بالا بېقىشتا دادىلار قىلىشقا تىگىشلىك بولغان ئون تۈرلۈك ئىش
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5810:ئادەم ئۆگەندى
    بالىلارنىڭ كىيىم-كىچەك، يىمەك-ئىچمەك قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇشى، ھەقىقەتەن ئانا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك؛ بىراق، ھەممىلا ئىشنى ئانىغا تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. تۆۋەندىكى ئون تۈرلۈك كىچىك ئىشنى ئەڭ ياخشىسى دادىلار ئورۇنلىشى كىرەك بولۇپ، بۇنىڭدا بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.
بالىلارغا كۆپرەك ھەمرا بولۇپ پىكىرلىشىش
    بالىلار بىلەن كۆپرەك پىكىرلەشكەن ۋاقىتتىلا، ئاندىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشىنىپ يىتىشكە بولىدۇ. ئانىلار ئۆينىڭ باشقا ئىشلىرى بىلەنمۇ ئالدىراش بولۇپ كىتىدىغان بولغاچقا، ئادەتتە بالىنىڭ كەيپىياتىغا يىتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈپ بولالمايدۇ. شۇڭلاشقا، ئانىلار ئۆينىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ۋاقىتتا، دادىلار بالىلار بىلەن پىكىرلىشىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل ئاۋازىنى ئاڭلاشنى ئەستىن چىقارماسلىقى كىرەك.
بالا بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىش
    ھەرىكەت قىلىپ چېنىقىش جەھەتتە، ئەرلەر كۆپىنچە ئاياللارغا قارىغاندا تېخىمۇ بەكرەك تالانتى بار بولۇپ، دادىلار بالىسىنى باشلاپ چېنىقىپ بەرسە، بالا بەدەن سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ؛ دادىنىڭ بوشاشماس ئىرادىسى ۋە يىڭىلگىنىگە تەن بەرمەسلىك روھىمۇ، تەدرىجى ھالدا بالىغا سىڭدۈرۈلىدۇ.
ھەر ھەپتىسى بالىسىغا ئاز دىگەندە بىر كۈن ھەمرا بولۇش
    دادىنىڭ ھەمرا بولۇشى بىلەن ئانىنىڭ ھەمرا بولۇشىدا ھەمىشە چوڭ پەرقلەر بار بولۇپ كىتىشى ناتايىن؛ بىراق بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا دادىنىڭ كەمچىل بولۇپ قېلىشى، ھەر ئىككى تەرەپكە نىسبەتەن ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش بولۇپ قالىدۇ.
بالىسىنىڭ مەكتىۋىدىكى ئاتا-ئانىلار يېغىنىغا قاتنىشىپ تۇرۇش
   ھەر قېتىملىق ئاتا-ئانىلار يېغىنىدا، قاتارىسىغا ئانىلار كىلىپ قاتنىشىدۇ؛ دادىلار ئاتا-ئانىلار يېغىنىغا قاتناشماي كىتىۋەرسە، بۇ ئۇلارنىڭ تەربىيەلەشنى ئۇقالماي قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆپرەك چۈشىنىپ يىتىش، بىلمەي تۇرۇپ قارىغۇلارچە باشقۇرىمەن دىگەندىن مىڭ ياخشى.
بالىسىغا ئۆزىنىڭ خىزمىتى ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچە بىرىش
   ھەر كۈنى خىزمەت بىلەن ئالدىراش ئۆتسىڭىز، بالىڭىز كۆڭلىدە سىزدىن ئاغرىنىپ قېلىشى مۇمكىن؛ شۇڭلاشقا، بالىڭىزنى خىزمەت ئورنىڭىزغا ئېلىپ كىلىپ، خىزمەت ئەھۋالىڭىزنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ قويۇڭ، بۇنىڭدا بالىڭىزنىڭ تېخىمۇ بەكرەك توغرا چۈشىنىشىگە ئىرىشەلەيسىز.
