بوۋاقنىڭ ئويغانغاندىن كىيىنكى ئۈچ خىل قىلمىشىغا توسقۇنلۇق قىلماڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5812:قېتىم كورۇلدى
   بالىسىنىڭ ساغلام ھەم ئەقىللىق چوڭ بولۇشى، ھەربىر ئاتا-ئانىنىڭ ئارزۇسى، بىراق سىز بىلەمسىز؟ بالىنىڭ ئەقىللىق بولۇش بولماسلىقىنىڭ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىرسىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بىرقەدەر چوڭ. لىكىن، بالىلارنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشى، ئىرسىيەتتىن باشقا يەنە، كىيىنكى مەزگىللىك ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ؛ ئەگەر كىيىنكى مەزگىللىك تەربىيەلەپ يىتىلدۈرۈش ياخشى بولسا، بالىلارنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىگە زور پايدىلىق بولىدۇ.
   مەسىلەن، ئۇخلاپ ئەمدى ئويغانغان بوۋاققا نىسبەتەن، ئۈچ خىل قىلمىش، ئۇلارنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىسى بولۇپ، بۇنداق ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار بوۋاقنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىپ توختىتىپ قويماسلىقى كىرەك.
كۈلۈمسىرەش
   ئەگەر بوۋاق ئويغاندىن كىيىن يىغلاپ خاپا قىلماي، ئەكسىچە كۈلۈمسىرىسە، ئۇنداقتا بۇ بوۋاقنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۇخلىغانلىقىنى ھەم بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يىتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى خۇشال بولىدۇ؛ بۇ ئەھۋال بولسا، بوۋاقنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىگە پايدىلىق بولغان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، بوۋاق ئويغانغاندىن كىيىن ئۇلاردا بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، ئاتا-ئانىلار ئۇلارغا دەخلى قىلماي، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىغا كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا، ئۇلارنى بۇ دۇنيا ئۈستىدە ئىزدىنىشكە قويۇپ بەرسەك بولىدۇ؛ بۇنىڭ، بوۋاقنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشى ۋە مۇستەقىل ھالدا ئىزدىنىش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇشقا زور پايدىسى بار بولىدۇ.
پۈتۈن دىققىتى بىلەن بىرەر نەرسىگە قاراش ياكى بىرەر نەرسە ئويناش
   بوۋاق ئويغانغاندىن كىيىن، ئەمىلىيەتتە ئۇلار ئۆزى ئوينىسا بولىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، ئۇلار بۇ دۇنيا ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۆزى قىزىقىدىغان نەرسىلەرنى ئىزدەپ تاپىدۇ، كەينىدىن ئۆزى ئويناشنى باشلايدۇ. بۇندىن باشقا، بوۋاقنىڭ يەنە مەلۇم بىر نەرسىگە پۈتۈن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرىدىغان ئادىتى بار. بۇ ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلار بوۋاقتىن ئەنسىرەپ قالمىسىمۇ بولىدۇ؛ چۈنكى بۇ ئەھۋال، بوۋاقنىڭ مەلۇم بىرەر نەرسە ياكى مەسىلە ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگىزىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، بوۋاقنىڭ چوڭ مىڭىسى، ئۇلار دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگە ئۇ نەرسىنى ئىسىدە ساقلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بوۋاقنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
   ئەگەر بۇ ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىسى بوۋاقنى توختىتىپ قويسا، بوۋاقنى قورقۇتۇپ قويۇشى ياكى ئۇنى دىققىتىنى يېغالمايدىغان قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋال، بوۋاقنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىگە ئىنتايىن پايدىسىز.
يىغلاش
   نۇرغۇنلىغان بوۋاقلار، ئۇخلاپ ئويغىنىپلا يىغلاشقا باشلايدۇ، چوڭلار بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپلا بوۋاقنى بەزلەشكە باشلايدۇ؛ لىكىن، بۇ خىل قىلمىش توغرا ئەمەس. چۈنكى، بوۋاقنىڭ ئۇخلاپ ئويغانغاندىن كىيىن يىغلىشى، قورقانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بولغانلىقتىن ئانىسى ئىزدەۋاتقانلىقىدىن بولىدۇ.
   ئەگەر بوۋاق ئۆزى ئانىسىنى ئىزدىسە، ئۇنداقتا بۇ جەرياندا ئۇ نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيدۇ؛ مەسىلەن، كۆزلىرى ئارقىلىق تۆت ئەتراپنى كۆزىتىش.  بۇنداق ئەھۋالدا، بوۋاق گەرچە يىغلاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كۆزلىرى تۆت ئەتراپقا سەپسېلىپ تۇنۇش ئادەم ئىزدەيدىغان بولغاچقا، بۇمۇ بىر خىل چوڭ مىڭىنىڭ يىتىلىش جەريانى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. بۇندىن باشقا، ئەگەر بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇلار ئانىسىنى ئىزدەپ تاپالمىسا، يەنە تېخى ئانا دەپ چاقىرىشقا تىرىشىشى مۇمكىن؛ بۇنىڭدا، بوۋاقنىڭ سۆزلەش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، بوۋاق ئۇخلاپ ئويغانغاندىن كىيىن يىغلاپ كەتسە، ئۇلارنى دەرھال قۇچاققا ئېلىپ بەزلەشكە ئالدىرمىسىمۇ بولىدۇ؛ پەقەت بوۋاق خەتەرلىك ئەھۋالغا دۇچ كەلمىگەن بولسىلا، بىز ئازراق ۋاقىت ساقلاپ، بوۋاقنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرىشىغا ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتقا ماسلىشىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرسەك بولىدۇ.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号