ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلدە، ھامىيلىنىڭ كالپۇكلىرى يىتىلىشكە باشلايدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ھامىلدار ئايالنىڭ كەيپىياتىدا داۋالغۇش كۆرۈلسە، ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشنى پەيدا قىلىپ، ھامىيلىنىڭ توشقان كالپۇك يىتىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلىنىڭ باشلىنىشىدا، ھامىلدار ئايالنىڭ پاسسىپ كەيپىياتىنىڭ ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش قېتىم سانى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدۇ؛ ھامىلدارلىق 26-ھەپتىسىگە يەتكەندە، ھەر قېتىم ئاچچىقلانغاندا، ھامىيلە كۆپىنچە مىدىرلاشتىن توختايدۇ، ئادەتتە بىر ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كىيىن يەنە ئۆزلىكىدىن نورمال مىدىرىلىشى ئەسلىگە كىلىدۇ.

ھامىلدار ئايالنىڭ خۇشاللىقى ۋە خاپىلىقى ئوخشاشلا قوساقتىكى ھامىيلىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ھامىلدار ئايالنىڭ روھى كەيپىياتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، ھامىيلىنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىنىڭ ياخشى بولماسلىقىنى ۋە غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى، ھامىلدار ئايالنىڭ كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىش، چوقۇم ئۇنىڭ ئىچكى ئاجرالمىلىرىدە ۋە قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىلىرىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ناچار روھى كەيپىيات ئاستىدا، كورتىكوئىد ھورمۇنىنىڭ(肾上腺皮质激素) ئاجرىلىپ چىقىشى ئاشىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ھورمۇن قان سۇيۇقلۇقى بىلەن ھامىيلە ھەمرىيىدىن ئارقىلىق ھامىيلىنىڭ بەدىگە كىرگەندە، تۆرەلمىنىڭ يىتىلىشىگە قارىتا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىش رولىنى ئۆتەيدۇ؛ بولۇپمۇ ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيى، ھامىيلىنىڭ بەزىبىر ئورگانىزىملىرىنىڭ يىتىلىشىگە نىسبەتەن سەزگۈر بىر مەزگىل بولۇپ، ھامىيلىنىڭ يۇقىرى ئىڭىكىنىڭ يىتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، ھامىيلىنىڭ توشقان كالپۇك يىتىلىپ قېلىشى قاتارلىق غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلدار ئايال غەزەپلەنگەن ۋاقىتتا، بەدىنىدە زور مىقداردا گونالىن(肾上腺激素) ئاجرىتىپ چىقىرىلىپ، قان تۇمۇرلارنىڭ تارىيىپ قان بېسىمنىڭ ئۆرلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك بالىياتقۇ ۋە ھامىيلە ھەمرىيىدىكى قان ئايلىنىشتا ۋاقىتلىق توسالغۇ پەيدا قىلىپ، ھامىيلىگە بىر مەزگىللىك ئوكسىگىن يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەمىشە غەزەپلىنىپ ئاچچىقلانغاندا، ھامىيلىدە يىتىلىشى ئاستا بولۇش كۆرىلىدۇ، ھەتتا بالىياتقۇ ئىچىدە ئۆلۈپ كىتىش ھادىسىسى كىلىپ چىقىدۇ.

پاسسىپ كەيپىيات، ھامىيلە ھەمرىيىنىڭ بالدۇر ئايرىلىشى، بالىياتقۇ ئىچىدە ئۆلۈپ كىتىشى، چۈشۈپ كىتىشى، بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش ۋە تۇغۇتتىن كىيىنكى خامۇشلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى بىۋاستە كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ؛ شۇڭلاشقا، ھامىلدار ئاياللار، ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى ياخشى تەڭشەشكە چوقۇم دىققەت قىلىشى كىرەك.