كۈز كۈنىدە بالىڭىزغا بۇ شورۋىگۈرۈچلەرنى ئىچكۈزۈڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6194:قېتىم كورۇلدى
   كۈز پەسلى، بالىلارنىڭ بويىنىڭ ئۆسۈشىدىكى ئالتۇن مەزگىل بولۇپ، بالىسىنىڭ بويىنىڭ تېخىمۇ ئېگىز ئۆسۈشى ئۈچۈن، ئانىلار ھەرخىل يىمەكلىكلەرنى ئويلاپ تېپىپ بالىسىغا يىگۈزىدۇ.
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، بوۋاقلار ياقتۇرۇپ ئىچىدىغان ھەمدە بويىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كىسەل بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان شورۋىگۈرۈچلەرنى رەتلەپ سۇندۇق!
چىلان قوشۇلغان تېرىق شورۋىگۈرۈچى
   چىلاننىڭ قاننى قۇۋۋەتلەپ ماغدۇر تۇلۇقلاش، قوقاقنى ھەيدەپ ھۆللۈكنى يوقىتىش ئۈنۈۈمى بار بولۇپ، ئۇيقۇسى ياخشى ئەمەس ۋە قان ئاز بولغان بوۋاقلارغا ماس كىلىدۇ.
   تەييارلاش ئۇسۇلى: تېرىقنى ئاۋال سۇغا ئوتتۇز مىنۇت چىلاپ قويىمىز؛ چىلاننى پاكىزە يۇيۇپ ئۇرۇغىنى ئېلىۋىتىپ توغراپ، تىرىق بار قاچىغا قوشىمىز؛ مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ، كىچىك ئوتتا بىر سائەت قايناتساق تەييار بولىدۇ.
پىچەكگۈل قوشۇلغان گۆشلۈك شورۋىگۈرۈچ
   كۈز پەسلىدە، بالىنىڭ ئاسانلا ئىچى سۈرۈپ قالىدۇ؛ پىچەكگۈلنىڭ بولسا ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار بولۇپ، بەدىنى ئاجىز بالىلارغا ئىنتايىن ماس كىلىدۇ.
   تەييارلاش ئۇسۇلى: گۈرۈچنىمۇ ئوتتۇز مىنۇت سۇغا چىلاپ قويىمىز؛  مايسىز قوي گۆشنى ئۇششاق چاناپ توغرايمىز، پىچەكگۈلنىڭ پوستىنى سويىۋىتىپ ئۇششاق توغرايمىز؛ گۈرۈچنى قاينىتىپ پىشاي دىگەندە، گۆش بىلەن پىچەكگۈلنى سېلىپ پىشقىچىلىك قاينىتىپ ئالساق بولىدۇ.
سەۋزە قوشۇلغان كالا گۆشى شورۋىگۈرۈچى
   سەۋزە قوشۇلغان كالا گۆشى شورۋىگۈرۈچىنىڭ قۇۋۋەت ۋە ماغدۇر تۇلۇقلاش، سۆڭەل-پەيلەرنى چىڭىتىش، سۇلۇق ئىششىقنى يوقىتىش، بالىلارنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئىممونت كۈچى ۋە كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار.
   تەييارلاش ئۇسۇلى: سەۋزىنىڭ پوستىنى قىيىتىۋىتىپ ئۇششاق چاناپ توغرايمىز؛ كالا گكشىنى يۇۋەتكەندىن كىيىن قىيما قىلغان ھالەتتە ئۇششاق چانايمىز. گۈرۈچنى قۇم قازانغا سېلىپ، چوڭ ئوتتا قايناتقاندىن كىيىن كىچىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ داۋاملىق قاينىتىمىز؛ شورۋىگۈرۈچ قايناپ قويۇلۇشقا باشلىغاندا، توغرالغان سەۋزە ۋە كالا گۆشىنى سېلىپ چوڭ ئوتتا قاينىتىپ، قازان قايناپ چىققاندىن كىيىن كىچىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ يەنە 15مىنۇت قاينىتىپ ئالساق بولىدۇ. ئۇسۇپ ئېلىشتىن بۇرۇن ئازراق تۇز قوشۇپ تەم تەڭشىۋىتىش كىرەك.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号