ئۇخلاۋاتقان بوۋاقلارنىڭ تۇيۇقسىز سىلكىنىپ قويۇشى قانداق ئەھۋال
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5692:ئادەم ئۆگەندى
   يېقىندا بىرەيلەن سۆز قالدۇرۇپ، بالىسىنىڭ ئۇخلاۋىتىپ قوللىرىنى تۇيۇقىسىز سىلكىپ قويىدىغانلىقىنى، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ھەم دائىم كۆرىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ؛ ئۇنداقتا، بۇ قانداق بىر خىل ئەھۋال؟ بالىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتۈش كىرەكمۇ؟ ئەمىلىيەتتە، بۇ خىل ئەھۋال نۇرغۇن بالىلاردا كۆرىلىدۇ؛ بىز تۆۋەندە، بۇ مەسىلە ھەققىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتەيلى!
    بوۋاقلار نىمە ئۈچۈن ئۇخلاۋىتىپ تۇيۇقىسز چۆچۈپ سىلكىنىپ قويىدۇ؟
   ئەمىلىيەتتە بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەپ، بوۋاقلار تېخى كىچىك بولغاچقا، ئۇلارنىڭ نىرۋا سېستىمىسى تېخى تۇلۇق يىتىلىپ بولالمىغان، چوڭ مىڭىسىنىڭ چەكلەش ئىقتىدارىمۇ كۈچلۈك ئەمەس؛ شۇڭا، ئەگەر بوۋاقلار غىدىقلاشقا ئۇچرىسىا، ئۇلاردا نىرۋا كېڭىيىش ھادىسىسىنى پەيدا بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك بۇ خىل چۆچۈپ سىلكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بوۋاق ئالتە ئايلىق بولۇشتىن ئىلگىرى ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ؛ بۇ خىل ئەھۋال ئادەتتە قورققان ۋاقتىدا ياكى ئۇخلاۋاتقان ھالىتىنى ئالماشتۇرغان ۋاقىتتا كۆرىلىدىغان بولۇپ، بالىلاردىكى بىر خىل ئۆزمەننى قوغداش تەبىئىي ئىنكاستۇر. بۇ خىل ھادىسە يەنە "چۆچۈش رىفلىكىسى" دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
   بوۋاقتا ئادەتتە بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەندە، ئۇنىڭ سىلكىنگەن يىرىنى يىنىك سىيلاپ بەرسەك، بوۋاق ئادەتتە داۋاملىق ئۇخلاپ قالىدۇ.
    بۇ خىل ھادىسىنى ئەھۋالغا قاراپ بىتەرەپ قىلىش كىرەك؟
   ئەلۋەتتە، بەزى بالىلار چوڭ بولغاندىن كىيىنمۇ بۇ خىل سىلكىنىش ھادىسىسى كۆرىلىدۇ، بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ كۈندۈزى بەك ئوينىۋىتىپ چارچاپ كەتكەنلىكىدىن بولۇشى مۇمكىن. ئۇيقۇ ھالىتىدە، بالىلار ئەگەر غىدىقلاشقا ئۇچرىسا، ئۇلارنىڭ مىڭە پوستلاق قەۋىتىدىكى بەزىبىر ھۈجەيرىلەر توپىنىڭ ھاياجانلىق ھالىتىدە تۇرۇشىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ دەل ئادەتتە بىز ئېيتىدىغان چۈش كۈرۈشتۇر؛ بۇ ۋاقىتتا بالىلاردا ھەرىكەتلىنىش مەركىزى نىرۋا سېستىمىسىنىڭ رولى سەۋەبىدىن پۇت-قۇللىرى سىلكىنىش، پۇتلىرىنى تېپىش قاتارلىق قىلمىشلار كۆرىلىدۇ. ئەمما، بۇ خىل ئەھۋاللارمۇ دائىم كۆرۈلمەيدۇ؛ ئادەتتە پەقەت بالىلارنىڭ دەم ئېلىش ۋە ئۇخلاش ئادىتىنى تەڭشەپ ياخشىلاشقا دىققەت قىلساق، بۇ خىل ئەھۋال ئۆزلىگىدىن يوقىلىدۇ.
   بىراق، ئەگەر بوۋاقتا بۇ خىل ئەھۋال ھەمىشە ھەمدە قايتا-قايتا كۆرۈلسە، ئۇنداقتا كالتسىي كەمچىللىكتىن كىلىپ چىققان تارتىشىپ قېلىش ياكى پەي تارتىشىش ھادىسسى بولىشى مۇمكىن بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا مۇۋاپىق تۈردە كالتسىي تۇلۇقلاپ بەرسەك بولىدۇ. ئەگەر زۈرۈرىيەت تېپىلسا، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتۈش كىرەك.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号