بالا بىلەن بىللە ئۆي ئىشلىرى قىلىش
    بالىغا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بىرىشنى ئۆگىتىپ، ئانىنى ئازاتلىققا چىقىرىش لازىم. ئۆي، ئانا بىر ئادەمنىڭ ئائىلىسى ئەمەس، شۇڭا ھەربىر ئائىلە ئەزاسىنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىپ ساقلىشى لازىم بولىدۇ؛ ئۆي ئىشلىرىنى زىممىسىگە ئېلىشىپ بىرىشنى بىلگەن ۋاقىتتا، ئاندىن ئائىلىنىڭ ئەھمىيتىنى ھەقىقى تۇنۇپ يىتەلەيدۇ.
بالىنىڭ ئۆز بەدىنىگە قارىتا چۈشەنچە ھاسىل قىلىشىغا ياردەمدە بولۇش
    بالىلار جىنسىيەت تەربىيەسىنى ئېلىپ بېرىشتا، دادىلارنىڭ قاتنىشىشىدىن ئايرىلىپ قالغىلى بولمايدۇ؛ پەقەت ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، بالىغا بۇ جەھەتتىكى ساۋاتلار ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن ۋاقىتتا، بالىنىڭ ئىدىيە قاراشلىرى ئاندىن مۇكەممەل يىتىلىدۇ. بەزىدە ئانىلارنىڭ مىڭ ئېغىزى سۆزىمۇ، دادىنىڭ بىر ئېغىز سۆزىگە يەتمەيدۇ.
بالىلارغا ئائىلە ئەزالىرىنى ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىتىش
    دۆلىتىمىزدىكى ئەنئەنىۋى ئائىلىلەردە، دادا بىر ئۆينىڭ ئىگىسى؛ دادا ئانىنى ياخشى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا كۆڭلىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قېتىدىن ئورۇن بەرسە ھەمدە بۇ خىل مىھرى مۇھەببەتنى بالىغا يەتكۈزسە، بالىلار ئاندىن ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىنىدۇ.
بالىلارغا ھەمرا بولۇپ تەبىئەت ئۈستىدە ئىزدىنىش
    بالىلار قورقۇنچ ۋە تەشۋىشلىنىش ھىس قىلغان ۋاقىتتا، دادىلار ئۇلارغا جاسارەت بېغىشلىيالايدۇ؛ ھېچنىمىدىن قورقمايدىغان پوزىتسىيەسىمۇ، بالىلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىدۇ. بالىلارنى تەۋەككۈل قىلىشقا مۇۋاپىق تۈردە رىغبەتلەندۈرۈپ بەرگەندە، بالىلار تېخىمۇ غەيرەتلىك ھەم قەيسەر چوڭ بولىدۇ.
بالىلارنى ناگاندا بىر كەپسىزلىك قىلىشقا كۈشكۈرتۈش
    ئانا مىھرى ئىنچىكە ھەم مۇلايىم بولىدۇ، ئەمما دادا مىھرىنىڭ ھەمىشە كەسكىنلىككە تولغان قاتتىق ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق بولۇپ كىتىشى ناتايىن. بالىلارغا كۆپرەك ئەركىنلىك بىرىپ، بالىلارنى ناگاندا بىر كەپسىزلىك ۋە ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشقا قويۇپ بەرسەك، بالىلارغا تېخىمۇ كۆپ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ھىس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ئۈمىدۋار قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشقا بولىدۇ.
    بەلكىم بالىلارنى سۆيۈش ئۇسۇلىمىز ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما بالىغا چوقۇم كۆپرەك ھەمرا بولۇش كىرەك. بالىلارنىڭ كىشىلىك ھاياتى، كەينىگە قايتۇرغىلى بولمايدىغان بىر تىلىۋىزىيە تىياتىرىغا ئوخشايدۇ؛ ئەگەر ئوتتۇردىكى قىسىملىرىنى ئۆتكۈزۈۋىتىپ قالساق، قايتىدىن باشلاپ كۆرۈشكە ئامال بولمايدۇ.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتا بۇ ئامىللارنى ئويلاشتىڭىزمۇ

دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号