تۇغۇتتا ئاياللارنىڭ بۇ تۆت يىرى ئەڭ چوڭ "زىيان"غا ئۇچرايدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6037:قېتىم كورۇلدى
   كونىلارنىڭ "ئايال كىشى تۇغۇتىدا ئون ياش قېرىپ كىتىدۇ" دىگە گېپى ئىنتايىن توغرا ئېيتىلغان. ئايال كىشى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە نۇرغۇن جەۋرى جاپالارنى چىكىپ، ئاخىرىدا جېنىنى تىكىپ قويۇپ بالىسىنى تۇغىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن، ئاياللارنىڭ بەدىنىدە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلۈپ، نۇرغۇن جايلىرى "زىيان"غا ئۇچراپ كىتىدۇ؛ بولۇپمۇ ئايال كىشىنىڭ تۆۋەندىكى تۆت يىرى، تۇغۇتتىكى "ئېغىر ئاپەت رايونى" بولۇپ، ئاياللار چوقۇم ياخشى ئاسرىشى كىرەك.
چىرايى
   نۇرغۇن كىشىلەر، ئايال كىشى تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن "چىرايى ئۆڭگەن قېرى خوتۇن"غا ئايلىنىپ قالىدۇ دىيىشىدۇ؛ ئەمىلىيەتتە، بۇنىڭ بەلگىلىك ئاساسى بار. چۈنكى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، چوڭ مىڭىنىڭ قارا رەڭ ماددىسىنى قوزغىتىدىغان ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىشى تىزلىشىدىغان بولۇپ، ھامىلدار ئايالنىڭ چىرايىدا ھامىلدارلىق دېغى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ؛ بۇنىڭغا ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تىرىسىنى ئاسراشقا دىققەت قىلماسلىقى قوشۇلۇپ، تىرىنىڭ ئۆڭۈپ سارغىيىپ كىتىشىنى ۋە قورۇقچىلارنىڭ كۆرنەرلىك دەرىجىدە كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كۆكسى
   ئايال كىشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئىتىبار بىرىدىغىنى، چىرايىدىن قالسىلا كۆكسى بولىدۇ. بىراق، ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، گورمۇننىڭ تەسىرىدە ئۇلارنىڭ ئەمچىكىدە چوڭ ئۆزگىرىشلەر كۆرىلىدۇ؛ يەنى، ئادەتتە ئېيتىلىدىغان "ئىككىنچى قېتىملىق يىتىلىش" باشلىنىدۇ. بىراق بالىنى تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ۋە بوۋاقنى ئىمىتىشنى توختاتقاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ كۆكسى ئىلگىرىكى چوڭ-كىچىكلىك ھالىتىگە قايتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن ئاياللاردا، كۆكسى تۆۋىنىگە ساڭگىلاپ قېلىش ھادىسىسى كۆرىلىدۇ.
داس سۆڭەك
   ئاياللار تۇغقان ۋاقىتتا، ھامىيلە ئاستا-ئاستا ھالدا داس سۆڭىكى بوشلۇقىغا كىرىدۇ؛ دىمەك، ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالنىڭ داس سۆڭىكى يوغىناپ كىتىدىغان بولۇپ، ئاسانلا ساغرىسى چوڭ، بەل قىسمى بوشىشىپ كىتىدىغان ئەھۋال كۆرىلىدۇ. بۇ ئەھۋال، ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇتتىن كىيىنكى ئوبرازىغا چوڭ تەسىر يەتكۈزىدۇ. بىراق، ئاياللار تۇغۇتتىن كىيىن، بەزىبىر ئەسلىگە كىلىش مەشىقلىرىنى ئىشلەپ، بەدەن شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالسا بولىدۇ.
بالىياتقۇ
   ئايال كىشى تۇغقانداق قايسى يىرى ئەڭ چوڭ زەخمىگە ئۇچرايدۇ دەپ سورالسا، بۇنىڭ جاۋابى، شۈبھىسىزكى بالىياتقۇ بولىدۇ. بولۇپمۇ ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغقان ئاياللارغا نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ بالىياتقۇسى ئۇچرايدىغان زىيان-زەخمەت ئەڭ چوڭ بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخى، تۇغۇتتىن كىيىن چوڭ قان كىتىش، بالىياتقۇنىڭ كىسىلگەن ئېغىزى يېرىلىپ كىتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كىلىپ چىقىشى مۇمكىن. ئەگەر ئايال كىشىنىڭ بالىياتقۇسىنىڭ تۇغۇتتىن كىيىنكى ئەسلىگە كىلىشى ياخشى بولمىسا، ئۇلارنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ھامىلدار بولۇپ تۇغۇشىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号