مەكتەپ ئاتا-ئانىلار يېغىنىغا بارغاندا كىيىنىشكە دىققەت قىلىڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5695:ئادەم ئۆگەندى
   يىڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلاندى، شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار بەلگىلىك ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ، يىڭى مەۋسۇمدىكى ئاتا-ئانىلار يېغىنى چاقىرىپ، ئۆز-ئارا ئەھۋال ئىگىلەپ پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. ئاتا-ئانىلار يېغىنىغا بارغاندا، ئەگەر ياسىنىشىڭىز جايىدا بولمىسا، مۇئەللىمگە ناچار تەسىر بىرىپ قويۇپلا قالماي، يەنە تېخى مۇئەللىمنىڭ بالىڭىزغا بولغان قارىشىغىمۇ تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
   ئاتا-ئانىلار ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك كىيىنىپ ئاتا-ئانىلار يېغىنىغا بارسا، ئادەتتە مۇئەللىمگە يامان تەسىر بىرىپ قويىدۇ.
رەسمى يۇسۇندا ياسانماي، خالىغانچە كىيىنىپ بېرىش
   بەزى ئانىلار بالا بېقىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئەسلىدىنلا بوش جاپا تارتمايدىغان بولغاچقا، ياسىنىپ يۈرۈشنى خالىمايدىغان بولۇپ قېلىپ، ئىشىكتىن چىققاندا خالىغانچە كىيىنىپلا چىقىدىغان ئادەتلىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. بىراق، ئەگەر ئاتا-ئانىلار كىيىنىشى بەك "خالىغانچە" بولۇپ كەتسە، باشقىلارغا ئاسانلا ناچار تەسىر بىرىپ قويىدۇ.
   بىر قېتىم، سىڭلىمنىڭ ئەمدىلا يەسلىگە بارغان قىزىنىڭ، مىنىڭ قىزىمغا قاقشاپ بىرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم: ئاتا-ئانىلار يېغىنى ئاچقان ۋاقىتتا، ئانام ساپما كەش كىيىپلا كەپتۇ، كىيىۋالغان كىيىمىمۇ ئۇخلاش كىيىمىگە ئوخشايدىكەن؛ شۇڭا يەسلىدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى مىنىڭ ئاناڭ سەھرالىققا ئوخشايدىكەن دەپ زاڭلىق قىلىشتى. گەرچە كىشىلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە قاراپ باھا بىرىشكە بولمىسىمۇ، ئەمما بالىلار قەلبىدە، يەنىلا ئانىسىنىڭ چىرايلىق ياسىنىپ يۈرىشىنى ۋە روھلۇق كۆرۈنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. مۇئەللىممۇ كۆڭلىدە، ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈشكىمۇ ئەھمىيەت بەرمىسە، بالىسىنىڭ تەربىيىلىنىش ئەھۋالىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرمەيدىكەن دەپ ئويلاپ قالىدۇ.
بەك چېكىدىن ئاشۇرۇپ ياسىنىپ غەلىتە خىلدىكى ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىش
   ئەگەر ئاتا-ئانىلار بەك چەكتىن ئاشۇرۇپ ياسىنىۋالسا، مۇئەللىمگە ۋە باشقا ئاتا-ئانىلار ھەم ئوقۇغۇچىلارغا، غەلىتە خىلدىكى ئادەمدەك تۇيغۇ بىرىپ قويىدۇ.
   مەسىلەن، ئاتا-ئانىلار يېغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن مەكتەپكە بارغاندا، قېنىق گىرىم قىلىۋىلىشقا چوقۇم بولمايدۇ.
   باشلانغۇچ مەكتەپتە مۇئەللىملىك قىلىدىغان بىر ساۋاقدىشىم، مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەرگەن: بىر قېتىملىق ئاتا-ئانىلار يېغىنىدا، ئۇنىڭ سىنىپىدىكى بىر ساۋاقداشنىڭ ئانىسى، يۈزىگە ئىنتايىن قېنىق ئەڭلىك سۇۋاپ كەلگەن بولۇپ، يۈزى بىلەن بوينى خۇددى ئىككى ئادەمنىڭكىدەك بولۇپ قالغان ھەمدە ئادەمگە بىر خىل غەلىتە ۋە بىئاراملىق تۇيغۇسى بىرىپ، ئادەمنى بۇ ئائىلە باشلىغىنىڭ ساپاسىدىن گۇمانلاندۇرۇپ قويغان. چۈنكى بۇ ئانىنىڭ، بالىسىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ئەزەلدىن كارى يوق بولۇپ، بۇ ئەھۋالغا ئاساسەن، دوستۇم بۇ ئانىنى ئادەتتىكى ۋاقتىنى پۈتۈنلەي گىرىم قىلىپ ياسىنىشقا سەرپ قىلىۋىتىپ، بالىسنىڭ تاپشۇرۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋاقىت چىقىرالمايدىكەن دەپ ئويلاپ قالغان.
   ئاتا-ئانىلار يېغىنىغا قاتنىشىشقا بارغاندا، يۇقارقى ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ ھەر ئىككىسى ماس كەلمەيدۇ؛ بالىڭىزنىڭ سىزدىن پەخىرلىك ھىس  قىلدۇرۇش ئۈچۈن، توغرا بولغان كىيىنىش ئۇسۇلى بولسا، رەسمى يۇسۇندا چوڭ سۈپەت كىيىنىش ھەمدە تېخىمۇ روھلۇق كۆرىنىدىغان سۇس گىرىم قىلىپ ياسىنىشتۇر. بۇنىڭدا، باشقىلار سىزنىڭ ئاتا-ئانىلار يېغىنىغا ئەھمىيەت بىلەن قارىغىنىڭىزنى، بالىڭىزنى، مۇئەللىمنى ۋە باشقا ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمەت قىلغىنىڭىزنى ھىس قىلىپ، سىزنى يۇقىرى ساپالىق ئىكەن دەپ ئويلايدۇ، بالىڭىزغىمۇ باشقىچە نەزەردە قارايدۇ.
   بىزنىڭ ئۈستى-بېشىمىزدىكى ياسىنىشىمىز، گەپ-سۆزلىرىمىز ۋە يۈرۈش-تۇرۇشلىرىمىز، بالىلارنىڭ يۈز ئابرويىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ شۇڭلاشقا، بالىڭىزنىڭ ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان بولۇشى ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار يېغىنىغا قاتناشقان ۋاقىتتا، كۆپرەك دىققەت قىلىڭ.

تۇغۇتتا ياخشى كۈتۈنمىسىڭىز بۇ ئۈچ ئىشتىن قۇتۇلالمايسىز

يىڭى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كۈتۈنىشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەگەر تۇغۇت كۈتۈنىشى ياخشى بولمىسا، كىيىلىك تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۈگۈن ك

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号