ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىش، بالىلارغا نىسبەتەن پايدىلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەدەن سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماستىن، يەنە بويىنىڭ ئۆسىشىنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش، ئىجرا قىلىش كۈچى، ئەستە ساقلاش كۈچى، تۇرمۇش كەچۈرۈش قاتارلىق ئىقدارلىرىغىمۇ بەلگىلىك ياخشى تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ.
ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز چوقۇم بالىنىڭ ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىشنى قىزغىن سۆيىدىغان ياخشى ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىشىمىز لازىم. بىراق، بەزى چېنىقىش تۈرلىرى، بالىلارنىڭ بەك بۇرۇن باشلىۋىلىشىغا ماس كەلمەيدۇ؛ بولمىغاندا، بالىغا پايدىلىق بولۇش ئەمەس، ئەكسىچە پايدىسىز تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ.

ئۈسكىنىلىك چېنىقىش
مەسىلەن، بىز تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرىتىدىغان گانتىل(哑铃)، شتانكا(杠铃) قاتارلىقلار. بالىلارنىڭ يېشى تېخى كىچىك بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مۇسكۇللار توپى تۇلۇق يىتىلىىپ بولالمايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يۇمران جىسمى، بۇ خىلدىكى ئۈسكىنىلەر ئېلىپ كەلگەن زور كۈچنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇندىن باشقا، كۈن مەشىقى تۈرىدىكى چېنىقىشتا، كۆپىنچە نەپەسنى توختىتىپ دەم سىقىش كىرەك بولۇپ، قورامىغان يەتكەنلەردە ئادەتتە كۆپ مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ؛ بىراق، بالىلار نەپەسنى توختىتىپ دەم سىقسا، ئۇلارنىڭ كۆكرەك بوشلۇقى ئىچكى بېسىمى تىز سۈرئەتتە ئېشىپ كىتىپ، ۋىنرا قان تۇمۇرىدىكى قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. شۇڭلاشقا، بالىلارنىڭ بۇ خىلدىكى چېنىقىشنىمۇ بەك بالدۇر باشلىۋالماسلىقى تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛ بولمىسا، ئۇلارنىڭ يۈرەك ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ نورمال يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئۇزۇن ۋاقىتلىق سىتاتىك ھەرىكەت(静力运动)
بۇ تۈردىكى چېنىقىشتا، كۈچلۈك بولغان ئوكسىگىن تەمىنلەش ئىقتىدارى لازىم بولىدۇ؛ بىراق، نەپەسلىنىش سېستىمىسى، مۇسكۇل سېستىمىسى، ئايلىنىش سېستىمىسى قاتارلىقلارنىڭ ئىنىرگىيە مىتابولىزىملاش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغان بالىلارغا نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ ئوكسىگىن تەمىنلەش ئىقتدارى بۇ خىلدىكى چېنىقىش جەريانىدىكى خوراشقا دەرىجىسىگە يىتىشەلمەيدۇ. ئەگەر بالا ئالتە ياشقا توشمىغان بولسا، ئۇنداقتا بىر قېتىملىق مۇساپىسى 2000مىتىردىن ئارتۇق بولغان يۈگرەش، تاغقا يامىشىش قاتارلىق چېنىقىش تۈرلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كەلمەيدۇ؛ ئەگەر بالا ئالتە ياشتىن ئاشقان ئەمما 12ياشقا توشمىغان بولسا، ئۇنداقتا ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋاملىشىدىغان مېڭىش ھەرىكىتىگىمۇ قاتنىشىشقا بولمايدۇ.

ئۇزۇن ۋاقىتلىق چىدامچانلىق ھەرىكىتى(耐力运动)
بالىلارنىڭ مۇسكۇللىرى تۇلۇق تەرەققى قىلىپ بولالمىغان، ئەگەر ئۇلار ئۇزۇن ۋاقىت ئېغىرلىق كۆتۈرۈش، مابۇ قەدىمى ئېلىپ مىدىرلىماي تۇرۇش قاتارلىق چىدامچانلىق ھەرىكەتلىرى(ئاساسلىقى، پۇت قولىنى مىدىرلاتماي جىم تۇرىدىغان ياكى كۆرنەرلىك دەرىجىدە ئورۇن يۆتكەلمەيدىغان تۈردىكى ھەرىكەتلەر) بىلەن شۇغۇللانسا، مۇسكۇللارنىڭ ئىزچىل تۈردە جىددى كۈچەش ھالىتىدە تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ، مۇسكۇللارنىڭ زەخمىگە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇندىن باشقا، بۇ خىلدىكى ھەرىكەت تۈرلىرى، دۈمچە قىسىم ئۇمۇرتقا، بەل ئۇمۇرتقا، كۆكرەك ئۇمۇرتقا قاتارلىقلارنى بېسىمغا ئۇچرىتىدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە پايدىسىز بولىدۇ.