بۇ خىل بالىلار كەلگۈسىدە ھىسي كۆرسەتكۈچى تۆۋەن ئادەم بولىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5756:ئادەم ئۆگەندى
     تۇرمۇشتا باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلغان ۋاقتىمىزدا، بەزىلەر بىلەن بىرگە تۇرۇشنى ياخشى كۆرىمىز، پاراڭلاشقاندىمۇ ناھايىتى خۇشاللىق ھىس قىلىمىز؛ ئەكسىچە، بەزى كىشىلەر بىلەن ئىككى ئېغىز پاراڭلاشساقلا، ئادەمنى چىۋىن يەۋەلغاندەك قىلىپ قويىدىغان بولۇپ، بۇنداق كىشىلەردىن تەبىئىلا يېراقلىشىپ كىتىمىز. ئۇنداقتا، نىمە ئۈچۈن بۇنداق پەرقلەر بولىدۇ؟ ئەمىلىيەتتە، ئادەمنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىدىن باشقا، ھېسي كۆرسەتكىچىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ھىسي كۆرسەتكۈچى تۆۋەن كىشىلەر، ھەمىشە تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچرايدىغان بولۇپ، بەزىدە ئۇلار ئۆزلىرىمۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەي قالىدۇ. ھىسي كۆرسەتكۈچى تۆۋەن بالىلاردا، كىچىكىدىنلا بۇنىڭ ئالامەتلىرى كۆرىلىدىغان بولۇپ، ئاتا-ئانىلار بۇنى ئۆزگەرتىشكە دىققەت قىلمىسا، بالا چوڭ بولغاندا زىيان تارتىپ قالىدۇ.
ئۆزىنىلا ئويلاپ، باشقىلار بىلەن كارى بولماسلىق
   بىر قېتىم دوستۇم بىلەن تاماق يىگىلى بارغاندا، دوستۇم بالىسىنى بىللە ئېلىپ بېرىپتۇ. ئۇنىڭ بالىسى بۇيىل بەش ياشقا كىرگەن بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرەي دەپ قالغان ئىدى. ئۇ بالا ئاشخانىغا كەلگەندىن كىيىن، ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ تاماق تىزىملىكىنى قولىغا ئالغىنىچە، "ئاپا مەن ئۇنى يەيمەن، بۇنى يەيمەن..." دەپ غەلۋە قىلىشقا باشلىدى. دوستۇم خىجىل بولغاندەك ھالدا ماڭا قارىغىنىچە، بالىسىغا "ئاپاش تېخى تاماق بۇيرىمىدى، ئاۋال ئاپاشتىن نىمە يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى سوراپ بېقىش كىرەكمۇ قانداق" دىدى. ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، بالا دەرھال خاپا بولۇپ قالدى ھەمدە مەن مۇشۇنى يەيمەن دەپ چىڭ تۇرۋالدى. بۇ ۋاقىتتا، مەن دوستۇمغا ھېچۋەقەسى يوق ئىكەنلىكىنى، بالا ياقتۇرۇدىغان تائامنى بۇيرۇتۇشنى ئېيتتىم.
    بىردەمدىن كىيىن تاماق چىقتى، بالىمۇ باشقىلار بىلەن كارى بولماي يىيىشنى باشلىدى. دوستۇمنىڭ دىيىشىچە، ئۆيىدە بالىنىڭ بوۋىسى بىلەن مومىسى ئۇنى بەك ئەركىلىتىۋەتكەچكە، بالا مۇشۇنداق باشقىلارنى ئويلاشمايدىغان، ئىككى ئېغىز تەربىيە ئىشلىسە خاپا بولۇپ قالىدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرۋالغان ئىكەن. ئۆزىنىلا ئويلاش، ھىسىي كۆرسەتكۈچى تۆۋەن بولۇشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بولۇپ، ئۇلار ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ تۇيغۇسىنى ئويلاپ قويمايدۇ، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە دوست تۇتالمايدۇ.
