بوۋاقلار نىمىشقا ھەمىشە گۇگۇم ۋاقتىدا يىغلاپ خاپا قىلىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5733:ئادەم ئۆگەندى
   ئادەتتە، ھەربىر بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا، گۇگۇم ۋاقتىدا خاپا قىلىدىغان بىر مەزگىلى بولۇپ، بۇ بىر خىل نورمال فىزىلوگىيىلىك ھادىسىدۇر؛ ئاتا-ئانا بولغۇچىلار، ئالدىنئالا بۇ جەھەتتىكى ساۋاتلارنى ئۆگىنىپ، مۇۋاپىق تۈردە تاقابىل تۇرۇش تەييارلىق قىلىش كىرەك.
   ھەمىشە گۇگۇمدا خاپا قىلىش، بوۋاقنىڭ گۇگۇم چۈشكەن مەزگىلدە يىغلاپ خاپا قىلىشى ۋە تاماقلىنىشىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بەزىدە كەچلىكى كۆرىلىشىمۇ مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كۆرۈلىشى، بوۋاق ئۆزىنىڭ ئۇخلايدىغانلىقىنى سىزىپ يىتىپ، ئۇخلاشتىن ئاۋال "ئىنىرگىيە" تۇلۇقلىۋالماقچى بولغانلىقى سەۋەبىدىن بولۇپ، ھەتتا بەزى بوۋاقلار، كەچلىكى سائەت10-6ئارىسىدا ھەر بىر سائەتتە بىر قېتىم ئۇزۇقلىنىپ ئاندىن ئۇخلىشى مۇمكىن.
   بۇنداق مەركەزلەشتۈرۈپ ئۇزۇقلىنىش، بوۋاقنىڭ تىرىكىپ تىت-تىت بولۇشى بىلەن تەڭ كۆرىلىدۇ. بوۋاق ئادەتتە ئازراق ئىمىپ بولغاندىن كىيىن، تىت-تىت بولۇپ يىغلاشقا باشلايدۇ. بەزىلىرى ھەتتا بىر يىغلىغانچە بىر ئىككى سائەت يىغلاپ، ئاتا-ئانىسىنى غەمگە چۆكتۈرىدۇ.
   بۇنداق ئەھۋالدا، بەزى ئاتا-ئانىلار بوۋاقنى كۆپ يەۋالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ قالىدۇ؛ بىراق، بوۋاقتىكى بۇ ئەھۋال نورمال ئەھۋالدۇر، ئۇنىڭ سىزنىڭ ئۇزۇقلاندۇرۇش ئۇسۇلىڭىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.  شۇڭا بۇ ۋاقىتتا، سەۋەپ ئىزدەيمەن دىمەي، بوۋاقنى بەزلىسەكلا بولىدۇ. دوختۇرلارنىڭ قارىشىچە، بوۋاقلاردىكى گۇگۇمدا خاپا قىلىش ھادىسىسى، ئۇلارنىڭ نىرۋا سېستىمىسىنىڭ تېخى تۇلۇق يىتىلىپ بولالمىغانلىقى سەۋەبىدىن بولۇپ، ئادەتتە بوۋاق 4-3ئايلىق بولغاندىن كىيىن توختايدۇ.
   ئالاقىدار ئىسپاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئانا سۈتى ياكى رىتسىپلىق سۈت پاراشوكىنى تويۇپ ئىمىپ بولغان بالىلاردىمۇ، گۇگۇمدا خاپا قىلىش ھادىسىسى كۆرىلىدىكەن. بۇ بەلكىم، بوۋاقنىڭ ئانىسىنىڭ قوسىقىدىكى ۋاقتىدىكى خاتىرسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئانىنىڭ پائالىيىتى ئەمىلىيەتتە ئەڭ كۆپ بولىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، بوۋاقنىڭ ئىھتىياجلىق بولىدىغىنى كۆپ ئۇزۇقلىنىش ئەمەس بەلكى ئانىنىڭ تەسەللى بىرىشىدۇر.
   يىڭىدىن ئانا بولغۇچىلار، بۇ نوقتىنى چوقۇم چۈشىنىپ يىتىشى كىرەك؛ يەنى بۇ ۋاقىتتا بوۋاق، ئانىنىڭ تەسەللىسىگە مۇھتاج بولۇپ، ئۇلار پەقەت ئانىسى بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىش ئۈچۈن يىغلاپ خاپا قىلىدۇ؛ ئاتا-ئانا بولغۇچى پەقەت بوۋاقنىڭ بۇ ئىھتىياجىنى قاندۇرسىلا، بوۋاق قانائەت ھىس قىلىدۇ.
   شۇڭا، بوۋاقنىڭ گۇگۇمدا خاپا قىلىش مەزگىلىدە، ئاتا-ئانىلار ئالدىراپ كەتمەي ۋە ئۆزىگە كۆپ بېسىم قىلىۋالماي، ئانا بوۋاقنى قۇچىقىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ بەرسە ۋە ئۇنى پەپىلەپ بەزلەپ بەرسە بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا بوۋاق ئەڭ ئىھتىياجلىق بولغىنى ئانىنىڭ تەسەللىسى ۋە بەزلىشى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بوۋاققا مىھرى-مۇھەببەت ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ھىس قىلدۇرۇشقا بولىدۇ، بوۋاقمۇ تەبىئىيلا يىغلاپ خاپا قىلىشتىن توختايدۇ.

بوۋاقلارنىڭ "تەسلىم بولۇش" شەكلىدىكى ئۇخلاش ھالىتى

يېقىندا بەزى ئانىلار سۆز قالدۇرۇپ، بوۋىقىنىڭ تەسلىم بولغانغا ئوخشاش قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۋىلىپ ئۇخلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنداق ئەھۋ

تۇغۇتتا ياخشى كۈتۈنمىسىڭىز بۇ ئۈچ ئىشتىن قۇتۇلالمايسىز

يىڭى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كۈتۈنىشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەگەر تۇغۇت كۈتۈنىشى ياخشى بولمىسا، كىيىلىك تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۈگۈن ك

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号