بوۋاق ئۈچ ئايلىق بولمىغۇچە بۇ ئىشلارغا ئالدىرماڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5812:قېتىم كورۇلدى
   بالىلار تۇغۇلغاندىن كىيىن، ھەربىر ئانا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنىڭ ھالىدى خەۋەر ئېلىشقا تىرىشىدۇ؛ بىراق ئالاقىدار تەجىربىسى كەمچىل بولغانلىقتىن، بۇ جەرياندا ئاسانلا بەزىبىر خاتا رايونلارغا كىرىپ قېلىپ، بالىنىڭ سالامەتلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كىلىدۇ. ئادەتتە، بوۋاق يۈز كۈنلۈك بولۇشتىن ئىلگىرى، تۆۋەندىكى تۆت ئىشنى قىلىشقا بولمايدۇ.
مۇددەتتىن بۇرۇن توسۇپ تەرەت قىلدۇرۇش
   يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ چوڭ مىڭىسى، تېخىچە تەرەت قىلىش تۇنۇشى ھاسى قىلىپ بولالمىغان بولغاچقا، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنى توسۇشنى ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە بۇنى قولايلىق دەپ قارايدۇ. بوۋاق يىڭى تۇغۇلغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئۇمۇرتقىسى تۈز كىلىدۇ؛ ئۈچ ئايلىق بولغان ۋاقىتتا، ئاندىن بېشىنى كۆتۈرۈپ بويۇن ئۇمۇرتقىسى بۆرتۈپ چىقىدۇ ھەمدە بىرىنچى قېتىملىق فىزىلوگىيەلىك ئەگمىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر توسقان ۋاقىتتىكى بالىنى تۇتۇش قىياپتى توغرا بولمىسا، بوۋاقنىڭ سۆڭىكىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە تېخى ئۇمۇرتقىسىنىڭ يانغا ئىگىلىپ كىتىشىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن بولۇپ، بالىنىڭ كىيىنچە دۈمچەك بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئۈچ ئايغا توشمىغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن، ئادەتتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن زاكىسىنى سېلىپ قويۇپ، ئۇنى توسۇپ تەرەت قىلدۇرۇشقا ئالدىرماسلىقىمىز كىرەك.
مۇددەتتىن بۇرۇن ياستۇقتا ياتقۇزۇش
   بەزى ئاتا-ئانىلار، بالىسىنىڭ بېشىنىڭ شەكلىنىڭ ياخشى يىتىلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بالدۇرلا ھەرخىل شەكىل مۇقىملاشتۇرۇش ياستۇقىنى قويۇپ بىرىدۇ. بىراق، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئۇمۇرتقىسى تۈز بولۇپ، ھېچقانداق فىزىلوگىيەلىك ئەگمە شەكىللەنمىگەن بولغاچقا، مۇددەتتىن بۇرۇن ياستۇق قويۇپ بەرسەك، بالىنىڭ بويۇن قىسمىنىڭ ئالدىغا بۆرۈپ چىقىپ، بويۇن ئۇمۇرتقىسىنىڭ بىنورمال ئىگىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، بالا ئۈچ ئايلىق بولمىغۇچىلىك، ئۇنىڭغا ياستۇق قويۇپ بىرىشكە بولمايدۇ.
مۇددەتتىن بۇرۇن تىك كۆتۈرۈش
   بالا يىغلاپ خاپا قىلغان ۋاقىتتا، بەزى ئانىلار ئۇنى تىك كۆتۈرۈپ، مۈرىسىگە يىنىك ئۇرۇپ بىرىش ئارقىلىق بەزلەپ يېغىدىن توختاتماقچى بولىدۇ. بىراق، بوۋاقنىڭ بويۇن ئۇمۇرتقىسىنىڭ كۈچى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، ئۈچ ئايغا توشمىغان ۋاقىتتا، تېخى ئۆزىنىڭ بېشىنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆتۈرەلمەيدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، بالىنى تىك كۆتۈرۋالساق، ئۇنىڭ بويۇن ئۇمۇرتقىسىغا بېسىم چۈشۈرۈپ، بويۇن ئۇمۇرتقىسىنىڭ شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مۇددەتتىن بۇرۇن ئولتۇرغۇزۇش
   بەزى ئانىلارنىڭ قارىشىچە، بالا قانچىكى بۇرۇن يىڭى ئىقتىدار ئۆگەنسە شۇنچە ياخشى بولىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئەقىللىقلىقىنى ئىپادىلەيدۇ؛ بىراق، بالىنى بەك بالدۇر ئولتۇرغۇزۇپ قويساق، ئۇنىڭ ئۇمۇرتقىسىنى ئاسانلا زەخمىگە ئۇچرىتىپ قويىمىز. چۈنكى، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئۇمۇرتقىسى تۇلۇق يىتىلىپ بولالمىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بەدىنىنى ئېغىرلىقىنى كۆتۈرەلمەيدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئاسانلا شەكلى ئۆزگىرىپ كىتىدۇ.
   يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۇمۇرتقىسى يۇمشاق، ئاسانلا شەكلى ئۆزگىرىپ كىتىدىغان بولغاچقا، ئاتا-ئانىلار ئادەتتە بۇ جەھەتتە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كىرەك.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号