كۆپىيىش ئىقتىدارى كۈچلۈك ئاياللارنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكلىرى بار
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5862:قېتىم كورۇلدى
   كۆپىيىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، يەنى بىز ئادەتتە ئېيتىدىغان تۇغۇشچان ئاياللاردا، تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىك بار!
ھەيىز كۆرۈشى نورمال ھەم دەل ۋاقتىدا بولىدۇ
   ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ھەيىز كۆرۈشى؛ چۈنكى بۇ جەرياندا ئاياللار تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىدۇ. كۆپىيىش ئىقتىدارى نورمال ئاياللارنىڭ بۇ شارائىتى ئەۋزەل بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەيىز كۆرۈشى نورمال ھەم دەل ۋاقتىدا بولىدۇ. ھەيىزنىڭ نورمال ھەم قانۇنىيەتلىك بولۇشى، ئايال كىشىنىڭ بالىياتقۇسى ۋە تۇخۇمداننىڭ ساغلام ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
بەدەن شەكلى نورمال كىلىدۇ
   بەدەن شەكلىنىڭ نورمال بولۇشى، كۆپچىلىك ئاسانلا نەزەردىن ساقىت قىلىپ قويىدىغان مەسىلە بولۇپ، ئايال كىشى بەك سېمىز ياكى بەك ئۇرۇق بولۇپ كەتسە، ئۇلاردا تۇغماسلىق كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بەك ئۇرۇق ئاياللارنىڭ بەدىنىدە ماي ئاز؛ بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ ھەيىز كۆرۈشىنىڭ قالايمىقانلىشىشنى پەيدا قىلىپ، بۇ سەۋەپلىك تۇغماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بەك سېمىز ئاياللارغا نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ يېرىمىغا يېقىنىدا كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان ئۇنۋىرسال كىسەللىكى بار بولۇپ، بۇ خىل كىسەللىك ئايال كىشىنىڭ تۇغماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇندىن باشقا، ئايال كىشى بەك سېمىز بولۇپ كەتسە، يەنە تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشقا تەسىر كۆرسىتىپ، ھامىلدار بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
ياش مەزگىلى مۇۋاپىق
   ھامىلدار بولۇش، ئايال كىشىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم؛ ئايال كىشى ئەگەر 35ياشتىن ئېشىپ كەتسە، ئادەتتە "يۇقىرى ياشلىق ھامىلدار ئايال" دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، بۇلارغا نىسبتەن، بالا تۇغۇشنىڭ خەتىرى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، ھامىلدار بولمىقىمۇ تەسكە توختايدۇ. شۇڭلاشقا، ئايال كىشى نورمال بولغان ھامىلدار بولۇش ياش مەزگىلىنى ئۆتكۈزىۋىتىپ قالسا، ئۇلارنىڭ ھامىلدا ربولۇشى ئىنتايىن تەسكە توختايدۇ.
بالا چۈشۈپ كىتىش تارىخى يوق
   ئايال كىشىنىڭ ئەگەر بالا چۈشۈپ كىتىش تارىخى بولمىسا، بۇ ئۇلارنىڭ بالىياتقۇسىنىڭ ئىنتايىن ساغلام ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇڭلاشقا، بەزى ئاياللارنىڭ ئەگەر بالا چۈشۈپ كىتىش تارىخى بار بولسا، بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ بالىياتقۇ دىۋارى نىپىزلىشىپ قېلىپ، كۆپىيىش ئىقتىدارى بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号