بوۋىقىڭىز زۇكامداپ قالغان مەزگىلدە بۇ قوشۇمچە تاماقلارنى يىگۈزۈڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 15508:ئادەم ئۆگەندى
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، بوۋاقلار زۇكامداپ قالغان مەزگىلدە، ئۇنىڭغا قايسى خىل قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى تەييار قىلىپ بەرسەك بولىدىغانلىقىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
 
توخۇ گۆشى كاۋا شورۋىگۈرۈچى

   بوۋاق زۇكامداپ قالغان مەزگىلدە ئىشتىھاسى قالمايدۇ، شۇڭا كاۋىنى ئىزىپ شورۋىگۈرۈچكە قوشۇۋەتسەك، شورۋىگۈرۈچكە تەم كىرگۈزۈپ، بالىنىڭ ئىشتىھاسىنى غىدىقلايدۇ.
   بوۋاق زۇكامداپ قالغاندا گۆش يىسە بولىدۇ، ئەمما چوقۇم ئاسان ھەزىم بولىدىغان قىلىپ بىتەرەپ قىلىشىمىز كىرەك. شۇڭا توخۇ گۆشىنى كۆكتات ئىزىش ماشىنىسىدا ئىزىپ ياكى ئۇششاق چاناپ ئاندىن شورۋىگۈرۈچكە قوشۇش كىرەك.
   كىتەرلىك ماتىريال: توخۇگۆشى 40گىرام، كاۋا 30گىرام، چىچەكسەي 15گىرام، گۈرۈچ 15گىرام
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. توخۇ گۆشىنى ئۇششاق چانىغاندىن كىيىن، بىر قوشۇق قوناق كىراخمالى، ئۈچ قوشۇق سۇ قوشۇپ ئارىلاشتۇرىمىز.
   2. گۈرۈچنى قاينىتىپ پىشۇرغاندىن كىيىن، ئۈستىگە چانالغان توخۇ گۆشىنى سالىمىز.
   3. كاۋىنى دۈملەپ پىشۇرۋالغاندىن كىيىن ئىزىپ، شورۋىگۈرۈچكە قوشىمىز.
   4. چىچەكسەينى سۇدا بىر قاينىتىۋالغاندىن كىيىن ئۇششاق توغراپ، شورۋىگۈرۈچكە قوشىمىز.
   5. قاينىتىپ توخۇ گۆشى پىشقان ھەمدە يىمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تەمى شورۋىگۈرۈچكە سىڭىپ چىققان ۋاقىتتا ئوتنى ئۆچۈرۈپ قاچىغا ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
 
ئاغىچا موگو بەرەڭگە شورپىسى

   بوۋاق زۇكامداپ قالغان مەزگىلدە، ئەگەر ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ نەرسە يىگىلى ئۇنىمىسا، ئۇنىڭ بىر قاچا قېنىق شورپا تەييارلاپ بىرىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ، چايناش كەتمەيدۇ بىراقلا ئىچىۋەتسىلا بولىدۇ.
   كىتەرلىك ماتىريال: ئاغىچا(丝瓜) 60گىرام، موگو 35گىرام، بەرەڭگە 50گىرام، پىشلاق 15گىرام
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. موگونى سۇدا بىر قاينىتىۋالغاندىن كىيىن سۈزۈپ ئېلىپ، نىپىز ياپراقچە ھالىتىدە توغرايمىز؛ ئاغىچىنىڭ پوستىنى سويىۋىتىپ نىپىز ياپراقچە ھالىتىدە توغرايمىز؛ بەرەڭگىنى نىپىز ياپراقچە ھالىتىدە توغرايمىز.
   2. قازانغا ماي قۇيۇپ، ئاغىچا، بەرەڭگە، موگولارنى سېلىپ تەكشى بىر قورۇۋەتكەندىن كىيىن، ئۈستىگە سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ پىشۇرۇىمىز؛ ئازراق پىشلاق سېلىپ تەمىنى تەڭشەيمىز.
   3. پىشقاندىن كىيىن، كۆكتات ئىزىش ماشىنىسى ياكى مىۋە ئىزىش ماشىنىسىدا ئىزىپ قېنىق شورپا قىلىپ بوۋاققا ئىچكۈزسەك بولىدۇ.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号