ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئۇخلاش ھالىتى ھەققىدە
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6176:ئادەم ئۆگەندى
    ئادەتتە، ھامىلدار ئەمەس ۋاقىتتىمۇ، ئەگەر ئاخشىمى ئۇخلاش ھالىتىمىز توغرا بولماي قالسا، ئەتىسى بويۇن بەللىرىمىز ئاغرىپ قوپىمىز؛ شۇڭا، قوساقتا بالا بار ۋاقىتتا تېخىمۇ دىققەت قىلماق لازىم بولىدۇ.
    ئادەتتە ھامىلدار بولمىغان ۋاقىتتا، قانداق يېتىپ ئۇخلىغىمىز كەلسە شۇنداق يېتىپ ئۇخلايمىز؛ دۈم يېتىپ ئۇخلامدۇق ياكى پۇت قوللىرىمىزنى كېرىپ پۈتكۈل كارۋاتنى ئىگەللەپ ئۇخلامدۇق، چوڭ مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ. ئەمما ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، بۇنداق ھەر خىل ھەر ياڭزا كەلگەن ئۇخلاش ھالىتىنى ئۆزگەرتمەي بولمايدۇ.
ھامىلدار ئايال ئۇخلاش جەھەتتە بۇ ئۈچ ئىشقا دىققەت قىلىشى كىرەك
بالىنى بېسىپ بىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
    ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقى تۆمۈردىن ياسالغان ئەمەس، شۇڭا ئازراق بېسىلىپ قالسىلا شەكلى ئۆزگىرىپ كىتىدۇ، شەكلى ئۆزگىرىپ كەتسە قورسىقىدىكى ھامىيلىگە تەسىر يىتىدۇ.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىلگىرى دۈم يېتىپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدىغان ئاياللار دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ؛ ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، دۈم يېتىپ ئۇخلىسا بالىنى بېسىپ بىرىپ، ھامىيلىگە خەۋپ ئېلىپ كىلىدۇ.
ھامىيلىنىڭ سۇدىن ئايرىلغان بېلىققا ئوخشاپ قېلىشىدىن ساقلىنىش
    باش سۈيى، ھامىيلىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، شۇڭلاشقا ھامىلدارلىك كىيىنكى مەزگىلىدىكى تەكشۈرۈشتە باش سۈيىنىڭ ئاز كۆپلىكىگە قارايدۇ؛ ئەگەر باش سۈيى بەك ئاز قالسا، ئۇنداقتا ھامىيلىگە ئاسانلا ئوكسىگىن يىتىشمەي قالىدۇ.
    ھامىلدار ئايال ئۇخلىغان ۋاقتىدىمۇ دىققەت قىلىشى كىرەك؛ مەسىلەن، ئوڭدا ياتقان ۋاقىتتا، ھامىيلە ئوتتۇردا قېلىپ، باش سۈيى ئىككى تەرەپكە يېغىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ھامىيلىگە ئاسانلا ئوكسىگىن يىتىشمەي قالىدۇ.
ھامىيلىنىڭ بىئارام بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش
    ئادەتتە، ھامىيلىدە مىدىرلاش كۆرۈلگەندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ مىدىرلىشى، ھامىلدارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ياكى ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەيدىغان مۇھىم بىر ئۆلچەم بولۇپ، ھامىيلە ئەگەر بىئارام بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا ھامىيلە قاتتىق مىدىراپ كىتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەگەر قوساقتىكى بالا بەك مىدىرلاپ كەتسە، ئۆرۈلۈپ، باشقا ئۇخلاش ھالىتىدە يېتىش لازىم بولىدۇ.
ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئۇخلاش ھالىتىگە بىرىلىدىغان تەكلىپ
ھامىلدارلىق ئوتتۇرا ۋە ئاخىرىقى مەزگىلىدە سول يېنىنى بېسىپ يېتىش
    ئادەتتىكى نورمال بالىياتقۇ، يىنىك دەرىجىدە ئوڭ تەرەپكە بۇرمىلانغان كىلىدۇ؛ بالىياتقۇ يوغىنىغاندىن كىيىن بولسا، ئوڭغا بۇرمىلىنىش دەرىجىسىمۇ ئاشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا سول يېنىمىزنى بېسىپ ئۇخلىساق، بالىياتقۇدىكى بالا ھەمرىيىنىڭ قان ئايلىنىش مىقدارىغا پايدىلىق بولۇپ، ئوكسىگىن يىتىشمەي قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
   بىراق، بۇ يەردە ئېيتىلغان سول يېنىنى بېسىپ يېتىش، 90گىرادوسلۇق ھالەتتە سول يېنىنى بېسىپ يېتىشنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى 30-15گىرادوسلۇق ھالەتنى ساقلىغان ئاساستا يېتىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا، ھامىلدار ئايالمۇ ئۇنداق بىئاراملىق ھىس قىلمايدۇ.
ئوڭ ۋە سول يېنىنى ئالماشتۇرۇپ بېسىپ يېتىش
    بەزى ۋاقىتلاردا سول يېنىنى بېسىپ  يېتىۋىرىپ پۇتى سىقىراپ قالسا، ئوڭ يېنىنى ئالماشتۇرۇپ بېسىپ ياتسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدىمۇ بەك يېنى بولۇش كەتمەيدۇ، ئادەتتە 30گىرادوسلۇق ھالەتنى ساقلىسا بولىدۇ.
ئۇخلاش ياستۇقىدىن پايدىلىنىش
    ئۇخلىغان ۋاقىتتا، ھامىيلىنىڭ ئېسىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھامىلدارلىق مەزگىلى مەخسۇس ئىشلىتىش ياستۇقىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتا بۇ ئامىللارنى ئويلاشتىڭىزمۇ

دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号