ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى مىۋە-چىۋە ئىستىمالى ئىلمى بولۇشى كىرەك
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7192:قېتىم كورۇلدى
    بىز جۇڭگۇلۇقلار، مىۋە-چىۋىگە باشقىچە ئامراق؛ ھەممە ئادەم مىۋە-چىۋىلەرنى ياخشى يىمەكلىك، ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول ھەم ساغلام، چوڭ كىچىك ھەممەيلەنگە ماس كىلىدۇ، شۇڭا كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كىرەك دەپ قارايدۇ.
   جىياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى شىياۋخۇاڭ ئىسىملىك بىر ھامىلدار ئايال، مۇشۇنداق مىۋە-چىۋە مەستانىسى بولۇپ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ئۇ مىۋە-چىۋىنى كۆپ يەرپ بەرسە، ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاپلا قالماي، يەنە مىنى سەمىرتىپ قويمايدۇ، بەدەن شەكلىم ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ دەپ قاراپ، ھەر كۈنى دىگۈدەك پۈتۈن كۈچى بىلەن پىۋە-چىۋە يەپ بەرگەن ھەمدە باشقا ئاساسلىق يىمەكلىكلەرنى ئاساسى جەھەتتىن يىمىگەن. ئاقىۋەتتە، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى دائىملىق تۇغۇت تەكشۈرۈشى جەريانىدا، قوسىقىدىكى ھامىيلىنىڭ "غايەت زور چوڭ بوۋاق" بولۇپ يىتىلىپ قالغانلىقىنى بايقىغان، ئۆزىمۇ ھەم ھامىلدارلىق مەزگىلى قەنت سىيىش كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغان.
    دوختۇر ئۇنىڭ يىمەك-ئىچمەك ئەھۋالىنى سورىغان ۋاقتىدا، ئۇ ئۆزىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا گۆش تۈرى ۋە ئاساسلىق يىمەكلىك ئىستىمالىنى ئازايتىپ، مىۋە-چىۋىنى كۆپلەپ ئىستىمال قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
   ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە، شىياۋ خۇاڭنىڭ قوسىقىدىكى بالىسىنىڭ جۇغى بەك چوڭ بولغاچقا، ئۇنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدە ئۆسۈپ يىتىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغاندىن سىرت، باش سۈيى دۇغىلىشىپ قېلىش، نەپەسلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىق جىددى ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ تۇغۇشىغا ساقلىسا، ھامىيلىنىڭ ئاسانلا تۇغۇت جەريانىدا ئۆلۈپ كىتىش خەۋىپى كىلىپ چىقىش ئىھتىماللىقى بار ئىدى. شۇڭلاشقا، دوختۇرلار باشقا ئامال يوق ئەھۋال ئاستىدا، 39ھەپتىلىك بولغان ۋاقىتتا، شىياۋخۇاڭنى ئوپراتسىيە قىلىش ئارقىلىق تۇغدۇردى. شىياۋخۇاڭ بۇ  قېتىم بىكاردىن بىكار قوسىقىنى كەسكۈزگەندىن باشقا، يەنە تېخى قەنت سىيىش كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلدى، ھەمدە دوختۇرنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈشى ئاستىدا، بۇ جەھەتتىكى ساۋات بىلىملەردىن خەۋەر تاپتى.
    ئالدى بىلەن، ھامىلدار ئاياللار مىۋە-چىۋە يەپ بەرسە سەمىرىپ كەتمەيدۇ دىگەن قاراشنىڭ ئىلمى ئاساسى يوق. بەزىبىر مىۋە-چىۋىلەرنىڭ ئىنىرگىيە مىقدارى تۆۋەن ئەمەس بولۇپ، كۆپ ئىستىمال قىلىۋالغاندا، ئوخشاشلا سەمىرىپ قالىدۇ.
    ھامىلدار ئايالغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تەرخەمەك، پەمىدۇر قاتارلىق قەنت مىقدارى تۆۋەن مىۋە-كۆكتاتلارنى مۇۋاپىق تۈردە ئىستىمال قىلىش؛ ئالما، بانان، ئۈزۈم قاتارلىق قەنت تەركىبى يۇقىرى ۋە ئىنىرگىيە مىقدارىمۇ نىسبەتەن يۇقىرى بولغان مىۋە-چىۋىلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىۋالماسلىق لازىم.
    ئىككىنچىدىن، ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، مىۋە-چىۋىلەرنىڭ تەملىك بولۇشىدىكى سەۋەپ، ئۇنىڭ قەنت تەركىبىنىڭ مول بولغانلىقىدىن بولۇپ، بۇ قەنت تەركىبلىرى ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنى تەرپىدىن سۈمۈرۈلگەندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى قاننىڭ قەنت مىقدارىنى يۇقىرى ئۆرلىتىۋىتىدۇ ھەمدە بۇنىڭ بىلەن بىرگە ياغلارنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئاسانلا ھامىلدارلىق مەزگىلى قەنت سىيىشى كىسىلىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدار ئايالنىڭ ھەر كۈنلۈك مىۋە-چىۋە ئىستىمال ئىقتىدارى مۇۋاپىق بولۇش كىرەك؛ بۇنىڭدا، ئادەتتە ھامىلدارلىق مەزگىلى ئۇزۇقلۇق قوبۇل قىلىش ئۆلچىمى جەدۋىلىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزى قوبۇل قىلىشقا تىگىشلىك بولغان ئۇزۇقلۇق مىقدارىنى بىكىتسە بولىدۇ. ئەگەر مىۋە-چىۋىنى ئاساسلىق يىمەكلىك قىلىۋالسا، ئاسانلا ئۇزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭسىز بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   ھامىلدار ئاياللار دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك يەنە بىر نوقتا شۇكى، مىۋە-چىۋە يىگەندە، پاكىزە يۇۋەتكەندىن كىيىن بىۋاستە ئىستىمال قىلساق بولىدۇ، سىقىپ شەربىتىنى چىقىرىپ ئىچمەسلىك لازىم. سىقىپ شەربىتىنى چىقىرىش جەريانىدا تاشلىۋىتىلگەن قىسىمدا، مول بولغان تالا ماددىلىرى بار بولۇپ، بۇمۇ ئادەم بەدىنىگە ئوخشاشلا مۇھىم. بۇ يىمەكلىك تالا ماددىلىرىنى ئىستىمال قىلماي تاشلىۋەتسەك، ئادەمنى ئاسانلا قەۋزىيەت قىلىپ قويىدۇ.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号