بوۋاقتا بۇ ئالامەتلەر كۆرۈلسە بويۇن ئۇمۇرتقىنى تەكشۈرتۈش كىرەك
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5815:قېتىم كورۇلدى
   يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە، كۆپىنچە ئۇلارنىڭ بويۇن ئۇمۇرتقىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈش كىرەك.
تۇيۇقسىزلا ئۆزىنى كەينىگە تاشلاپ يىغلىسا
   ئەگەر بوۋاق يىغلاپ خاپا قىلسا، ئادەتتە ئۇنى قۇچىقىمىزغا ئېلىپ كۆتۈرسەك، بالا ئۆزلىكىدىن يېغىدىن توختايدۇ؛ بىراق، بىزنىڭ ئۇنى ئىزچىل تۈردە كۆتۈرۈپ تۇرىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر قولىمىز تېلىپ ئۇنى كارۋاتقا ياتقۇزساق، ئۇ كاللىسىنى كەينىگە تاشلاپ يىغلاشتىن توختىمىسا، ئۇنداقتا بوۋاقنىڭ بويۇن ئۇمۇرتقىسى زەخمىگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن.
ئۆرە تۇرۇش ياكى ئولتۇرۇش ھالىتىى قاملاشماسلىق
   بوۋاق ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا، ھەمىشە ئۆرە تۇرۇشنى ۋە ئولتۇرۇشنى ئۆگىنىدۇ. بىراق، ئەگەر بوۋاقنىڭ ئولتۇرۇش ياكى ئۆرە تۇرۇش ھالىتىدە بىر خىل قاملاشمىغاندەك ياكى بىئاراملىق ھىس قىلغاندەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە ۋە يىغلاپ خاپا قىلىش بىللە ئەگىشىپ كەلسە ھەمدە سىز ئۇنى كۆتۈرمەكچى بولسىڭىز يېغىسى تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كەتسە، ئۇنداقتا بويۇن ئۇمۇرتقىسىنىڭ زەخمىگە ئۇچرىغان ئۇچرىمىغانلىقىنى تەكشۈرتۈپ بېقىش كىرەك.
تۇيۇقسىزلا بېشىنى كۆتۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالسا
   بوۋاق ئادەتتە ئۈچ ئايلىققا توشقاندىن كىيىن، تەدرىجى ھالدا بېشىنى كۆتۈرۈشكە باشلايدۇ؛ بۇۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلار بوۋاقنىڭ بويۇن ئۇمۇرتقىسىنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك. بىراق، ئەگەر بوۋاق تۇيۇقىسزلا بېشىنى كۆتۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا بۇ بالىنىڭ بويۇن ئۇمۇرتقىسىنىڭ ئىھتىياتسىزلىقتىن زەخمىگە ئۇچرىغانلىق سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن.
   ئەگەر يۇقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بالىنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتۈش كىرەك؛ ھەرگىز ئۆيدە ئۆزۈم بىتەرەپ قىلىپ قويىمەن دەپ ئويلىماسلىق كىرەك. بوۋاق بالىنىڭ سۆڭەكلىرى ئىزچىل تۈردە ئۆسۈپ-يىتىلىش مەزگىلىدە تۇرىدىغان بولغاچقا، ئادەتتە ئازراقلا بىخەستىلىك قىلىپ قويساق، بالىنىڭ بىر ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بۇ جەھەتتە قەتئى سەل قارىماسلىقى لازىم.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号