فولىن كىسلاتاسىنى ھامىلدارلىق قايسى مەزگىلىدە تۇلۇقلاش كىرەك
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6011:ئادەم ئۆگەندى
   2016-يىلى 5-ئايدا، دۆلىتىمىز "ھامىلدار ئاياللارنىڭ يىمەكلىك كۆرسەتمىسى"نى ئېلان قىلىپ تارقاتتى. بۇ كۆرسەتمىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلدارلىق مەزگىلى، ھاياتلىق دەسلەپكى مەزگىلىدىن 1000كۈنلۈك پۇرسەت دەرىزىسىنىڭ باشلىنىش مەزگىلى بولۇپ، ئۇزۇقلۇق ئەڭ مۇھىم بولغان مۇھىت ئامىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئانا-بالا ئىككەيلەننىڭ يېقىنقى ۋە يېراق كەلگۈسىدىكى ساغلاملىقىغا ئىنتايىن مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
   بالا، مۇھەببەتنىڭ جەۋھىرى، يىڭى بىر ھاياتلىقنى پەيدا قىلىش بولسا ئىنتايىن سىرلىق كەچمىش؛ شۇڭا، ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئاكتىپ روھى ھالەت بىلەن ماسلىشىپ، بۇ بىر جەرياندىن خۇشال ھالدا ھۇزۇرلىنىشى كىرەك.  ھامىلدار ئاياللارنىڭ يىمەك-ئىچمەك كۆرسەتمىسى، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ يىمەك ئىچمەك كۆرسەتمىسى ئاساسىدا، تۆۋەندىكى بەش خىل مەزمۇننى تۇلۇقلىغان:
   1. فولىن كىسلاتاسى تۇلۇقلاش، تۆمۈر تەركىبى مول بولغان يىمەكلىكلەرنى دائىم ئىستىمال قىلىش، يۇدلۇق تۇز تاللاپ ئىستىمال قىلىش؛
   2. ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى كۆڭۈل ئاينىپ قۇسۇش ئەھۋالى كۆپ كۆرۈلگەنلەر، مىقدارى ئاز قېتىم سانى كۆپ ئۇزۇقلانسا بولىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، زۈرۈر مىقداردىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى تەركىبى بار بولغان يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش؛
   3. ھامىلدارلىق ئوتتۇرا ۋە ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە، سۈت، بېلىق، ئۆي قۇشلىرى گۆشى، تۇخۇم، ئۇرۇق گۆش قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىش مىقدارىنى مۇۋاپىق تۈردە كۆپەيتىش؛
   4. مۇۋاپىق مىقداردا جىسمانىي ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ مۇۋاپىق تۈردە ئېشىش ھالىتىنى ساقلاش؛
   5. ھاراق-تاماكىنى تاشلاپ، بالىسىنى ئانا سۈتىدە ئىمىتىشكە ئاكتىپ تەييارلىق كۆرۈش.
   ئۇنداقتا، بۇ يەردە ئېيتىلغان فولىن كىسلاتاسى زادى نىمە؟ يەرشارىدىكى ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ؛ فولىن كىسلاتاسى يەنە ۋىيتامىن B9 دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ئۆزلىكىدىن بىرىكەلمەيدۇ، پەقەت سىرتتىن قوبۇل قىلىش بىرلا يول بار. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە فولىن كىسلاتاسى تۇلۇقلىغاندا، ھامىيلىنىڭ نىرۋا كانىلى كەمتۈكلىكىگە(ئادەتتە نىرۋا كانىلى غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ) گىرىپتار بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.
   نىرۋا كانىلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن باشقا، فولىن كىسلاتاسى يەنە يۇقىرى تىپلىق سېستىن قان كىسىلى(高同型半胱氨酸血症)نى ئالدىنى ئالىدىغان بولۇپ، قىزىل قان ئاقسىلىنىڭ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە قىزىل قان ئاقسىلىنىڭ بىرىكىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال كۈندە قوبۇل قىلغان فولىن كىسلاتاسى، 600مىكروگىرامغا يىتىشى كىرەك بولۇپ، فولىن كىسلاتا تەركىبى مول بولغان يىمەكلىكلەرنى دائىم ئىستىمال قىلغاندىن سىرت، يەنە ھەركۈنى 400مىكروگىرام فولىن كىسلاتا تۇلۇقلىشى كىرەك.
   فولىن كىسلاتاسىنى ھامىلدارلىقنىڭ قايسى مەزگىلىدە تۇلۇقلىسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟
   تۆرەلمىنىڭ نىرۋا كانىلىنىڭ ئايرىلىشى، تۇخۇم ئۇرۇقلانغاندىن كىيىن 4-2ھەپتىدە يۈز بىرىدۇ، يەنى، ھامىلدارلىق 6-4ھەپتىسىدە بولىدۇ؛ بىراق بىز ئادەتتە، كۆپىنچە ھامىلدارلىق بەشىنچى ھەپتىسىدىن كىيىن ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كىيىنراق ۋاقىتتا ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى بايقايمىز. بۇ ۋاقىتتا، فولىن كىسلاتا تۇلۇقلاش ئارقىلىق ھامىيلىنىڭ نىرۋا كانىلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولساق، تەبىئيلا كىچىكىپ قالغان بولىمىز.
   تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، كۆپىيىش ياش مەزگىلىدىكى ئاياللار، ھەركۈنى 400مىللىگىرام فولىن كىسلاتا تۇلۇقلاپ تۆت ھەپتىدىن كىيىن، ئاندىن بەدىنىدىكى فولىن كىسلاتاسى كەمچىل بولۇش ئەھۋالى بەلگىلىك ياخشىلىنىشقا ئىرىشىدىكەن؛ داۋاملىق تۈردە 14-12ھەپتە ئەتراپىدا تۇلۇقلاش قىلغاندىن كىيىن، قان پىلازمىسىدىكى فولىن كىسلاتا قويۇقلىقى ئاندىن نورمال سەۋيىگە ۋە مۇقىم ھالەتكە يىتىدىكەن.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆپ قىسىم دۆلەتلەردە، ھامىلدارلىققا تەييارلىق كۆرۈشتىن ئۈچ ئاي بۇرۇندىن باشلاپ فولىن كىسلاتاسى تۇلۇقلاشنى باشلاش تەۋسىيە قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئاندىن تۆرەلمە يىتىلىش دەسلەپكى باسقۇچىدا، بەدەندىكى فولىن كىسلاتا سەۋيىسىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ھالەتكە يىتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتا بۇ ئامىللارنى ئويلاشتىڭىزمۇ

دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号