بالىڭىزغا ئۈچ ياشتىن بۇرۇن بۇ ئادەتلەرنى ئۆگىتىڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7242:قېتىم كورۇلدى
    بالىلارنى تەربىيەلەش مەسىلىسى، ئىزچىل تۈردە ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولۇپ كەلمەكتە؛ بەزىبىر ياشقا نىسبەتەن كىچىك ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەشتە بولغان قائىدىلىرىمۇ كۆپ بولۇپ، بالىسىنىڭ زىيان تارتىپ قېلىشىدىن ياكى ئۇۋالچىلىققا ئۇچراپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، تاماق يىيىش ۋە كىيىم كىيىشتىن تارتىپ، باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشقىچە ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن تەتقىق قىلىدۇ. بىراق، بەزىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇنداق زىيادە ئامراقلىق كۆرسىتىشى، بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئەگەر لايىقىدا بولماي قالغاندا، ھەتتا بالىلارنىڭ كىيىنلىك ئۆسۈپ تەرەققى قىلىش يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئادەتتە بالىلار كىچىك ۋاقتىدىلا ئۇلارغا بەزى قائىدە تۈزۈملەرنى تۈزۈپ، ئۇلاردا ياخشى ئادەتلەرنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمەك لازىم. كۆڭلى يۇمشاقلىق قىلىپ بالىڭىزنى ھەددىدىن ئارتۇق ئەركىلىتىۋەرسىڭىز، ئەكسىچە بالىڭىزغا زىيان سالغان بولۇپ قالىسىز.
ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلىش
    ئۈچ ياش، بالىلارغا نىسبەتەن بىر چىگرا سىزىقى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇندىن ئىلگىرى بالىلار ئاساسى جەھەتتىن ئاتا-ئانىسى ۋە ئائىلىسىدىكىلەردىن باشقا ئادەملەر بىلەن ئاسانلا ئۇچرىشالمايدۇ؛ بىراق بالا ئۈچ ياشقا كىرىپ يەسلىگە بارغاندىن كىيىن، ئۇلارغا نىسبەتەن يەسلى ناتۇنۇش بىر مۇھىت، يەنى تېخىمۇ چوڭ بىر رىقابەت ھىسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاتا-ئانىلار بالىسى يەسلىگە كىرىشتىن بۇرۇن، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى ئىشلىرىنى ئۆزى قىلىدىغان ئادەتلەندۈرۈشى كىرەك؛ مەسىلەن، كىيىم كىيىش، تامىقىنى ئۆزى يىيىش، ئۆزى ھاجەتكە چىقىش قاتارلىقلار. سىز بۇ ئىشلارنى ھەرگىز كىچىك ئىش چاغلاپ قالماڭ، بۇ نوقتىلاردا ئەگەر كۆڭلى يۇمشاقلىق قىلسىڭىز، بالىڭىز يەسلىگە كىرگەندىن كىيىن تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىققا ئۇچرايدۇ، بەزىدە ھەتتا بۇ سەۋەپلىك، ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىغا تەسىر يىتىپ، ئېغىرراق بولغاندا تەشۋىشلىنىش كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
باشقىلارغا دوستانە مۇئامىلە قىلىش
   ئەدەپ قائىدىلىك قىلىپ تەربىيەلەشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. بالا چوڭ بولغاندىن كىيىن ياراملىق ئادەم بولامدۇ يوق، ئۇنىڭ ئۈچ ياش ۋاقتىدىكى ھالىتىدىن ئازدۇر كۆپتۇر كۆرۈپ يەتكىلى بولىدۇ، شۇڭا بالىلاردا ئۈچ ياشتىن بۇرۇن بەزىبىر ياخشى ئادەتلەرنى يىتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىنىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىلار بۇ ۋاقىتتا باغرى يۇمشاقلىق قىلسا، بالىلار كىيىنچە ئىش ئۇقمايدىغان كەپسىز بولۇپ قېلىپ، ئاتا-ئانىلارنى تېخىمۇ بىسەرەمجان قىلىدۇ، بەزىلىرى ھەتتا ئازراق چوڭ بولغاندىن كىيىن چوڭ چاتاقلارنى چىقىرىپ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، بالىلار كىچىك ۋاقتىدىلا، ئاتا-ئانىسى ئۇلارغا ئەدەپ-قائىدىلىك ۋە ئەخلاقلىق بولۇشنى، باشقىلار بىلەن ئۇچراشقاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سالام قىلىش، مۇئەللىمنى ھۆرمەتلەش ۋە باشقا كىچىك دوستلارغا دوستانە مۇئامىلە قىلىش دىگەنلەرنى ئۆگىتىشى كىرەك.
مىجەزىنى كونتىرول قىلىش
    بالىلار ئۈچ ياش ۋاقتىدا، ئۇلارغا چوقۇم سەمىمى بولۇشنى ئۆگىتىش كىرەك؛ چۈنكى، بۇ ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كىيىنكى ئادىمىيلىك ئەخلاقىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. ئون نەچچە يىل ئۆتۈپ چوڭ بولغاندىن كىيىن، بالىنىڭ جەمئىيەتكە سىڭىپ كىرىشى لازىم بولىدۇ؛ ئەگەر ئۇ ۋاقىتتا بالىڭىز ئېغىزىدىن يالغان گەپتىن باشقىسى چىقمايدىغان بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈشنى خالايدىغان دوستلىرىمۇ كۆپ بولمايدۇ. شۇڭلاشقا، بالىلار كىچىك ۋاقتىدىلا ئۇلارغا سەمىمى بولۇش كىرەكلىكىنى بىلدۈرۈش كىرەك. بۇندىن باشقا، بالىلارنىڭ مىجەزىگە قارىتامۇ كونتىرول قىلىشنى كۈچەيتمەك لازىم بولۇپ، بالا خالىغانچە ئاچچىقلىنىپ ئورۇنسىز خاپا قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئۇلارنى ۋاقتىدا توسۇپ، بۇنداق قىلىشنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرىنى ئۇلارغا ئىنىق تۇنۇتۇش كىرەك.
    ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا يۇقارقى بىر نەچچە نوقتىنى چوقۇم ئىنىق تۇنۇتۇشى كىرەك؛ بولمىغاندا، بالىلار جەمئىيەتكە چىققاندىن كىيىن، بەلكىم باشقىلارنىڭ سىزنىڭ ئورنىڭىزدا "تەربىيەلىشى" ئۇچراپ كىتىشى مۇمكىن، ئۇ ۋاقىتتا كىلىپ چىققان ئاقىۋەت، يىغلىغان بىلەنلا ئورنىغا كىلىدىغان ئۇنداق ئاددى بولمايدۇ.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号