ھامىلدارلىقتىكى مەزگىلىدىكى كۆڭۈل ئاينىشنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبلىرى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5699:ئادەم ئۆگەندى
   نۇرغۇن ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئۇلاردا بەزىبىر ھامىلدارلىق مەزگىلى ئىنكاسلىرى كۆرىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى كۆڭۈل ئاينىپ قۇسۇشتۇر. بەزىلەر ھەتتا ئەتىگىنى كۆڭلى ئېلىپشپ ئۆت سۇيۇقلۇقىنى قوشۇپ قۇسۇۋەتكىلى تاس قالىدۇ؛ ئەمما يەنە بەزى ھامىلدار ئاياللاردا بولسا بۇ خىلدىكى كۆڭلى ئاينىش ئىنكاسى كۆرۈلمەيدۇ، ئۇنداقتا بۇ نىمە ئۈچۈن؟ بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى كۆڭۈل ئاينىپ قۇسۇش ئىنكاسىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەپلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
ھورمۇننىڭ تەسىرى
   ھامىلدار بولۇپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ئوڭۇشلۇق ھالدا بالىياتقۇغا ئولتۇرغاندىن كىيىن، ھامىلار ئايال بەدىنىدىكى ھەر تۈرلۈك ھورمۇنلار ئۆزلۈكسىز ئاجرىلىپ چىقىدۇ ۋە غىدىقلىنىشقا ئۇچرايدۇ؛ ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە، بەدەندىكى ئاياللىق ھورمۇنى تىز سۈرئەتتە ئۆرلەپ، ئاشقازان ئۈچەي ئىچىدىكى سىلىق مۇسكۇللارنى غىدىقلايدۇ، شۇڭلاشقا ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە كۆڭۈل ئاينىپ قۇسۇش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ.
تىۋىتلىق پەردە جىنسى بەز قوزغاتقۇچى ھورمۇنىنىڭ تەسىرى
   ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە، بالا ھەمرىيى بەزىبىر ھورمۇنلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، تىۋىتلىق پەردە جىنسى بەز قوزغاتقۇچى ھورمۇننىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ھامىلدار ئايالدا كۆرىلىدىغان ھامىلدارلىق ئىنكاسلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئادەتتە ھورمۇن سەۋيىسى قانچىكى يۇقىرى بولسا، ھامىلدار ئايالدىكى ھامىلدارلىق ئىنكاسى شۇنچە كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئوخشاش بولمىغان ھامىلدار ئاياللاردا كۆرىلىدىغان ھامىلدارلىق ئىنكاسى دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ.
تۇغما بەدەن سۈپىتى ھامىيلە بىلەن ماسلاشماسلىق
    تۇغما بەدەن سۈپىتى بىلەن ھامىيلىنىڭ بىر-بىرىنى چەتكە قېقىشىمۇ، ھامىلدار ئايالدا ھامىلدارلىق مەزگىلى ئىنكاسلىرى كۆرۈلۈشتىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ،  ھامىلدار بولغانلىق سەۋەبىدىن ئايال كىشىنىڭ بەدىنىدە ماس ھالدا بەزىبىر ئۆزگىرىشلەر كۆرىلىدۇ، بۇ ئۆزگىرىشلەر بەزىدە ھامىلدارلىق مەزگىلى ئىنكاسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
بەدەن ئورگانىزىملىرىنىڭ ئىقتىدارى زىيادە سەزگۈر بولۇپ قېلىش
    ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئايال كىشىنىڭ ھەرتۈرلۈك بەدەن ئىقتىدارلىرى نىسبەتەن سەزگۈر بولۇپ قالىدۇ، بولۇپمۇ پۇراش سىزىمى ھامىلدار بولۇشنىڭ ئالدىدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ بەكرەك سەزگۈر بولۇپ قالىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ھامىلدار ئاياللار ھەمىشە ئەتراپىدا غەلىتە پۇراقلارنى پۇراپ سالىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلى ئىنكاسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇمۇ ھامىلدارلىق مەزگىلى ئىنكاسى كۆرۈلۈشنىڭ بىر خىل سەۋەبى ھىسابلىنىدۇ.
ھامىلدار ئايالنىڭ ئاشقازان ئۈچەي فونكىسىيىسى ياخشى ئەمەس
   بەزى ھامىلدار ئاياللارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، ھامىلدار بولۇشنىڭ ئالدىدىلا تازا ياخشى ئەمەس كىلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ ئاشقازان ۋە ئۈچەي فونكىسىيىسى ئەسلىدىلا ياخشى بولمىسا، ھامىلدار ئايالنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلى ئىنكاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ، ھامىلدار بولغاندىن كىيىن ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ قىمىرلىشى ئاستىلاپ قالىدىغان بولغاچقا، بۇ ۋاقىتتا بەزىبىر تازىلىقى ياخشى بولمىغان يىمەكلىكلەرنى ياكى غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى زىيادە كۈچلۈك يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندا، كۆڭۈل ئاينىپ قۇسىدىغان ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ.
    ئەمىلىيەتتە، كۆڭۈل ئاينىپ قۇسۇش، ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدىكى ھامىيلىنى قوغداشتىكى بىر خىل تۇغۇلما ئىقتىدار بولۇپ، بۇنىڭ مەقسىتى بولسا، كىسەللىك ۋىرۇسلىرى ياكى زىيانلىق ماددىلارنىڭ بەدەنگە كىرىپ ھامىيلىگە خەۋپ يەتكۈزىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چىقارغان بىر خىل ئىنكاستۇر. شۇڭا بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كۆڭۈل ئاينىپ قۇسۇش، نورمال بولغان، ھەتتا پايدىلىق بولغان بىر خىل ھادىسىدۇر، شۇڭا ھامىلدار ئاياللار بۇنىڭدىن بەك ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتا بۇ ئامىللارنى ئويلاشتىڭىزمۇ

دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号