بوۋاقلار قانچىلىك چوڭ بولغاندا ئاندىن گۆش يىسە بولىدۇ؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5736:ئادەم ئۆگەندى
   گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر، بوۋاق ئۈچۈن ئاقسىل، ياغ، ئانورگانىك تۇزلار ۋە ۋىيتامىنلارنى تەمىنلەيدىغان بولۇپ، بوۋاقنىڭ بەدىنىنىڭ يىتىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ. بىراق، ئەگەر ئىستىمال قىلىش مۇۋاپىق بولمىسا، بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىشىنىڭ ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   بەزىلەرنىڭ، بوۋاق قانچە بۇرۇن گۆش يىيىشنى باشلىسا شۇنچە ئەقىللىق بولىدۇ دەپ قارايدىكەن؛ يەنە بەزىلەر بولسا بۇنىڭغا رەددىيە بىرىپ، بوۋاقلار بەك بۇرۇن گۆش يىيىشنى باشلىۋالسا، ھەزىم قىلىشى ناچارلىشىپ ئىچى سۈرۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارايدۇ.
   ئۇنداقتا، كىچىك بوۋاقلار زادى قانچىلىك چوڭ بولغاندا ئاندىن گۆشى يىيىشنى باشلىسا بولىدۇ؟ بوۋاقلارنىڭ گۆش ئىستىمالىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك قانداق ئىشلار بار؟
بوۋاق قانچىلىك بولغاندىن باشلاپ گۆش يىيىشنى باشلىشى كىرەك؟
   بوۋاق ئالتە ئايلىق بولغان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ بەدىنىدە ساقلانغان تۆمۈر ماددىسى پۈتۈنلەي خوراپ تۈگەيدىغان بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا، ۋاقتىدا قوشۇمچە يىمەكلىك ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق تۆمۈر ماددىسى تولۇقلاشقا توغرا كىلىدۇ؛ ئەگەر تۆمۈر ماددىسى تۇلۇقلاش ۋاقتىدا بولمىسا، تۆمۈر كەمچىل بولۇش خارەكتىرلىك قان ئازلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ.
  شۇڭلاشقا، جۇڭگۇ ئۇزۇقلۇق ئىلمى جەمئىيىتى، ئامرىكا بالىلار ئىلمى جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى، بالىلارغا تۆمۈر تەركىبى مول بولغان قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى—مەسىلەن، مىفىن، ئۇششاق توغرالغان ياكى سوقۇپ تەييارلانغان گۆش قاتارلىقلارنى ئالدىن تاللاپ يىگۈزۈش ئارقىلىق، تۆمۈر كەمچىل خارەكتىرلىك قان ئازلىق كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكلىۋىنى بىرىدۇ.
بوۋاقلارغا گۆشنى قانداق يىگۈزۈش كىرەك؟
   ئۇزۇقلۇق ئىلمى نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، گۆش، قىزىل گۆش ۋە ئاق گۆش دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ.
   ئاق گۆش، تالالىرى ئىنچىكە، ياغ تەركىبى نىسبەتەن تۆۋەن، ياغ تەركىبلىرى ئىچىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان گۆش تۈرلىرىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، توخۇ، ئۆدەك، غاز قاتارلىق ئۆي قۇشلىرى گۆشلىرى ۋە بېلىق، راك قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ھەممىسى ئاق گۆشكە تەۋەدۇر.
   بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا، قىزىل گۆش بولسا، قوي، كالا دىگەنگە ئوخشاش، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى كۆرسىتىدۇ.
   قىزىل گۆش بىلەن ئاق گۆشنىڭ ھەر ئىككى خىلىنىڭ ئۆزىگە خاس پايدىلىق تەرەپلىرى بار: قىزىل گۆش ئىچىدىكى كالا گۆشىنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى، گۆش تۈرلىرى ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى؛ راكنىڭ تەركىبىدىكى ياغ مىقدارى ئەڭ تۆۋەن؛ ئۆدەك گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىن A مول دىگەنگە ئوخشاش.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاق گۆش ۋە قىزىل گۆشنىڭ ھەر ئىككىسىنى ئىستىمال قىلغاندا، ئاندىن ئۇزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
   بۇندىن باشقا، بالىلارغا گۆش يىگۈزۈشنى باشلاشتا، بالىلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇش پىرىنىسىپىغا ئەمەل قىلىش كىرەك:
   بوۋاقنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن، پەقەت بىر خىللا قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇپ يىگۈزۈپ، ئىككى ئۈچۈن كۆزەتكەندىن كىيىن، ئەگەر بوۋاقتا ئىچى سۈرۈش، تىرىسىگە تەمرەتكە چىقىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلمىگەندىن كىيىن، ئاندىن يىگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇش كىرەك.
بوۋاقلارغا گۆش يىگۈزۈشتە قايسى نوقتىلارغا دىققەت قىلىش كىرەك؟
   1.  يىڭى گۆش تاللاپ، يىڭى تەييارلاپ يىڭى پېتى يىگۈزۈش: ئەگەر تەييارلىغان گۆش يىمەكلىكىنى بوۋاق يەپ بولالمىسا، ئاتا-ئانىلار ئاشقىنىنى بىتەرەپ قىلىۋىتىپ، ئەڭ ياخشىسى قوندۇرماسلىق، بولۇپمۇ قوندۇرغاندىن كىيىن قايتا بوۋاققا يىگۈزمەسلىك كىرەك.
   2.  گۆش بىلەن قوشۇمچە يىمەكلىك تەييارلىغاندا ھېچقانداق خۇرۇچ ماتىريالى ئىشلەتمەسلىك: بالىلارغا گۆش بىلەنلا ئەمەس، ھەرقانداق بىر خىلدىكى قوشۇمچە يىمەكلىك تەييارلىغاندا، يىمەكلىككە ھېچقانداق خۇرۇچ ماتىريالى قوشماسلىق كىرەك.
    3. قوشۇمچە يىمەكلىك تەييارلاشتىن بۇرۇن گۆشنىڭ غەلىتە پۇرىقىنى يوقىتىش: بوۋاقلارغا تەييار قىلغان قوشۇمچە يىمەكلىككە ھېچقانداق خۇرۇچ ماتىرياللىرى قوشمايمىز؛ شۇڭا، بوۋاقنىڭ گۆشكە ئۆچ بولۇپ قالماي ياقتۇرۇپ يەيدىغان بولىشىدا، ئاۋال گۆشنىڭ غەلىتە پۇرىقىنى يوق قىلغاندىن كىيىن ئاندىن تائام تەييارلاپ يىگۈزۈش ئىنتايىن مۇھىم.

تۇغۇتتا ياخشى كۈتۈنمىسىڭىز بۇ ئۈچ ئىشتىن قۇتۇلالمايسىز

يىڭى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كۈتۈنىشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەگەر تۇغۇت كۈتۈنىشى ياخشى بولمىسا، كىيىلىك تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۈگۈن ك

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号