بالىڭىزدا بۇ ئىپادىلەر بولسا سىز مۇۋەپپىقىيەت قازانغان بولىسىز
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5711:ئادەم ئۆگەندى
   بىر بالىنىڭ ياخشى بالا ياكى ئەمەسلىكىگە قانداق قاراش كىرەك؟ بالىلارنىڭ ئىپادىسى قانداق بولغاندا، ئاندىن ئاتا-ئانىسىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئاتا-ئانا دەپ قارىغىلى بولىدۇ؟ ئىمتاھاندا تولۇق نۇمۇر ئالسىمۇ ياكى ناخشا-ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناش دىگەنلەرگە ئوخشاش كۆپ خىل تالانتقا ئىگە بولسىمۇ؟ ياق، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئەمەس، بۇلارنى بىر بالىنىڭ ياخشى تەربىيەگە ئىگە بولغان بولغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتىكى ئۆلچەم قىلىۋىلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر بالىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەر بار بولسا، ئاندىن سىزنى بالا تەربىيەلەشتە مۇۋەپپىقىيەت قازانغان دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
ئاتا-ئانىسىغا كۈيۈنۈش
    تاماق ئۈستىلىدە، بەزى بالىلار ئۆزىنىڭ يىگۈسى بار نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى ئۆزى ئالدىغا يېغىۋالىدۇ، يەنە بەزى بالىلار بولسا، ئاتا-ئانىسىنى ئويلاپ، ئۇلارنىمۇ يىيىشكە دەۋەت قىلىدۇ. مۇشۇنداق كىچىك بىر ئىش، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا كۆيۈنىدىغانلىقىنى ۋە باشقىلار ئۈچۈنمۇ ئويلىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، بۇنداق بالىلار كەلگۈسىدە چوقۇم ۋاپادار چوڭ بولىدۇ.
مىننەتدار بولۇشنى بىلىش
   ئەگەر بالىلار باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئىرىشكەن ۋاقىتتا، بۇنى ئىسىدىن چىقارماي چىڭ ساقلىيالىسا ھەمدە چامىسى يىتىدىغان ئىشلاردا قارىشى تەرەپكىمۇ ياردەم بىرەلىسە؛ ئۆزىگە ياردەم قىلغان كىشىلەرگە رەھمىتىنى بىلدۈرسە؛ ئاتا-ئانىسىغىمۇ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرسە؛ بۇ ئەھۋاللار، بالىنىڭ مىننەتدار بولۇشنى بىلىدىغان بالا ئىكەنلىكىنى ھەمدە باشقا مۇھىتلارغا ئاسانلا سىڭىپ كىرەلەيدىغان، قانائەت قىلىشنىمۇ بىلىدىغان بالا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
توغرا بولغان قىممەت قارىشى بار بولۇش
   ئەگەر بالا ئۆز نەرسە-كىرەكلىرىنى ئاسراپ، قالايمىقان پۇل خەجلىمىسە، ھەتتا ئادەتتە خەجلەيدىغان پۇللىرىنى يېغىپ ئىقتىساد قىلالىسا؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇل تېپىشىنىڭ ئوڭاي ئەمەسلىكىنى چۈشىنىپ يىتىپ، سۇ تىجەش، چىراق ئۆچۈرۈشكە ئادەتلىنىش، نەرسە-كىرەكلەرنى قالايمىقان تاشلىۋەتمەسلىك قاتارلىق ئادەتلەرنى يىتىلدۈرەلىسە، بۇ بالىلارنىڭ توغرا بولغان قىممەت قارىشى ۋە پۇل قارىشى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تىجەشلىك بولۇش، ئەسلىدىنلا ئىسىل ئەخلەقى-پەزىلەتلەرنىڭ بىرى.
باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلىش
   باشقا كىچىك دوستلارنىڭ قوسىقى ئېچىپ قالسا، ئۆزىنىڭ يىمەكلىكىدىن قارشى تەرەپكە بۆلۈپ بەرسە ھەمدە باشقىلارنىڭ روھى كەيپىياتى تۆۋەن بولۇپ قالسا، ئۇلارغا تەسەللى بىرىشنى بىلسە، بۇ ئۇلارنىڭ ئاق كۆڭۈل، باشقىلارغا كۆڭۈل بىلىشنى بىلىدىغان بالا ئىكەنلىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ خىلدىكى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئۆز بالىسىنى ياخشى كۆرۈپلا قالماي، يەنە ئۇلارغا باشقىلارغا قانداق قىلىپ مىھىرى-مۇھەببەت بىرىشنى ئۆگەتكەن بولىدۇ. باشقىلارغا گۈل سوۋغا قىلساق، قولىمىزدا گۈلنىڭ ھىدى قالغانغا ئوخشاش، بۇ خىلدىكى بالىلارمۇ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى ۋە ئاسرىشىغا ئىرىشەلەيدۇ.
خاتالىقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۇنۇپ يىتىش
    بالىلار خاتالىق سادىر قىلىپ سالغان ۋاقىتتا، مەسىلەن بىرەر نەرسىنى چېقىۋىتىپ سالغان ۋاقىتتا، ئەگەر ئۇلار يالغان ئېيتماي ۋە ئۆزىنى قاچۇرماي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتا-ئانىسىغا ئۆزىنىڭ خاتالىق سادىر قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى سورىسا، بۇ ئەھۋال، بالىنىڭ ئىنتايىن جاسارەتلىك ھەمدە ئۆزىگە تەۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى بىلىدىغان بالا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئاتا-ئانىسىنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلىنىڭمۇ ناھايىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغانلىقى، بالىسىغا يىتەرلىك دەرىجىدە ئىشەنچ ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. بۇنداق بالىلار، كەلگۈسىدىمۇ جاسارەتلىك، نىيىتى دۇرۇس، مەسئۇلىيەتچان ئادەم بولىدۇ.
قائىدىگە رىئايە قىلىش
   ئەخلەتنى ئەخلەت تۇڭىغا تاشلاش، خالىغانچە تۈكۈرمەسلىك، نەرسە كىرەك سېتىۋالغاندا ساقلايدىغان ئادەم كۆپ بولسا چىرايلىق رەتكە تىزىلىپ تۇرۇش قاتارلىق ئادەتلىنىشلەر، ئادەمنىڭ ئەخلاق تۇيغۇسىغا تايىنىپ ساقلىنىدىغان قىلمىش ھالەتلىرىدۇر؛ ئەمىلىيەتتە بولسا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇنداق قىلالىشى ناتايىن. بىراق ئەگەر سىزنىڭ بالىڭىز بەزىبىر چوڭلارغا قارىغاندا بەكرەك ئىش ئۇقىدىغان بولۇپ، جەمئىيەتتىكى قائىدە-پىرىنسىپلارغا رىئايە قىلىشنى بىلسە، بۇ دەل ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىيەسىنىڭ ياخشى بولغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ. ئۇلارنىڭ قائىدە-پىرىنسىپلارغا ئاڭلىق رىئايە قىلالىشى، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى كونتىرول قىلىش ۋە چەكلەپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، كىيىنلىك ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش جەھەتتىمۇ ئۇلارنىڭ ئىپادىسى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتا بۇ ئامىللارنى ئويلاشتىڭىزمۇ

دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号