يۇقىرى خەۋپ ھالىتىدىكى ھامىلدارلىق قايسى ئەھۋاللارنى كۆرسىتىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8166:قېتىم كورۇلدى
   يۇقىرى خەۋپ ھالىتىدىكى ھامىلدار ئاياللار تىلغا ئېلىنسا، بىز بۇلارنىڭ ئالاھىدە بىر توپ ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئاسانلا خەتەرلىك ئەھۋال كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى بىلىۋالالايمىز. ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولۇشى، ئائىلىگە يىڭى ئەزا قوشىدىغان خۇشاللىنارلىق بىر ئىش؛ ئەمما ھامىلدار ئايال ئەگەر يۇقىرى خەۋپ ھالىتىدىكى ھامىلدار ئايال بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا ئۇلار كۆپرەك دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولىدۇ. بۇ يەرگە كەلگەندە، بەلكىم نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار، يۇقىرى خەۋپ ھالىتىدىكى ھامىلدارلىقنىڭ نىمىلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ياكى دائىرسىنىڭ قانداق بەلگىلىنىلىدىغانلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. ئۇنداقتا، قانداق ھامىلدار ئاياللار يۇقىرى خەۋپ ھالىتىدىكى ھامىلدار ئاياللارغا تەۋە بولىدۇ؟
35ياشتىن ئېشىپ كەتكەن ھامىلدار ئاياللار
    ھازىر نۇرغۇنلىغان ئاياللار كىچىكىپ توي قىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا بالا تۇغۇشىمۇ نىسبەتەن كىچىكىپ كىلىدۇ؛ شۇڭلاشقا، ئاز بولمىغان ئاياللار، 35ياشتىن كىيىن ئاندىن بىرىنچى ياكى ئىككىنچى بالىسىغا ھامىلدار بولىدۇ. بىراق، ئاياللار 35ياشتىن كىيىن، ئۇلارنىڭ بەدەن ساپاسى بەلگىلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەيدىغان بولۇپ، ئىشلەپچىقارغان تۇخۇمنىڭ سۈپىتىمۇ ئىلگىرىكىگە يەتمەيدۇ، شۇڭا مۇۋەپپىقىيەتلىك ھامىلدار بولۇش نىسبىتى بىرقەدەر تۆۋەن بولىدۇ؛ بەزىدە، مۇۋەپپىقىيەتلىك ھامىلدار بولغان تەقدىردىمۇ، ئاسانلا بالا چۈشۈپ كىتىش، بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، 35ياشتىن ئاشقان ھامىلدار ئاياللار، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئاسانلا ھامىلدارلىق دىئابىت كىسەللىكى، ھامىلدارلىق يۇقىرى قان بېسىمى كىسەللىكى قاتارلىق ھامىلدارلىق ئەگەشمە كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىش مەزگىلىدىمۇ، خىروموسومدا بىنورماللىق كۆرۈلۈش ياكى باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، ھامىيلىدە كەمتۈكلۈك پەيدا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ناچار تۇغۇت تارىخى بولۇپ باققانلار
    نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللاردا، بۇ قېتىملىق ھامىلدا ربولۇشتىن ئىلگىرى، بالىسى چۈشۈپ كىتىش، بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش، بالا ئۆلۈك تۇغۇلۇپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ باققان ياكى ئىلگىرى زىيادە چوڭ ، بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە تۆۋەن ياكى غەلىتە شەكىللىنىپ قالغان بوۋاق تۇغقان ئەھۋاللار بولۇشى مۇمكىن؛ ئەمىلىيەتتە، بۇنداق ھامىلدار ئاياللارمۇ يۇقىرى خەۋپ ھالىتىدىكى ھامىلدار ئاياللار قاتارىغا كىرىدۇ.
ھامىلدارلىق ئەگەشمە كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار
    بەزى ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھامىلدارلىق يۇقىرى قان بېسىم كىسەللىكى، ھامىلدارلىق دىئابىت كىسەللىكى، قان ئازلىق قاتارلىق ھامىلدارلىق ئەگەشمە كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ھامىلدار ئايالنىڭ ۋە ھامىيلىنىڭ ساغلاملىقى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بۇخىلدىكى ھامىلدار ئاياللار، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ۋاقتىدا تەكشۈرتۈش قىلدۇرۇپ تۇرىشى ھەمدە دوختۇرلارنىڭ داۋالىشىغا ئاكتىپلىق بىلەن ماسلىشىشى كىرەك؛ بۇنىڭدا، ئۆزىگە ۋە ھامىيلىگە بولغان زىيانلىق تەسىرنى ئەڭ تۆۋەن نوقتىغا چۈشۈرگىلى بولىدۇ.
ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە دورا ئىشلەتكەنلەر
    ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلى، تۆرەلمىنىڭ بۆلۈنىشىدىكى مۇھىم مەزگىل بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ھامىيلىنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرى يىتىلىشكە باشلىغان بولىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايال ھامىيلىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان دورا ئىشلەتكەن بولسا، ئۇنداقتا بەلكىم ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە Xنۇرى بىلەن ئۇچرىشىش، كىسەللىك ۋىرۇسلىرى بىلەن يۇقۇملىنىش قاتارلىقلارنىمۇ ھامىيلىگە بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ. بۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ باققان ھامىلدار ئاياللار، ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىغا ئائىت تەكشۈرۈشلەرنى كەم قويسا بولمايدۇ.
ئائىلە ئىرسىيەت تارىخى بارلار
    ئادەتتە، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى بىرىنچى قېتىملىق دائىملىق تەكشۈرۈشتە، دوختۇرلار ھامىلدار ئايالدىن ئائىلە ئىرسىيەت تارىخى بار يوقلۇقىنى سورايدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، بەزى ھامىلدار ئاياللار بار بولسىمۇ يوق دەپ بۇنى يۇشۇرۇشى مۇمكىن. بۇنداق قىلىشقا قەتئى بولمايدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايالدا ئائىلە ئىرسىيەت تارىخى بار بولسا، بۇ بەلكىم قوساقتىكى ھامىيلىگىمۇ ئىرسىيەت قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئەگەر، ھامىلدار ئايال ئەھۋالنى دوختۇرغا ئەينەن ئېيتسا، دوختۇرلار تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش قىلىپ، بالىغا ئىرسىيەت قالغان قالمىغانلىقىنى بىكىتىپ چىقالايدۇ.
بوي ئېگىزلىكى ۋە بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمگە توشمايدىغانلار
    ھامىلدار ئايالنىڭ بوي ئېگىزلىكى 140سانتىمىتىرغا يەتمىسە، ياكى بەدەن ئېغىرلىقى 40كىلوگىرامغا يەتمىسە ۋە ياكى بەدەن ئېغىرلىقى 85كىلوگىرامدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، بۇنداق ئەھۋالدىمۇ يۇقىرى خەۋپ ھالىتىدىكى ھامىلدار ئايال قاتارىغا كىرىدۇ. بۇ خىلدىكى ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھامىلدار مەزگىلىدە، كۆپلىگەن بىنورماللىقلار كۆرۈلۈشى مۇمكىن بولۇپ، ھامىيلىدىمۇ ئاسانلا يىتىلىشى ياخشى بولماسلىق ئەھۋالى كۆرىلىدۇ.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号