى تەرەپكە يۆتكىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يېمەكلىكنىڭ ئاستى تەرەپكە يۆتكىلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋىلىدۇ؛ بۇندىن باشقا، ھامىلدار ئايالنىڭ بوغما ئۈچىيىمۇ بېسىلىشقا ئۇچراپ، بۇ سەۋەپلىك قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   3. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يىمەكلىك تالا ماددىسى قوبۇل قىلىش يىتەرلىك بولماسلىق.
   4. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھەرىكەتلىنىش قولايسىز بولغانلىق سەۋەبىدىن، ھەرىكەت مىقدارى ئازىيىپ كىتىپ، بوغما ئۈچەينىڭ قىمىرلىشى ئاستىلايدۇ ۋە سۇ تەركىبىنى سۈمۈرۈش مىقدارى ئاشىدۇ؛ بۇ سەۋەبلىك، چوڭ تەرەت ئاسانلا قېتىۋېلىپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىش تەسلىشىدۇ.
   5. ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ۋىيتامىن قوبۇل قىلىش، ئادەم بەدىنىدىكى تۆمۈر ماددىسىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۋىتىپ، بوغما ئۈچەيگە قان تولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك قەۋزىيەت كۆرىلىدۇ.
   6. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كالتسىي ماددىسى تولۇقلاش بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، بەدەنگە قوبۇل قىلىنغان كالتسىي ماددىلىرى ئوكسالىك كىسلاتا، فىتىك كىسلاتا، ياغ قاتارلىقلار بىلەن بىرىكىپ، ئىرىمەيدىغان ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ؛ بۇندىن باشقا، قوبۇل قىلغان كالتسىي ماددىسى كۆپ بولغانسىرى، سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى شۇنچە تۆۋەنلىشىپ، چوڭ تەرەت بىلەن قوشۇلۇپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدىغان كالتسىي شۇنچە كۆپ بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا چوڭ تەرەتنىڭ قېتىۋىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.
   7. تەرەتكە ئولتۇرغاندا يانفون ئويناپ دىققەت چېچىلىپ كەتكەنلىكتىن، تەرەت قىلىش ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىدۇ.

ھامىلدارلىقتىكى قەۋزىيەتنى ياخشىلاش ئۇسۇللىرى
   1. يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش: يېمەكلىك تالا ماددىسى تەركىبى مول بولغان كۆكتاتلارنى، يىرىك ئاشلىق قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستىمال قېلىش؛ بانان، ئاپلىسىن قاتارلىق مىۋە چىۋىلەرنىمۇ كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، گۆش تۈرى بىلەن مىۋە-كۆكتاتلارنى نورمال ماسلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىش لازىم.
   2. سۇنى كۆپرەك ئىچىپ، مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەت قىلىپ بەرسەك، ئاشقازان ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.
   3. ئاچ قوساققا بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچىپ بىرىش ياكى 2-1تال بانان يىيىش.
   4. كالتسىي بىلەن ۋىيتامىننى تولۇقلاش مۇۋاپىق ھەم لايىقىدا بولۇش.
   5. مۇقىم بىر ۋاقىتتا چوڭ تەرەت قىلىش ئادىتىنى ۋە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ تەرەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، دىققەتنى چاچىدىغان يانفون ئويناش قاتارلىق قىلمىشلاردىن ساقلىنىش.
   6. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، خۇشال روھى كەيپىياتنى ساقلاش ۋە ئارام ئېلىش ۋاقتىنىڭ قانۇنىيەتلىك بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، بۇ نۇقتا ئەڭ مۇھىم.
   7. ئەگەر يۇقارقى ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى كار قىلمىسا، ئۇنداقتا دوختۇرلاردىن مەسلىھەت ئېلىپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بارساق بولىدۇ.

ئانىنىڭ ياسىنىشنى ياخشى كۆرۈش كۆرمەسلىكى بالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

ئانىنىڭ ياسىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرۈشى ياكى كۆرمەسلىكى، بالىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ خىل تەسىر بالا قورامىغا يەتكەندىن كىيىن

بوۋاقلارنىڭ "تەسلىم بولۇش" شەكلىدىكى ئۇخلاش ھالىتى

يېقىندا بەزى ئانىلار سۆز قالدۇرۇپ، بوۋىقىنىڭ تەسلىم بولغانغا ئوخشاش قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۋىلىپ ئۇخلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنداق ئەھۋ

تۇغۇتتا ياخشى كۈتۈنمىسىڭىز بۇ ئۈچ ئىشتىن قۇتۇلالمايسىز

يىڭى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كۈتۈنىشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەگەر تۇغۇت كۈتۈنىشى ياخشى بولمىسا، كىيىلىك تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۈگۈن ك

بالىلارنىڭ گېلىغا نەرسە تۈرۈپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك

كىچىك بالىلاردا، ئادەتتە تاماق يىگەن ۋاقىتتا گېلىغا سۆڭەك ياكى باشقا يىمەكلىك تۈرۈپ قالىدىغان، ياكى بولمىسا بىرەر نەرسە ئويناپ يۈتۈپ س

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قورسىقىڭىزنى قولىڭىزدا تاتىلىماڭ

ئايال كىشى ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھامىلدارلىق ئوتتۇرا ياكى ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە، نۇرغۇنلىغان ھامىلدار ئاياللاردا ھەمىشە قورسىقى

بوۋاقنىڭ كۆزلىرى چىرايلىق تۇغۇلۇشقا پايدىلىق يېمەكلىكلەر

ھامىلدار ئايال سەۋزىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسە، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنى ئارقىلىق ھامىيلىگە ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ كۆزىگە پايدىلىق تەسىر

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号