كىندىك بېغى ھامىيلىنىڭ بوينىنى چىرمىۋىلىش ھادىسىسى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5692:ئادەم ئۆگەندى
    كىندىك بېغى ھامىيلىنىڭ بوينىنى چىرمىۋىلىش، كىلىنكىدا ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان بىر ھادىسە بولۇپ، ئوتتۇرا ھىسابتا ھەر 5-4ھامىلار ئايالنىڭ بىرسىدە بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلۈپ قالىدۇ؛ ھامىلدار ئاياللار ئەگەر ئۆزىدە بۇ ھادىسىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى بىلسە، "بالىنى بوينىنى سىقىپ تۇنجۇقتۇرۇپ قويارمۇ؟"، "بۇنداق ئەھۋالدا چوقۇم ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش لازىم بولامدىغاندۇ" دەپ ئەنسىرىشىپ كىتىدۇ.
     ئانىلىق مىھرىگە ئەسلىدىنلا ھېچنىمە توغرا كەلمەيدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇنداق كۆپ ئويلاپ كىتىشىمۇ نورمال بىر ئىش؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلارنىڭ بۇنداق ئەنسىرەشلىرىمۇ پۈتۈنلەي داۋلىسىز ئەمەس.
    ئەگەر كىندىك بېغىنىڭ ھامىيلىنىڭ بوينىنى چىرمىۋالغان ئايلانما سانى بەك كۆپ ياكى كىندىك بېغى ئەسلىدىنلا نىسبەتەن قىسقا بولۇپ ھامىيلىنىڭ بوينىنى بەك چىڭ چىرمىۋالغان بولسا، ئۇنداقتا تۇغۇتتا ھامىيلىگە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك ياكى ھامىيلىنىڭ باش قىسىمىنىڭ تۇغۇت يولىدىن چىقىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
    ھامىلدار ئايال ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى دوختۇرلۇق تەكشۈرۈش جەريانىدا، قوسىقىدىكى ھامىيلىنىڭ بوينىغا كىندىك بېغى چىرمىۋىلىنغانلىقىنى بىلگەندە، بەك ھۇدۇقۇپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ؛ بىز ئالدىدا سۆزلەپ ئۆتتۇق، بۇ ناھايىتى نورمال بىر ئىش؛ ئۇندىن قالسا، كۆرۈلگەن كىندىك بېغى ھامىيلىنىڭ بوينىنى چىرمىۋالىدىغان ئەھۋاللارنىڭ %90 تى، بىر ئايلانمىلا چىرمىۋىلىنغان بولىدۇ، %11نىڭ ئىككى ئايلانما چىرمىۋىلىنغان بولىدۇ، ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئايلانما چىرمىۋىلىنغان ئەھۋال بولسا، ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ.
   ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، ھامىيلىنىڭ بوينىنىڭ ئايلانمىسى نىسبەتەن كىچىك، ھەرىكەتلىنىش دەرىجىسىمۇ كىچىك بولغاچقا، كىندىك بەلبىغى ئۇلارنىڭ بوينىنى بىر ئىككى ئايلانما چىرمىۋالسا، نورمال ئەھۋال ئاستىدا، ھامىيلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدىكى بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كىندىك بېغى بەلگىلىك ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ھامىيلىنىڭ بوينىغا چىرمىشىپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئېشىپ قالغان ئۇزۇنلۇقى، ھامىيلىنىڭ تۇغۇت يولىدىن تۇغۇلۇپ چىقىشىغا يىتەرلىك بولىدۇ، تەجىربىلىك تۇغۇت دوختۇرى ئادەتتە ھامىيلىنىڭ بېشى تۇغۇت يولىدىن چىققان ھامانلا، بالىنىڭ بوينىغا چىرمىشىۋالغان كىندىك بېغىنى يىشىپ ئوڭشاپ قويىدۇ؛ بۇندىن باشقا، تۇغۇت جەريانىدا، ھامىيلىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش خىزمىتى ناھايىتى ئەتراپلىق تەييارلىنىدىغان بولغاچقا، بىرەر مەسىلە كۆرۈلۈپ قالسا، ۋاقتىدا بىتەرەپ قىلىشقا يىتەرلىك ۋاقىت بار بولىدۇ.
    شۇڭلاشقا، كىندىك بېغى ھامىيلىنىڭ بوينىنى چىرمىۋالسا، بۇ ئەھۋال چوقۇم ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش كىرەكلىكىدىن دىرەك بەرمەيدۇ. بىراق، كىندىك بېغى زىيادە قىسقا بولغانلىقتىن ھامىيلىنىڭ بېشىنىڭ تۇغۇت يولىدىن چىقىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، تۇغۇت جەريانى توختاپ قالسا؛ ياكى كىندىك بېغىنىڭ بويۇننى چىرمىۋىلىش ئايلانما قېتىم سانى بەك كۆپ، چىرمىۋىلىشى بەك چىك بولغانلىقتىن، تۇغۇت جەريانىدا ھامىيلىدە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھامىيلىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى كۆزىتىش ئۈسكىنىسىدە بىنورماللىق ئاگاھلاندۇرۇش كۆرۈلگەندە، تۇغۇت جەريانىنى توختىتىپ، ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ.
    ئاخىرىدا، ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك بىر نوقتا شۇكى، مەيلى كىندىك بېغى ھامىيلە بوينىنى چىرمىۋىلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ھامىلدار ئايال تۇغۇتى يېقىنلاشقان ۋاقىتلاردا ھامىيلىنىڭ مىدىرلاش قېتىم سانىنى ساناشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك؛ ئەگەر ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشىدا بىنورماللىق كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپى تەكشۈرتۈپ كۆرىشى ھەمدە بۇ ئارقىلىق بىخەستىلىك قىلىش سەۋەپلىك ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قالىدىغان ئىشتىن ساقلىنىشى لازىم.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتا بۇ ئامىللارنى ئويلاشتىڭىزمۇ

دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号