تۇرمۇشىمىزدا، ھۆل تەمرەتكە ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان تىرە كىسەللىكلىرىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، كۆپ قىسىم بالىلاردا ھۆل تەمرەتكە كۆرۈلۈپ باققان؛ ھۆل تەمرەتكىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبلىرى بولسا ھەر تۈرلۈك بولىدۇ.
ئىرسىيەت
ئىرسىيەت ئاجايىپ سىرلىق بىر خىل ھادىسە بولۇپ، ھەر تەرەپلەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايقىشىچە، ھۆل تەمرەتكە ئىرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
مەسىلەن، ئەگەر ئاتا-ئانىسىدا زىققا، تىرىگە رىئاكسىيە قىلىش، رىئاكسيە خارەكتىرلىك بۇرۇن ياللۇغى قاتارلىق رىئاكسىيە خارەكتىرلىك كىسەللىكلەر بار بولسا، ئۇنداقتا، بالىسىغا ھۆل تەمرەتكە چىقىپ قېلىش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدىكەن.

زىيادە سەزگۈرلۈك تىپىدىكى رىئاكسىيە
بەزى دوختۇرلار، ھۆل تەمرەتكىنى بىۋاستىلا رىئاكسىيە قاتارىغا قوشىۋىتىدۇ. زىيادە سەزگۈرلۈك تىپىدىكى رىئاكسىيە يىمەكلىكتىن بولغان رىئاكسىيە(نەرسە كىرەك يىگەندىن كىلىپ چىققان رىئاكسىيە قىلىش) ۋە سۈمۈرۈشتىن بولغان رىئاكسىيە(ھاۋادىكى ھەرخىل رىئاكسىيە پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى سۈمۈرۈپ سالغانلىقتىن كىلىپ چىقىدىغان رىئاكسىيە) دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدىغان بولۇپ، ھۆل تەمرەتكە ھەقىقەتەن رىئاكسىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەمما پۈتۈنلەي بارلىق ھۆل تەمرەتكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كەتمەيدۇ.
تىرىنىڭ ئىممونت كۈچى ئاجىز
ھۆل تەمرەتكە بولسا، تىرىدىكى بىر خىل ياللۇغدۇر؛ شۇڭلاشقا، بالىلارنىڭ تىرىسىنىڭ ئىممونت كۈچى بەك ئاجىزلاپ كەتكەن ۋاقىتتا، ئەتراپتىكى مۇھىتتىكى ھەرخىل ماددىلارغا قارىتا قارشى تۇرۇش كۈچى بولماي قالىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئازراقلا غەيرى ماددىلار ئۇلارنىڭ تىرىسىنى غىدىقلاپ، رىئاكسىيە پەيدا قىلىدۇ.

ئادەمنىڭ تىرىسى، ئادەم بەدىنى قوغداشتىكى بىرىنچى قەۋەت توسۇق بولۇپ، تىرە ئەمىلىيەتتە مۇسكۇلغا قارىغاندا تېخىمۇ قاتتىق كىلىدۇ. بىراق، بالىلارنىڭ بەدىنىدىكى ئەزالار ۋە تىرىلىرى تېخى تولۇق يىتىلىپ بولالمىغان بولغاچقا، تىرە مۈڭگۈز قەۋىتى ھۈجەيرىلىرى نىسبەتەن كىچىك ھەم نىپىز كىلىدۇ ۋە تىرە ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان مۇناسىۋەتلىك ماددىلارمۇ ئاز بولىدۇ؛ شۇڭلاشقا، بالىلارنىڭ تىرىسى، مەيلى قوغداش ئىقتىدارى ياكى سۇ تەركىبىنى ساقلاش ئىقتىدارى جەھەتتىن بولمىسۇن، قورامىغا يەتكەن كىشىلەرگە قارىتا ناچارراق بولىدۇ ھەمدە ئەتراپىدىكى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىتا تېخىمۇ سەزگۈر كىلىدۇ.
ئەگەر بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئاتا-ئانىلار ئاسراشقا ئەھمىيەت بەرمىسە، مەسىلەن ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ قويسا، بىراق نەملىك قوشقۇچ قويمىسا، ئۆي ئىچى نەملىك دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تىرىنىڭ سۇ تەركىبى ئۆزلۈكسىز تۈردە ئېقىپ خورايدۇ، تىرىنىڭ ئىممونت ئىقتىدارى تېخىمۇ ناچارلاپ كىتىدۇ.

بۇندىن باشقا، ئەگەر ئۆي ئىچىنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلمىغاندا، ئۆي ئىچى مۇھىتىدىكى ماددىلار بالىلارنىڭ تىرىسىنى ئۆزلۈكسىز تۈردە غىدىقلاپ، بالىلاردا تېخىمۇ ئاسانلا ھۆل تەمرەتكە كۆرۈلىدۇ.