بوۋاقنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالسا قانداق قىلىش كىرەك
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5978:قېتىم كورۇلدى
   ئاساسى جەھەتتىن ھەممە بوۋاقلاردا ئىچى سۈرۈلۈش كۆرىلىدىغان بولۇپ، بوۋاقنىڭ ئىچى سۈرۈلۈپ قالسا بوۋاقلا ئەمەس، ئاتا-ئانىسى تېخىمۇ بىئارام بولۇپ تەشۋىشلىنىپ كىتىدۇ.
   ئەمىلىيەتتە، كۆپ قىسىم ئەھۋالدىكى ئىچى سۈرۈپ قېلىشتا، بوۋاقنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارمىسىمۇ بولىدۇ؛ پەقەت بوۋاققا داۋاملىق تۈردە يىمەكلىك يىگۈزۈپ سۇسىزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ بەرسەكلا، بوۋاقنىڭ ئىچى سۈرۈلۈشى تىزلا ئوڭشىلىپ كىتىدۇ.

قانداق ئەھۋالدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش كىرەك
   ئەگەر بوۋاقنىڭ ئىچى سۈرۈپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ ھەرقانداق بىر خىل كۆرۈلسە، ئاتا-ئانىلار بوۋاقنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتۈپ داۋالىتىشى كىرەك.
   1. ئالتە ئايلىققا توشمىغان بوۋاقنىڭ ئىچى سۈرۈلۈپ قالسا؛
   2. بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالسا؛
   3. ئىچ قاتتىق سۈرۈپ، زور مىقداردا سۇ ھالىتىدە چوڭ تەرەت قىلسا ھەمدە كۈندە چوڭ تەرەت قىلىش قېتىم سانى ئون نەچچە ، ھەتتا نەچچە ئون قېتىمغا يەتسە؛
   4. ئىچى سۈرۈشكە ئەگىشىپ قۇسۇش ئالامىتى بىللە كۆرۈلسە؛
   5. ئىچى سۈرۈشكە ئەگىشىپ قىزىش ئالامىتى كۆرۈلسە؛
   6. كالپۇكلىرى قۇرۇش، يىغلىغاندا يېشى ئاز بولۇش ياكى ياش چىقماسلىق، سۈيدۈكى ئاز بولۇش ياكى كىچىك تەرەت قىلماسلىق قاتارلىق سۇسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە؛
   7. چوڭ تەرىتىگە قان ئارىلاش كەلسە
   8. ئىچى سۈرۈش ۋاقتى ئىككى ھەپىتىدىن ئېشىپمۇ ياخشىلانمىسا؛
   9. ئىچى سۈرۈش بىلەن بىرگە باشقا كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە.

بوۋاقلارنىڭ ئىچى سۈرگەندە ئاتا-ئانىلار قانداق قىلىشى كىرەك
   ئەگەر بوۋاقتا ئالدىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن دەرھال دوختۇرغا ئاپىرىشقا تىگىشلىك ئالامەتلەر كۆرۈلمىسە، ئاتا-ئانىلار تۆۋەندىكى بەش جەھەتتىن بوۋاققا قارىتا ئاسراش ئېلىپ بارسا بولىدۇ.
سۇسىزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
   بوۋاقنىڭ ئىچى سۈرۈپ كەتكەندە، ئەڭ قورقۇنچلۇق بولغىنى بوۋاقنىڭ سۇسىزلىنىپ كىتىشى بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتى، ئېغىزدىن ئىچىلىدىغان سۇ تۇلۇقلاش تۇزى ئىشلىتىش ئارقىلىق سۇسىزلىنىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئادەتتە سۇ تۇلۇقلاش تۇزىنى ھەرقايسى دورا دوكانلىرىدىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ.
سىنىك تۇلۇقلاش
   سىنىك تۇلۇقلاشمۇ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتى ەۋسىيە قىلغان، بوۋاقلارنىڭ ئىچى سۈرۈشنى داۋالاشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. ئالتە ئايلىققا توشمىغان بوۋاقلارنىڭ ھەركۈنى 10مىللىگىرام سىنىك تۇلۇقلىسا، ئالتە ئايلىقتىن ئاشقان بوۋاقلار ھەرۈكنى 14-10مىللىگىرام سىنىك تۇلۇقلىسا بولىدۇ.
داۋاملىق ئۇزۇقلاندۇرۇش
   پەقەت بوۋاقتا ئېغىر دەرىجىدە قۇسۇش ئالامىتى كۆرۈلمىسىلا، بالىلارنى داۋاملىق ئۇزۇقلاندۇرساق بولىدۇ؛ داۋاملىق ئۇزۇقلاندۇرۇش، بوۋاقنىڭ ئىچى سۈرىشىنى ئېغىرلىتىۋەتمەيدۇ، ئەكسىچە ئىچى سۈرۈش سەۋەبىدىن خوراپ كەتكەن ئۇزۇقلۇقلارنى تۇلۇقلايدۇ.
   ئانا سۈتىنى داۋاملىق ئىمىتىش، سۈت پاراشوكى ئىچىدىغان بوۋاقلارغا بولسا ۋاقىتلىق ئىچى سۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سۈت پاراشوكى ئىچكۈزۈش كىرەك؛ قوشۇمچە يىمەكلىك يىگۈزۈشنى باشلىغان بوۋاقلارغا بولسا، ۋاقتىنچە يىڭى قوشۇمچە يىمەكلىك قوشماي، تائامنى تۇزسىز ھەم مايسىز، ئاسان ھەزىم بولىدىغان تەييارلاپ بىرىش كىرەك.
قالايمىقان دورا ئىشلەتمەسلىك
   بوۋاقلارغا ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش دورىسى ئىچۈرۈشكە بولمايدۇ؛ بۇندىن باشقا، ئىچى سۈرۈپ قالغان بوۋاققا ئانتىبىئوتىك(抗生素)نى قالايمىقان ئىچكۈزۈشكە بولمايدۇ، ئانتىبىئوتىك بوۋاقنىڭ ئىچ سۈرۈشىنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ.
ساغرا قىسىمنىڭ قىزىرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
   ئىچى سۈرۈپ قالغان ۋاقىتتا، بوۋاقنىڭ چوڭ تەرەت قىلىش قېتىم سانى كۆپىيىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، زاكا ئالماشتۇرۇش ۋاقتىدا بولمىسا، بالىلارنىڭ ساغرا قىسمى قىزىرىپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا، بوۋاق چوڭ كىچىك تەرەت قىلغان ھامانلا ئۇنىڭ زاكىسىنى ئالماشتۇرۇش، ھەمدە ئالماشتۇرۇشتىن بۇرۇن بوۋاقنىڭ كاسسىنى ئىلمان سۇدا يۇيۇپ بىرىش كىرەك.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号