ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ ئىككى يىرى قانچە قىسقا بولسا شۇنچە ياخشى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 11498:قېتىم كورۇلدى
   ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ ئىككى يىرى قانچە قىسقا بولسا شۇنچە ياخشى.
چاچ
   بەزى تۇغۇت بۆلۈم دوختۇرلىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، دوختۇرخانىغا ھامىلدارلىق تەكشۈرتۈشكە كەلگەن ھامىلدار ئاياللارنىڭ بەزىلىرى ئۇزۇن چاچ قويۇۋالغان بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ چېچى بۈدۈر، بەزىلىرىنىڭ تۈز، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا "رەڭگا-رەڭ"ئىكەن.
  چاچ، ھەقىقەتەنمۇ ئاياللارنىڭ يۈز شەكلىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىشتىكى ئۈنۈملۈك قورالى، بۇ سەۋەپلىك كۆپ قىسىم ئاياللار چېچىنى ناھايىتى بەك ئاسرايدۇ؛ بىراق، ھامىلدارلىق مەزگىلى ئالاھىدە بىر مەزگىل بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئۇزۇن چاچ قويۇۋالغاندا، ھامىلدار ئايالنىڭ ئۆزىگە ۋە ھامىيلىگە نىسبەتەن بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.
   ئالدى بىلەن، ھامىلدار ئېيىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقى بارغانسىرى يوغىنايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇزۇن چاچ ھامىلدار ئايالنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىغا كۆپلىگەن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ.
   ئۇندىن قالسا، چاچنى يۇيۇشمۇ ئىنتايىن تەس بىر ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالىدۇ، يۇيۇپ بولغاندىن كىيىنمۇ بىر تەرەپ قىلماقمۇ ئاسانغا چۈشمەيدۇ؛ شۇڭلاشقا، ھامىلدار ئاياللار چېچىنى ئەڭ ياخشىسى قىسقىراق قويسا، ئۆزىگىمۇ قولايلىق بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن، چاچنى يەنە ئۆستۈرۋىلىشقا بولىدۇ.
تىرناق
   گۈزەللىككە ئىنتىلىش، ھەربىر ئادەمنىڭ ئەركىنلىكى؛ ھەرخىل رەڭلىك تىرناقلارمۇ، ھەقىقەتەن ئادەمنى تېخىمۇ روھلۇق كۆرسىتىپ، باشقىلارنىڭ زوقىنى قوزغايدۇ.
   بىراق، ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئەڭ ياخشىسى تىرناق ياسىتىشتىن ساقلىنىش كىرەك؛ چۈنكى، تىرناق گۈزەل لەشتۈرۈش رەڭلىرى، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
   بۇندىن باشقا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تىرناقنى ئۇزۇن قويسا، ھامىلدار ئايالمۇ ئاسانلا ئۆزىنىڭ بىرەر يەرلىرىنى تاتىلاپ زەخمىلەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، باكتىرىيە ۋىرۇسلار ۋە باشقا مەينەت نەرسىلەر، ئاسانلا تىرناق ئاستىغا ئولتۇرۋالىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالنىڭ ھامىلدار ئايالغا ھېچقانداق پايدىسى يوق، ئەكسىچە ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە قارىتا پايدىسىز تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن.
   ھامىلدار ئاياللار شۇنى چۈشىنىپ يىتىشى  كىرەككى، ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، سىز يەنە ئۆزىڭىزگىلا ۋەكىللىك قىلمايسىز؛ چۈنكى، سىزنىڭ ھەربىر قىلمىشى ھەرىكىتىڭىز ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىڭىز، قوساقتىكى بالىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھەرجەھەتلەردىن كۆپرەك دىققەت قىلىشى لازىم بولىدۇ.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号