يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى قۇچاققا ئېلىپ كۆتۈرۈشتىكى خاتا ئۇسۇللار
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 9255:قېتىم كورۇلدى
   يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئۇمۇرتقىسى تېخى مۇكەمملە يىتىلىپ بولالمىغان بولىدۇ؛ بولۇپمۇ دەسلەپكى ئۈچ ئايدا، بوۋاقنىڭ ھەممى يىرى ئادەمگە بىر خىل يۇمشاق گۆشتەكلا تۇيغۇ بىرىدىغان بولۇپ، ئەگەر بوۋاقنى قوچاققا ئېلىپ كۆتۈرۈش توغرا بولمىسا، ئۇنداقتا بالىدا ئۇمۇرتقىسى غەلىتە شەكىللىنىپ بىنورمال ئىگىلىپ قېلىش ھادىسىسىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن ھەمدە بۇ سەۋەپلىك بالىنىڭ نورمال ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى قۇچاققا ئېلىپ كۆتۈرۈشتە، تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ناتوغرا ئۇسۇلدىن ساقلانماق لازىم بولىدۇ.
ئۇزۇن ۋاقىت قۇچاققا ئېلىپ كۆتۈرۋىلىش
   يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار يىتەرلىك ئۇيقۇغا مۇھتاج، بۇنىڭدا ئاندىن ئۇمۇرتقىسىنىڭ يىتىلىشى بارغانسىرى ياخشى بولۇپ مۇكەممەللىشىدۇ. بوۋاقنى ئۇزۇن ۋاقىت قۇچاققا ئېلىپ كۆتۈرۋالساق، ئۇنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، بوۋاقنىڭ ساغلام يىتىلىشىگىمۇ پايدىسىز؛ بوۋاقنى ھەمىشە قۇچاققا ئېلىپ كۆتۈرۋالساق، ئۇلارنىڭ ئۇمۇرتقىسى ئىزچىل تۈردە ئىگىلگەن ھالەتتە تۇرىدىغان بولغاچقا، سەللا دىققەت قىلمىغاندا، ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ھەمىشە بىر خىل ھالەتتە كۆتۈرۈش
   نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار، بوۋاقنى ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە كۆتۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ۋە ياكى بوۋاقنى تىزىدا ياتقۇزۇشقا ياكى بىلىكىدە تىرەپ كۆتۈرۈشكە ئامراق كىلىدۇ؛ چۈنكى بۇنىڭدا، ئۇلارنىڭ ئىزچىل تۈردە بوۋاققا قاراپ تۇرىشى نىسبەتەن قولايلىق بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ. بىراق، بوۋاقنى بىر خىل ھالەتتە ئۇزۇن ۋاقىت تۇتۇپ تۇرساق، بوۋاقنىڭ سۆڭەكلىرىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرىسىتىدۇ.
تىك كۆتۈرۈش
   بوۋاق يىڭى تۇغۇلغان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ئۇمۇرتقىسى ئىنتايىن ئاجىز كىلىدىغان بولغاچقا، تېخى بېشىنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆتۈرەلمەيدۇ؛ شۇڭا، بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنى ئۇزۇن ۋاقىت تىك ھالەتتە تۇتۇپ كۆتۈرۋالساق، بوۋاقنىڭ ئۇمۇرتقىسى زەخمىگە ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بوۋاق ئۈچ ئايلىق بولۇشتىن ئىلگىرى، ئەڭ ياخشىسى تىك ھالەتتە كۆتۈرمەسلىك كىرەك.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号