بوۋاقلارنىڭ دائىم مۇشتىنى تۈگىۋىلىشى قانداق ئەھۋال؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5814:قېتىم كورۇلدى
    يېقىندا يىڭىدىن ئانا بولغان بىر ئوقۇرمەن سۆز قالدۇرۇش رايونىدا سۆز قالدۇرۇپ، بالىسىنىڭ ئۈچ ئايلىق بولغانلىقىنى، بىراق يەنىلا مۇشتىنى تۈگىۋىلىپ ئاچقىلى ئۇنىمايۋاتقانلىقىنى دەپتۇ. ئۇنداقتا، بۇ ئەھۋال نورمالمۇ؟ بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىش كىرەك؟
   يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار نىمە ئۈچۈن مۇشتىنى تۈگىۋالىدۇ؟
   تۇغۇلغاندىن كىيىنكى بىرىنچى ئايدا، بوۋاقنىڭ قولى ئاساسى جەھەتتىن مۇشتىنى تۈگىۋالغان ھالەتتە، باش بارمىقى قالغان تۆت بارمىقى تەرپىدىن ئورىۋىلىنغان كىلىدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەپ، بوۋاقنىڭ چوڭ مىڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ تېخى تۇلۇق يىتىلىپ بولالمىغانلىقىدىن بولۇپ، قول مۇسكۇللىرىنىڭ ھەرىكىتىنى تەڭشەش ئىقتىدارى چەكلىك بولىدۇ؛ شۇڭا ئۇلار دائىم مۇشتىنى تۈگىۋالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلارنىڭ سىرتقى كۈچ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئالقىنىنى مەجبۇرى ئېچىشى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.
   بىراق، بوۋاق ئۈچ ئايلىق بولغاندىن كىيىن، "يىلىك رىفلىكىس مەزگىلى"نىڭ يوقىلىشى ۋە چوڭ مىڭە مەركىزى نىرۋا سېستىمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بوۋاقنىڭ قوللىرى ئەركىن ئېچىلىدىغان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، سىز قولىڭىز بىلەن ئۇنىڭ ئالقىنىنى ئاچماقچى بولسىڭىز، ئاسانلا ئاچالايسىز ھەمدە ئۇنىڭ قول بوغۇملىرىنىڭ ئەركىن ھەرىكەتلىنەلەيدىغان بولغانلىقىنى بايقايسىز.
   ئەگەر، بوۋاق تۆت ئايلىق بولغاندىن كىيىنمۇ، يەنىلا مۇشتىنى چىڭ تۈگۈپ تۇرىدىغان بولسا ھەمدە ئالقىنى ئاچالمىسا ياكى باش بارمىقى ئىچىگە ئىگىلىپ تۇرۋالسا، ئۇنداقتا ئاتا-ئانىلار بوۋاقنىڭ مىڭە پارالىچى بولۇپ قېلىشىدىن ئىھتىيات قىلىشى كىرەك.
   بوۋاق ئالقىنىنى نورمال ئاچالىسا قانداق بولىدۇ؟
   نىرۋا سېستىمىسىنىڭ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بوۋاقنىڭ بارماقلىرى ئايرىلىپ، ئالقىنىنى ئاچالايدىغان بولغاندىن كىيىن، ئۇلار ھەرخىل نەرسىلەرنى تۇتۇپ سىناپ باقالايدۇ ۋە ئاكتىپ ھالدا ئۆگىنىپ ۋە ھەرخىل ھەرىكەتلەرنى ئىشلىيەلەيدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بۇ ئەھۋال، ئۇلارنىڭ سىزىم ئىقتىدارى ۋە كونكىرتنى تەپەككۇر ئىقتىدارىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولىدۇ.
   قولىنىڭ كونتىرول قىلىش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرالايدۇ: بوۋاق ئالقىنىنى ئاچالايدىغان بولغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ قولىنىڭ كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى چېنىقىشقا ئىرىشەلەيدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇشقا پايدىلىق بولىدۇ. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى ۋە بەدەن ھەرىكىتىنىڭ ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، بالىلاردا ئۆزمەن بىلەن مۇھىت ئوتتۇرسىدا ئالاقە قىلىش ئۇقۇمى پەيدا بولۇپ، ئۇلارغا ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە تۇرمۇش جەھەتتە پايدىلىق بولىدۇ.
   بوۋاقنىڭ قوللىرىنى قانداق چېنىقتۇرۇش كىرەك؟
   سۈت ئەمگۈزگەن ۋاقىتتا قوللىرىنى ئۇۋۇلاپ بىرىش. ئانا بوۋاققا سۈت ئەمگۈزگەن ۋاقىتتا، بىر قولىدا بوۋاقنى بەدىنىنىڭ يىنىك ئۇۋۇلاپ، يەنە بىر قولىدا بوۋاقنىڭ قوللىرىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە ھەمدە بوۋاقنىڭ قولىنى كۆسىگە ۋە يۈزىگە تەككۈزۈپ، ئۇنىڭ بىلەن يىنىك ئاۋازدا پاراڭلىشىپ بەرسە، بۇ ۋاقىتتا بوۋاق ناھايىتى راھەتلىنىپ كىتىدۇ.
   بوۋاقنى يۇغان ۋاقىتتا قولىنى ئۇۋۇلاپ بىرىش. بوۋاقنى يۇغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ قوللىرىنى يىنىك ئۇۋۇلاپ بەرسەك ھەمدە ئۇنى سۇ ئىچىدە تېپىچەكلىتىپ ئويناتساق، بوۋاققا يۇيۇنۇشنىڭ ھۇزۇرىنى ھىس قىلدۇرۇشقا بولىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئالقانلىرىنى ۋاقتى قەرەلىدە ئېچىشىغا پايدىلىق بولىدۇ.
   بوۋاق خۇشال بولغاندا قولىنى ئۇۋۇلاپ بىرىش. بوۋاقنىڭ كەيپىياتى ياخشى ۋاقىتتا، ئۇنىڭ قوللىرىنى يىنىك ئۇۋۇلاپ بەرسىڭىز بولىدۇ؛ باش بارمىقىدىن باشلاپ چىمچىلاق بارمىقىغىچە نۆۋەت بويىچە يىنىك ئۇۋۇلاپ بەرسىڭىز، ئۇنىڭ تىگىشىش سىزىمى نىرىپلىرىنى غىدىقلاپ، يىتىلىشىگە پايدىلىق ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.
   ئويۇنچۇق ئارقىلىق بوۋاقنىڭ بارماقلىرىنىڭ ھەرىكەتچانلىقىنى چېنىقتۇرۇش. بوۋاق ئۈچ ئايلىق بولغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئويۇنچۇق توپ ئېلىپ بىرىپ، ئۇنى توپنى تۇتقۇزۇپ چېنىقتۇرساق ھەمدە ئوخشاش بولمىغان تىگىشىش سىزىم كۈچىنى ھىس قىلدۇرساق بولىدۇ.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号