بالىڭىز ساۋاقداشلىرى بىلەن سوقۇشۇپ قالسا قانداق بىتەرەپ قىلىسىز
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6267:ئادەم ئۆگەندى
    كىچىك بالىلار مەكتەپتە ئازراق كۆڭلىگە ياقمايدىغان بىرەر ئىش بولۇپ قالسىلا، شۇ ھامان چىرايىنى خاپىچىلىق قاپلاپ، كىم چىشىغا تەگسە شۇنىڭ بىلەن سوقۇشۇپ ئۆزىنىڭ غەزىۋىنى ئىپادىلەيدۇ ھەمدە بۇ خىل ئۇسسۇل ئارقىلىق كۆڭلىدىكى غەزەپ ئوتلىرىنى باسماقچى بولىدۇ. بالىلارنىڭ يىتەرلىك دەرىجىدە كۈچلۈك بولغان ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى بولمىغاچقا، ئادەتتە ئۇلار سوقۇشساقلا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ؛ بىراق، بالىلارنىڭ بۇنى چۈشەنمەسلىكى، ئاتا-ئانىلىرىنىڭمۇ بۇنى چۈشەنمەسلىكىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئاتا-ئانىلار بەزىبىر كىچىك داۋلىلارنى سۆزلەش ئارقىلىق، بالىلارغا مەسىلىنى سوقۇشۇپ ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ قاملاشمىغان بىر خىل ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش كىرەك.  بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، كىچىك بىر مىسال ئارقىلىق، ئادىمىيلىك ساپانىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆپچىلىك بىلەن ھەمبەھىرلىنىپ ئۆتمەكچىمەن.
    نورمال ئەھۋال ئاستىدا، بالىلارنىڭ بۇنداق ئۇرۇشۇپ جىدەل قىلىشلىرى، كۆپ قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ نەزىرىدە چوڭ مەسىلە ھىسابلانمايدىغان بولۇپ، ساۋاقداشلار ئارىسىدا زىددىيەتلىشىپ قېلىش ناھايىتى نورمال ئىش ئەمەسمۇ دەپ قارايدۇ. ئەمىلىيەتتە پۈتۈنلەي ئۇنداق ئەمەس.
     يېقىندا توردا مۇنداق بىر خەۋەر كۆردۈم. توردا خەۋەر قىلىنغان ئىككى ئائىلىنىڭ بالىسىدا بۇ ئەھۋال كۆرۈلگەن بولۇپ، ھەر ئىككى بالا ئوغۇل؛ ئىككىسى مەكتەپتە ئويۇنچۇق تالىشىپ سوقۇشۇپ قالغان، ئۇرۇشقاندىمۇ خېلى قاتتىق ئۇرۇشۇپ قالغان. بۇ ۋاقىتتا مۇئەللىملىرى ئىككىسىنى ئايرىۋەتكەندىن كىيىن، ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن ئالاقىلاشقان بولۇپ، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى مەكتەپكە كىلىپ، مەسىلىنى قانداق بىتەرەپ قىلىش ھەققىدە مەسلىھەت ئېلىپ بارغان. ئارىدا بىر تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ مەسىلىگە بەك ئىتىبار بىلەن قاراپ كەتمەي، بۇنىڭغا خۇددى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك بىر ئىشتەك پوزۇتسىيەدە بولغان. ئەمما يەنە بىر تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى بالىسىنىڭ تاياق يىگەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، يەنىلا تەمكىنلىك بىلەن داۋلى سۆزلەپ، قارشى تەرەپنى داۋلى بىلەن قايىل قىلماقچى بولغان. راستىنى دىگەندە، بۇنداق قىلماق ھەقىقەتەنمۇ ئاسانغا توختىمايدۇ؛ ھېچبولمىغاندا ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىدا مەن بولۇپ قالسام، ئەينى ۋاقىتتا چوقۇم ئاچچىقلنىپ سەكرەپ كىتەتتىم. ئەمما ئۇ ئانا بولسا، مەسىلە يۈز بەرگەن ئىكەن، بۇ ھەر ئىككى تەرەپتە مەسىلە بارلىقىنى، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بەلگىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كىرەكلىكىنى چۈشەندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئىككى بالىنىڭ ئۆز-ئارا كەچۈرۈم سوراپ ئەپلىشىپ قېلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئانىنىڭ بۇ خىل قىلمىشى، يەنە بىر تەرەپتىكى ئاتا-ئانىنى خىجالەتچىلىككە سېلىپ قويغان.
    شۇڭلاشقا مۇشۇنداق كىچىك بىر ئىشتىن ئاتا-ئانىلارنىڭ ساپاسىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ؛ بالا مەيلى قانداق زىيان تارتقان بولمىسۇن، ھېچبولمىغاندا بالىنىڭ غورۇرىنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، بالىنىڭ ئابرويىنى قوغداپ قېلىش بىلەن بىرگە، قارشى تەرەپكە يەنە ئاۋاز چىقمايدىغان بىر شاپىلاق بىرىش، بۇلاردىن ئۇ ئانىنىڭ ساپاسىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ.
   بۇ مىسالدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، قورقۇنچلۇق بولغىنى بالىلارنىڭ ئۇرۇشقانلىقى ئەمەس، بەلكى بۇ ئىشنىڭ كەينىدە ئېلىپ كەلگەن كۆرسەتمىدۇر. بۇنداق ئىش يۈز بەرگەندە، ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى بالىلارغا بىلدۈرىشى ئەڭ مۇھىم بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.  ئاتا-ئانىلار، بالىلارنىڭ ئۆز-ئارا سوقۇشۇپ جىدەللىشىپ قېلىشىنى ھەرگىز ئادەتتىكى كىچىك ئىش ھىسابلاپ قالماسلىقى، ئۇلارغا ۋاقتىدا تەربىيە ئىشلەپ بۇنىڭ خاتا قىلمىش ئىكەنلىكىنى تۇنۇتۇش كىرەك. بولمىغاندا، كەلگۈسىدە بالىلار بۇ سەۋەپلىك يامان يولغا كىرىپ قالسا، ئۇ ۋاقىتتا پۇشايمان قىلغانغا ئورنىغا كەلمەيدۇ.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتا بۇ ئامىللارنى ئويلاشتىڭىزمۇ

دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号