قالايمىقان ئاچچىقلىنىش
    ئالدىنقى نۆۋەت يەسلىدە ئاتا-ئانىلار قاتناشقان پائالىيەت ئۆتكۈزگەندە، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بېرىپ پائالىيەتكە قاتناشتۇق. بالام ئەمدى يىڭىدىن ئالغان ئويۇنچۇقىنى ئېلىپ ئويناشقا باشلىغان ئىدى، بىر بالا كىلىپلا ئويۇنچۇقنى تارتىۋالدى؛ بۇ ۋاقىتتا، بىز ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغۇچە، ئۇ بالىنىڭ ئانىسى يۈگرەپ كىلىپ ئويۇنچۇقنى بىزگە قايتۇرۇپ بەردى ھەمدە بىزدىن ئەپۇ سوراپ كىتىپ قالدى. بىراق ئۇ بالا خاپا بولۇپ، يەردە دۇمىلاپ يىغلاپ يېتىۋالدى؛ ئانىسى ئۇنى كۆتۈرۈپ قۇچىقىغا ئېلىۋالغان ئىدى، ئۇ تېخى ئانىسىنى ئۇرۇپ يىغلاشقا باشلىدى. كىيىن بالامنىڭ ماڭا دەپ بىرىشىچە، ئۇلارنىڭ سىنىپىدىكى كۆپ قىسىم بالىلار، ئۇ بالا بىلەن بىللە ئويناشنى ياخشى كۆرمەيدىكەن، چۈنكى ئۇ ھەدىسىلا باشقىلارنىڭ ئويۇنچۇقىنى تارتىۋالىدىكەن.
    بەزى بالىلار، ئۆيىدە زوراۋانلىق قىلىپ ئادەتلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۆزى نىمە دىسە باشقىلارنىڭ بۇنىڭغا بويسۇنىشىغا ئادەتلىنىپ قالغان. شۇڭلاشقا، ئەگەر بىرەرسى ئۇلارنىڭ دىگىنى بويىچە قىلمىسا، ئۇلار دەرھال ئاچچىقلىنىپ خاپا سالىدۇ. بۇنداق بالىلارنى ۋاقتىدا تەربىيە بىرىپ ئۆزگەرتمىگەندە، ئۇلار چوڭ بولغاندىمۇ شۇنداق قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئاسانلا زىيان تارتىپ قالىدۇ.
    ئىلگىرى، شىركىتىمىزدە بىر ئوتتۇرا قاتلامدىكى رەھبەرنىڭ مىجەزى مۇشۇنداق بولۇپ، ھەمىشە قول ئاستىدىكىلەر ئۇنىڭغا پىكىر بەرسە، ئۇ بۇنى مەن بىلەن قارشىلاشقانلىق دەپ قاراپ، باشقىلارنىڭ پىكىرى توغرا بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ بۇلارغا پىسەنت قىلمايتتى.  بۇنداق ئەھۋالدا، كىيىنچە خىزمەتتە مەسىلە كۆرۈلسىمۇ، قول ئاستىدىكىلەر ئۇنىڭغا دىمەس بولىۋالدى. ئاقىۋەتتە، شىركەتنىڭ يىللىق باھالىشىدا، ئۇ رەھبەر لاياقەتسىز بولۇپ باھالىنىپ ئىشتىن قايتۇرۇلدى.
ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە، ئەقلى ئىقتىدار مۇھىم، ھىسي كۆرسەتكۈچ بولسا تېخىمۇ مۇھىم. ئەگەر بالىلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ھىسي كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلىك ئالامەتلىرىنى ۋاقتىدا تۈزەتمىگەندە، ئۇلار چوڭ بولغاندىن كىيىن، تۇرمۇش ۋە خىزمەت جەھەتلەردا ئاسانلا زىيان تارتىپ قالىدۇ.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتا بۇ ئامىللارنى ئويلاشتىڭىزمۇ

دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号