ھامىلدار ئايالنىڭ نىمىشقا ھەمىشە ئاشقازىنى بىئارام بولىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5806:ئادەم ئۆگەندى
   ھامىلدار ئايال ھامىلدارلىق تۆت-بەشىنچى ئېيىغا قەدەم قويغاندا قوسىقى كۆرنەرلىك يوغىنايدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ەمىشە ئاشقازىنى بىئارام بولغاندەك ھىس قىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، بالىياتقۇ ئۆزلۈكسىز تۈردە يوغىناشقا ئەگىشىپ ئاشقازانغا بېسىم چۈشۈرىدىغان بولغاچقا، ھامىلدار ئايالنىڭ ئاشقازىنىنىڭ ئورنىدا ئۆزگىرىش كۆرىلىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئاشقازىنى ئاستىدىن تىرىلىپ ئۈستىگە كۆتۈرلۈپ، ھامىلدار ئايالدا يۈرىكى ئېچىشىپ ئاغرىغاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ. ئۇنداقتا، ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقى يوغىنىغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئاشقازىنى قايسى ئورۇنغا يۆتكىلىدۇ؟ تۆۋەندە، رەسىملىك چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئورنىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
    ھامىلدارلىق بىرىنچى ئېيىدىن ئونىنچى ئېيىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھامىلدار ئايالنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ۋە ھامىيلە ئورنىنى ئۆزگىرىش كۆرسەتمىسى
 
   يۇقارقى رەسىمدىن بىز شۇنى كۆرۈپ يىتەلەيمىزكى، ھامىلدار ئايالنىڭ ئاشقازىنىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئورنى قوساق قىسىمنىڭ سول تەرەپ يۇقىرى قىسىمغا جايلاش بولۇپ، كۆپ قىسمى سول تەرەپ قۇۋۇرغا سۆڭەك قىسىمدا، ئاز بىر قىسمى قوساقنىڭ سول تەرەپ ئۈستى قىسىمدا بولىدۇ؛ ئۈستى تەرەپتە يۇتقۇنچاقنىڭ ئاستىنقى ئۇچى بىلەن ئۇلىشىپ، ئاستى تەرەپتە ئو ئىككى بارماق ئۈچەينىڭ شارسىمان قىسمىغا تۇتىشىدۇ. ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقى يوغىنىغاندىن كىيىن بولسا، قىستىلىپ قىلىچسىمان ئۆسۈكچە ئورنىغا كىلىپ قالىدۇ.
ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ھامىلدار ئايالنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئورۇنلىشىش سىخىمىسى
 
   ھامىلدار ئايالنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئىلاستىكىلىقى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە، بالىياتقۇ گەرچە كۈنسايىن يوغىناپ بارسىمۇ، ئەمما ئاشقازان قىسىم تېخى بېسىلىشقا ئۇچرىمايدۇ، شۇڭا ھېچقانداق ئۆزگىرىشنى سەزگىلى بولمايدۇ. ھامىلدارلىق تۆتىنچى-بەشىنچى ئېيىدىن كىيىن، ھامىلدار ئايالنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۆپ قىسىم بوشلۇق، ئاللىبۇرۇن يوغىناپ كەتكەن بالىياتقۇسى تەرپىدىن ئىگىلىۋىلىنغان بولغاچقا، ئىچكى ئەزالىرى بېسىلىشىقا ۋە قىسىلىشقا ئۇچراپ، ھامىلدار ئايالدا نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان بىئاراملىق تۇيغۇسى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.
   دەل مۇشۇنداق ئاشقازىنى بېسىلىپ قىسىلىشقا ئۇچرىغانلىق سەۋەبىدىن، ھامىلدار ئايالدا كۆپىنچە كۆكرىكى سىقىلىپ نەپىسى قىستاش، ئاشقازانىغا بىرنەرسە تىرىلىۋالغاندەك بىئاراملىق ھىس قىلىش، ئىشتھاسى تۇتۇلۇش، ئاشقازان كۆپۈش، كىچىك تەرەت قىستاش ھەم قېتىم سانى كۆپىيىش، ئاشقازان ئېچىشىپ ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. بىراق، بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى نورمال ئەھۋال بولۇپ، ھامىلدار ئايال جىددىلىشىپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتا بۇ ئامىللارنى ئويلاشتىڭىزمۇ

دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号