ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغقان ئاياللار كىيىنكى قېتىم ئۆزى تۇغالامدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5861:ئادەم ئۆگەندى
   ئەگەر بىرىنچى بالىنى ئوپراتسىيە قىلىش ئارقىلىق تۇغقان بولسا، ئىككىنچى بالىنىمۇ چوقۇم ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغمىسا بولمايدۇ دەپ مۇتلەقلەشتۈرۈپ ئېيتقىلى بولمايدۇ؛ بىر قىسىم ھامىلدار ئاياللارنىڭ، ئىككىنچى بالىسىنى توغۇت يولىدىن تۇغقان مىساللىرى بار. ئالاقىدار تەتقىقات نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغقاندىن كىيىن، قايتا ھامىلدار بولغان ۋاقىتتا، ھامىلدار ئايالنىڭ ئۆزى تۇغۇت يولىدىن تۇغۇشى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %70-%60گە يىتىدىكەن؛ بىراق، زادى ئۆزى تۇغۇت يولىدىن تۇغۇشنى سىناپ باقسا بولامدۇ يوق، يەنىلا تۇغۇت بۆلۈم دوختۇرلىرىنىڭ ھامىلدار ئايالنىڭ ئونۋىرسال ئەھۋالىنى باھالاپ چىققاندىن كىيىن، دوختۇرلار بىكىتىشى كىرەك ئىكەن.
   ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغقاندىن كىيىن، كىيىنكى بالىسىنى تۇغۇت يولىدىن تۇغۇشنىڭ خەتىرى
   بالىياتقۇ بولسا بىر مۇسكۇل خارەكتىرلىك ئەزا بولۇپ، ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغۇشنى، بالىياتقۇ بۇرجىكىنى كىسىپ ئېلىۋىتىشنى ياكى بالىياتقۇدىكى ئۆسمىنى كىسىپ ئېلىۋىتىشنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ باققان ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ مۇسكۇل قەۋىتىنىڭ مۇكەممەللىكلىكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولىدۇ ھەمدە ساقايغاندىن كىيىن تاتۇق (ئادەتتە تاتۇق بالىياتقۇ دەپ ئاتىلىدۇ) قېلىپ، كېرىلىشچانلىقى ۋە يېغىلىشچانلىقى نورمال بالىياتقۇغا يەتمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
   بالىياتقۇسىدا تاتۇق بار ھامىلدار ئايال، ئەگەر ئۆزى تۇغۇت يولىدىن تۇغماقچى بولسا، بەلكىم بالىياتقۇنىڭ يېغىلىشى كۈچلۈك بولماسلىق سەۋەبىدىن، تۇغۇت ۋاقتى ئۇزىراپ كىتىپ، تۇغۇتتىن كىيىن چوڭ قان كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن؛ ھەتتا بەزىدە، ھامىلدار ئايال ئۆزى تۇغۇت يولىدىن تۇغۇشنى سىناپ بېقىش جەريانىدا، بالىياتقۇنىڭ تارىيىپ يېغىلىشى بەك كۈچلۈك بولۇپ كىتىش سەۋەپلىك، ھامىلدار ئايالنىڭ بالىياتقۇسىدىكى تاتۇق قالغان ئورۇن يىرتىلىپ، چوڭ قان كىتىش كىلىپ چىقىشى ھەمدە ئانا-بالا ھەر ئىككەيلەننىڭ ھاياتىغا خەۋپ يىتىشى مۇمكىن.
   ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغقاندىن كىيىن قايتا ھامىلدار بولغاندا، تۇغۇت يولىدىن تۇغۇشنى سىناپ باقسا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى باھالاپ بىكىتىش
   ھامىلدار ئايال ئۆزى تۇغۇت يولىدىن تۇغۇشنى سىناپ باقسا بولامدۇ يوق، بۇنى دوختۇرلارنىڭ ھەربىر ھامىلدار ئايالنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن باھالاپ بىكىتىشى كىرەك بولىدۇ؛ باھالاش مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
   1. ئالدىنقى قېتىم ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغۇشنىڭ سەۋەبى، تۇغۇت يولىدىن تۇغۇشنى سىناپ مەغلۇپ بولغانلىقمۇ ئەمەس؛
   2. بۇ قېتىملىق تۇغۇت بىلەن ئالدىنقى قېتىملىق تۇغۇتنىڭ ۋاقىت ئارىلىقى(ئادەتتە ئىككى قېتىملىق تۇغۇتنىڭ ئارىلىقى 18ئايدىن يۇقىرى بولۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ)؛
   3. تۇغۇلۇش ئالدىدىكى ھامىيلىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، بالىياتقۇدىكى ئورنى؛
   4. بالىياتقۇدىكى تاتۇق ئورنىدىكى مۇسكۇل قەۋىتىنىڭ قېلىنلىق دەرىجىسى ۋە بۇ ئورۇندا باسقان ۋاقىتتا ئاغرىش كۆرىلىدىغان ياكى كۆرۈلمەيدىغانلىقى؛
   5. ھامىلدار ئايالنىڭ بالىياتقۇ بوينىنىڭ شارائىت ئەھۋالى قاتارلىقلار. ئەگەر تۇغۇت يولىدىن تۇغۇشنىڭ شەرتلىرىنى قانچە كۆپ قانائەتلەندۈرسە، تۇغۇت يولىدىن تۇغۇشنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.
   ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغقاندىن كىيىن قايتا ھامىلدار بولغاندا، تۇغۇت يولىدىن تۇغۇشنى سىناپ كۆرۈش قەتئى چەكلىنىدىغان ئەھۋاللار
    تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەن ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت يولىدىن تۇغۇشنى سىناپ بېقىشى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ:
   1. ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغقان قېتىم سانى ئىككىدىن چوڭ بولغانلار؛
   2. ئالدىنقى قېتىملىق تۇغۇتتا، بالىياتقۇنى ئاستى تەرەپتىن تىك يۆنىلىشتە كەسكەن بولسا؛
   3. بالىياتقۇنىڭ يۇقىرى قىسمىنى تىك يۆنىلىشتە كىسىدىغان كىلاسسىك ئۇسۇلدا ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغدۇرۇشنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققانلار؛
   4. ھامىلدارلىق ئەگەشمە كىسەللىكلىرى بار بولۇپ، تۇغۇت يولىدىن تۇغۇشقا ماس كەلمەيدىغانلار؛
   5. ئالدىنقى تۇغۇتتا بالىياتقۇسى تەتۈر "T" ياكى تەتۈر "J" شەكىللىك كىسىلگەن ياكى بالىياتقۇنىڭ تەگ قىسمى ئوپراتسىيە قىلىنغانلار؛
   6. ئىلگىرى بالىياتقۇسى يېرىلىش تارىخى بار بولغانلار.
   تۇغۇت يولىدىن تۇغۇشقا ماس كىلىدىغان ھامىلدار ئاياللار، تۇغۇت يولىدىن ئۆزى تۇغۇشنى سىناپ باقسا بولىدۇ؛ بىراق، تۇغۇت جەريانىدا، چوقۇم ھامىيلىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى كۆزىتىش ئۈسكىنىسىنى ئىشلىتىش ۋە بالىياتقۇ يېرىلىش ئالامەتلىرى بار يوقلۇقىنى ئالدىنئالا تەكشۈرۈپ بىكىتىش كىرەك؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۇغۇت يولىدىن تۇغۇشنى ئوپراتسىيە قىلىشقا ئۆزگەرتىشكە ھەر ۋاقىت تەييارلىقى بار بولۇش لازىم.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号