ھامىلدارلىقتىكى ھامىيلە زەھىرى ھەققىدە
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5878:قېتىم كورۇلدى
   تىبابەتتە، "ھامىيلە زەھىرى" دىگەن بۇ ئاتالغۇ يوق. ئاتالمىش "ھامىيلە زەھىرى"، ئەمىلىيەتتە بوۋاقلاردا ياغ تەپچىش تىپىدىكى تىرە ياللۇغى كۆرۈلۈشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئالامىتى بولسا بوۋاقلارنىڭ تىرىسىدا تەمرەتكە پەيدا بولۇشتۇر؛ ئادەتتە يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا ۋە بالىلار كۆرىلىدىغان مەڭ، دانىخورەك، ھەرخىل تەمرەتكە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ھامىيلە زەھىرى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل كىسەللىك، بەلكىم ئانىنىڭ بەدىنىنىڭ ئىسسىقچان تەبىئىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
   خەلق ئارىسىدا ئېيتىلىدىغان ھامىيلە زەھىرى، جۇڭگۇ تىبابىتى جەھەتتىن ئېيتقاندا، بەدەندىكى ئىچكى ئىسسىقلىقتۇر. "ھامىيلە زەھىرىنى تازىلاش"، جەنۇپ تەرەپتە بىرقەدەر كەڭ تارالغان بولۇپ، چوڭ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قارىشىدا، جەنۇپنىڭ كىلىماتى ۋە سۈيى ئىسسىق تەبىئەتلىك بولۇپ، ئىنتايىن نەم كىلىدىكەن؛ شۇڭلاشقا، ھامىلدار ئايال تۇغۇشتىن بۇرۇن ھامىيلە زەھىرى تازىلاش خىزمىتى ئېلىپ بىرىشى كىرەك بولۇپ، بولمىغاندا بوۋاق تۇغۇلغاندىن كىيىن، تىرىسىدە ئاسانلا تەمرەتكە، مەڭ قاتارلىقلار پەيدا بولۇپ قالىدىكەن.
   غەرپچە تىبابەت نوقتىسىدىن قارىغاندا، ئەگەر ھامىلدار ئايال ھامىلدارلىق مەزگىلىدە گۆش كاۋاپلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ ھامىلدارلار سۈت پاراشوكىنى كۆپ ئىچكەن بولسا ھەمدە ئاچچىق يىمەكلىك ۋە داغلانغان يىمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ ئىستىمال قىلغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كىتىپ، بۇنى بالىغا يەتكۈزۈپ قويۇشى ھەمدە بۇ سەۋەپلىك تۇغۇلغان بالىدا ھۆل تەمرەتكە قاتارلىقلارنىڭ كۆرۈلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئكەن.
   ھامىيلە زەھىرى گەرچە بوۋاقلار ھۆل تەمرەتكە كۆرۈلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسىمۇ، ئەمما غەرپ تىبابىتىدە، ھامىلدار ئايالنىڭ دورا تەركىبلىك يىمەكلىك ئارقىلىق ھامىيلە زەھىرىنى تازىلاش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. غەرپ تىبابىتىدە، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئىلمى ھەم مۇۋاپىق بولغان يىمەكلىك ئادىتىگە ئەھمىيەت بىرىپ،  ھەم قۇۋۋەتلىك يىمەكلىكلەرنى يىيىش ئارقىلىق قۇۋۋەت تۇلۇقلاشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، ھەم يەنە ھەرخىل مىۋە كۆكتاتلارنى بىرگە ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ھەرخىل ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى تۇلۇقلاشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
ھامىلدار ئايالدا ھامىيلە زەھىرى بار يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىش
   مىجازى قۇرۇق ئىسسىق بولغان ھامىلدار ئاياللاردا ھامىيلە زەھىرى شەكىللىنىش ئىھتىماللىقى بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، ئادەتتە بەدىنىدە ھامىيلە زەھىرى بار بولغان ھامىلدار ئاياللاردا تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ:
   1. ھەمىشە ئېغىز-تامغاقلىرى قۇرۇپ كىتىدۇ؛
   2. ئۇيقۇ سۈپىتى ناچار؛
   3. تىرىسىگە ئاسانلا دانىخورەك چىقىدۇ؛
   4. ئالقىنى ۋە تاپىنى ھەمىشە قىزىپ كەتكەندەك بىلىنىدۇ؛
   5. ھەمىشە قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ؛
   6. كىچىك تەرەت مىقدارى ئاز؛
   7. كالپۇكلىرى ئاسانلا قۇرۇپ يېرىلىدۇ ھەمدە قانايدۇ؛
   8. ئۆزى قۇرۇق ئىسسىق ھىس قىلىپ، ئاسانلا قىزىپ قالىدۇ.
ئەسكەرتىش:
   1. كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىگە دىققەت قىلىپ، ھامىلدارلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ئېيىدىن باشلاپ ئاچچىق ۋە قوقاقلىتىدىغان يىمەكلىكلەردىن تەدرىجى ھالدا ئېغىزىنى يېغىشى ۋە كاۋاۋىچىن قاتارلىق غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە خۇرۇچ ماتىرياللىرىنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك.
   2. يىمەك-ئىچمەك جەھەتتە ئىمكان قەدەر تۇزسىز ھەم مايسىز بولۇش كىرەك بولۇپ، بۇ، ھامىيلە زەھىرى شەكىللىنىشتىن ساقلىنىشتىكى ھالقىلىق مەسىلىدۇر. بۇندىن باشقا، يىڭى مىۋە-كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ، سۇنى كۆپرەك ئىچىپ بىرىش، ئۆزىنىڭ تەم خاھىشىغا ئاساسەن قېتىق قاتارلىقلارنى ئىچىپ، ئاشقازان ۋە ئۈچىيىنى تەڭشەپ تۇرۇش كىرەك.
   3. ئادەتتە قانۇنىيەتلىك بولغان ئارام ئېلىش ئادىتى يىتىلدۈرۈپ، ئارام ئېلىشقا كۆپرەك دىققەت قىلىش كىرەك.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号