ھامىلدارلىقنىڭ جاپاسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن قىستۇرما رەسىملەر
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6062:قېتىم كورۇلدى
   لىن.سىۋىرىنسىن ئسىملىك بىر رەسسام، رەسىم ئارقىلىق ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى قىزىقارلىق ئىشلىرىنى خاتىرلەپ چىققان بولۇپ، بۇ رەسىملەرنى كۆرسىڭىز، سىزنىڭمۇ ھامىلدار بولغان ۋاقتىڭىز ئىسىڭىزگە كىلىپ قالىدۇ.
   1. دۇنيادىكى ئەڭ يىراق ئارىلىق، "مەن سىزنىڭ ئالدىڭىزدا تۇرۇپتىمەن، ئەمما سىز مىنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغىنىمنى بىلمەيسىز" ئەمەس، بەلكى ئايىغىمنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ كىيەلمەسلىكىم.
   2. مەندىن سىز نەدە دەپ سورىماڭ؛ چۈنكى مەن، ھاجەتخانىدا بولمىساملا، ھاجەتخانىغا كىتىپ بارغان يول ئۈستىدە.
   3. بىر يۇتۇم ئىچىۋالاي، پەقەت بىر يۇتۇملا، ماقۇلمۇ؟--- ياق، بولمايدۇ.
   4. پۇت قوللىرىم ئىششىپ بەك بىئارام بولۇپ كەتتىم.
   5. ئۆزۈمنى خۇددى يوغان قوساق ئىنەكتەكلا ھىس قىلىمەن؛ چۈنكى قانداق يېتىشىمدىن قەتئىنەزەر، ئوخشاشلا راھەت ياتالماي بىئارام بولىمەن.
   6. ئازراق ماروژنى يىيەلەيدىغان بولدۇم، شۇڭا كۆڭلۈم بەك خوش!!
   7. قوسىقىمنى سىيلىماڭ، ماڭا تەگمەڭ، يامان بولسىڭىز، سىزمۇ ئۆزىڭىز قوساق كۆتۈرۈڭ...
   8. مىڭبىر تەستە ئۇخلىغان ئىدىم، پۇتۇمنىڭ پېيى تارتىشىپ ئويغىنىپ كەتتىم؛ بۇ خىل ھىسياتنى ئەر كىشى مەڭگۈ چۈشەنمەيدۇ...
   9. قوزام، ئەگەر مىنى يەنە تەپسەڭ، قوسىقىمدىن چىققاندىن كىيىن مەنمۇ سىنى تازا ئۇرىۋالىمەن، مىنىڭ ئاچچىقىم بەك يامان جۇمۇ!
   10. ئاپتۇبۇسقا چىقساملا، باش سۈيىنى تىشىلىپ كىتەمدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن!
   11. قوسىقىمدىكى بالا ئەمەس قەرەلسىز بومبىمىكىن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىزلا "پارتلاپ" چاتاق چىقامدىكىن دەپ، ھەمىشە ئەنسىرەپلا يۈرىمەن.
   12. سۈيۈملۈكۈم، كۆڭلۈم بەك يېرىم! تۇيۇقسىزلا مۇشۇنداق كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالدى، نىمىشقىلىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن...
   13. شۇنداق، مەن كۆپ سەمىرىپ كەتتىم، بۇنىسى ئۆزۈمگە ئايدىڭ؛ لىكىن سىزدىن ئۆتۈنەي، سىز بۇنى ئېغىزىڭىزدىن چىقارماڭ بولامدۇ؟ رەھمەت!
   14. ھامىلدارلىق قورۇقچىسى يولۋاس تىرىسىدىكى سىزىقچىلاردەك كۆپىيىپ كەتتى؛ قانداق قوزام، مەن دىگەن بىر چىشى يولۋاس، قورقتىڭىزمۇ؟
   15. تۇغۇت ۋاقتىمغا ئاز قالغاندا، تۇغۇت ۋىدىئولىرىنى كۆرۈپ ئىدىيە جەھەتتە تەييارلىق كۆرىۋالاي دىگەن؛ نەتىجىدە، قورقۇپ جېنىم ئازلا قالدى.
   16. بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن، كارۋاتنى مۇنداق بۆلىشىمىز...
   ئانا، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ جانلىق؛ توققۇز ئاي تۇققۇز كۈن قوساق كۆتۈرۈپ، دۇنياغا يىڭى بىر ھاياتلىق ئېلىپ كىلىدۇ. بۇ خىل جاپانى ئەرلەر چۈشەنمەيدۇ ھەم چۈشىنىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس؛ ئەلۋەتتە، بۇ خىل بەخىتنىڭ تەمىنىمۇ، ئەرلەر تېتىيالمايدۇ. بارلىق ئانىلارغا ئوتلۇق سالام يوللايمىز، جاپا چەكتىڭلار!

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号