نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار، بالىسىغا قاراشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، بالىسى بىلەن بىللە ئۇخلايدۇ ھەمدە بۇ جەرياندا بالىسىنىڭ ھەر خىل ھالەتلەردە ئۇخلايدىغانلىقىنى بايقايدۇ. ئەمىلىيەتتە، ئادەمنىڭ ئۇخلىغان ۋاقىتتا ئىپادىلەپ چىقارغان بەزىبىر كىچىك ھەرىكەتلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ ھەقىقى ھالىتىنى بىلىۋىلىشقا بولىدۇ؛ چۈنكى، ئادەم ئۇخلاپ قالغاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى ھەقىقى ھىس تۇيغۇسىنى مەقسەتلىك ھالدا ئاڭنىڭ كونتىروللىقى ئاستىدا قويۇپ قويمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى ھەقىقى ھالىتىنى بىلمەكچى بولسا، بوۋىقى ئۇخلاپ قالغاندا ئۇلارنى كۆزىتىپ سىناپ باقسا بولىدۇ.

يېقىنلىق تىپىدىكى ئۇخلاش ھالىتى
ئادەتتە، دادىسى بىلەن ئانىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا يېتىپ ئادەتلەنگەن بالا، ئوڭدىسىغا تۈز يېتىش ھالىتىدە ئۇخلايدىغان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھازىر ئۇنى قوغداپ ياتقانلىقىنى بىلگەنلىكىدىن شۇنداق بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ خىل ئۇخلاش ھالىتىگە ئادەتلەنگەن بالىلار، ئادەتتە ئاتا-ئانىسى ئۈستىدىن يىتەرلىك بولغان بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىرىشكەن بولىدۇ؛ شۇڭلاشقا ئۇلاردا ئەتراپىدىكى شەيئىلەرگە نىسبەتەن چەتكە قېقىش پىسخىكىسى كۆرۈلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ خىل ھالەتتە يېتىپ ئۇخلاش، بالىنىڭ مىجەز-خارەكتىرىنىڭ سالماق، قائىدىگە رىئايە قىلىدىغان، ھەمدە كۈچلۈك بولغان ئۆزىنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. بۇلاردىن باشقا، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا يېتىپ ئۇخلاپ ئادەتلىنىشى، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ياكى يېقىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ئايرىلىشنى خالىماسلىق تىپىدىكى ئۇخلاش ھالىتى
نۇرغۇنلىغان بوۋاقلار، ئادەتتە ئۇخلىغان ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىچىدىكى بىرسىنى تايىنىۋىلىش ئوبىكتى قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى %90دىن يۇقىرىسى ئانىسىنى تايىنىۋىلىش ئوبىكتى قىلىپ، ئۇخلىغاندىمۇ ئانىسىدىن ئايرىلىشنى خالىمايدۇ. چۈنكى، بالا تۇغۇلماستىن باشلاپلا ئانىسى بىلەن ئەڭ كۆپ ئۇچرىشىدىغان بولغاچقا، ئۇخلىغان ۋاقتىدىمۇ، يۇشۇرۇن ئاڭنىڭ يىتەكلىشى نەتىجىسىدە ئانىسىغا يېقىنلىشىدۇ. بۇ خىل ھالەتتە ئۇخلايدىغان بالىنىڭ ئائىلىسى ياكى تازا دىگەندەك ئىناق ئەمەس، ياكى بالىنىڭ دادىسىنىڭ ئادەتتە بالىسىغا ھەمرا بولىدىغان ۋاقتى ئىنتايىن ئاز. بۇ سەۋەپلىك بالىنىڭ ئانىسىغا تايىنىۋىلىپ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىشنى خالىمايدىغان خارەكتىرى يىتىلىپ قالىدۇ. بۇ خىل بالىلار كۆپىنچە يان تەرىپىنى بېسىپ يېتىپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، مىجەز خارەكتىر جەھەتتە، ئۇلار ئېغىر بېسىق كىلىدۇ ھەم باشقىلارغا دوستانە مۇئامىلە قىلىدۇ، ئەمما باشقىلارغا ئاسانلا ئىشنىپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئاتا-ئانىلار ئادەتتە بالىسىغا كۆپرەك ھەمرا بولۇپ، تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلاردىن پايدىلىنىپ، بالىسىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشىشنى قولغا كەلتۈرۈشى كىرەك.

مۇھەببەت كەمچىل تىپىدىكى ئۇخلاش ھالىتى
يۇقارقى ئىككى خىل ئۇخلاش ھالىتىدىن باشقا، يەنە بىر قىسىم بالىلار ئۇخلىغان ۋاقىتتا تۈگۈلۈپ يېتىپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ خىل ئۇخلاش ھالىتى، بالىدا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئىرىشىشنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى بالىلاردا سىرتقى مۇھىتتىكى شەيئىلەرگە قارىتا ئاسانلا چەتكە قېقىش پىسخىكىسى كۆرىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى نىسبەتەن سەزگۈر كىلىدۇ، مىجەز-خارەكتىرىمۇ ئىچ مىجەزلىككە يۈزلەنگەن بولۇپ، باشقىلار بىلەن كۆپ ئالاقە قىلىشنى خالىمايدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئۇلارنىڭ جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىكى ساغلاملىقى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. ئەگەر بالا بۇ خىل ھالەتتە ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەن بولسا، ئۇنداقتا ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا قارىتا دىققەت قىلىشى كىرەك. تۇرمۇشتىكى ھەرقايسى ئىنچىكە نوقتىلاردا بالىغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىرىش، ئادەتتە بالىنى كۆپ ئەيىبلەش ياكى ئۇلارغا قارىتا سەۋرچانلىقى كەمچىل بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش كىرەك.