ئوغۇل بالا بىلەن قىز بالىنى بېقىشتىكى ئوخشاشماسلىقلار
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6170:قېتىم كورۇلدى
    قىزى بار ئاتا-ئانىلار، "ئوغۇل بالا تۇغسا ياخشىكەن، باقماق ئاسان، قىز بالىغا ئوخشاش ئۇنداق ئەركە ئەمەس" دىيىشىدۇ؛ ئوغلى بار ئاتا-ئانىلار بولسا، "يەنىلا قىز بالا تۇغقان ياخشىكەن، قىز بالا دىگەن كۈيۈمچان كىلىدۇ" دىيىشىدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا، چوقۇم بىر ئوغۇل بىر قىز تۇغۇپ، جۈپتەك بېقىش كىرەك دەيدۇ.
    مەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، ئىككىنچى بالىنى تۇغقاندىن كىيىن، قىز بالا بىلەن ئوغۇل بالىنى بېقىشتا چوڭ پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلدىم.
تۇغۇلغان ۋاقىتتا
    قىز بالا تۇغقاندىن كىيىن، بىزنىڭ بەكرەك دىقەت قىلىدىغىنىمىز، ئۇنىڭغا ئىمكان قەدەر ئەڭ چوڭقۇر مۇھەببەت ئىپادىلەشتۇر؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، قىزىمىزغا ئىمكان قەدەر ياخشى تۇرمۇش شارائىتى يارىتىپ بىرىشكە تىرىشىمىز. چۈنكى، ياخشى شارائىتقا ئىگە بولغان ئائىلە، ئۇلارنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ئىشەنچىسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ مەنبەسى.
    ئوغۇل تۇغقاندىن كىيىن بولسا، ئەڭ كۆپ ئويلايدىغىنىمىز، كۆپرەك پۇل يېغىش؛ چۈنكى، ئۇنىڭغا ئۆي ۋە ماشىنا ئېلىپ بىرىش ئۈچۈن پۇل تەييارلىمىساق بولمايدۇ.
مىجەز-خارەكتىر تەربىيەسى
    قىز بالىغا كىچىكىدىن باشلاپلا، مۇلايىم، گەپ ئاڭلايدىغان، قولى ئىشقا ماھىر بولۇش ھەققىدە تەربىيە ئىشلىنىدۇ.
    ئوغۇل بالىغا نىسبەتەن بولسا، ئۇنىڭ باتۇر، مۇستەقىل، مەسئۇلىيەتچان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
بالىنى ئېلىپ سىرتقا چىققان ۋاقىتتا
    قىز بالىنى ئېلىپ سىرتقا چىقماقچى بولغاندا، ھەر قېتىمدا ئۇنى چىرايلىقچە ياساپ، خۇددى ئانىسىنىڭ قېشىدا ئېلىپ  ماڭغان بىر زىننەت بۇيۇمىدەك قىلىپ قويىمىز؛ ئۇنىڭمۇ كىچىك قوللىرى ھەمىشە ئانىسىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتىۋىلىپ قويۇپ بەرمەيدۇ.
    ئوغۇل بالىنى ئېلىپ سىرتقا چىققاندا بولسا، ئازراق ئىھتىياتسىزلىق قىلسىلا، ئۇنىڭغا يىتىشىپ بولالماي قالىمىز، خۇددى ئوغلى ئاتا-ئانىسىنى يىتىلەپ مېڭىۋاتقاندەك بولۇپ قالىدۇ.
خاتالىق ئۆتكۈزگەن ۋاقىتتا
    قىز بالا خاتالىق ئۆتكۈزسە، ئۇنى ئىككى ئېغىز تەنقىدلىگەندىن كىيىن، ئۇنىڭ ياش مۆلدۈرلەپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ، ئۇنى قايتا تىللاشقا ئادەم چىدىماي قالىدۇ.
    ئوغۇل بالا خاتالىق ئۆتكۈزگەندە بولسا، ئۇ ھەرقانچە ۋايساپ چىقىراپ كەتسىمۇ، ئىشلەشكە تىگىشلىك تەربىيە، يەنىلا ئىشلىنىۋىرىدۇ.
ئويۇنچۇق سېتىۋىلىش
    قىز بالىغا ئويۇنچۇق سېتىۋالغاندا، ھەممىسى تۈكلۈك كەلگەن قونچاق دىگەندەك ئويۇنچۇقلار.
    ئوغۇل بالىلار ياخشى كۆرىدىغىنى بولسا، ماشىنا، ئايروپىلان، ماشىنا ئادەم دىگەنلەردۇر.
ئۆي ئىشلىرى قىلىش
    مەينەت ھەم ئېغىر ئىشلارنى قىز بالىنى قىلىشقا بۇيرىغىلى ئاتا-ئانىنىڭ كۆڭلى ئۇنىمايدۇ؛ چۈنكى، قىزىنىڭ قولى يۇمران ھەم ئاپئاق تۇرمىسا بولمايدۇ.
    ئوغۇل بالىغا كەلگەندە بۇنداق ئاسانلىق يوق؛ كىچىكىدىنلا ئۇنىڭغا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى ئۆگىتىش كىرەك، چۈنكى كەلگۈسىدە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە مەسئۇل بولمىسا بولمايدۇ.
بالىلار چوڭ بولۇپ توي قىلغاندا
    قىز بالا توي قىلسا، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا كۆز قىيماي، كۆڭلى يېرىم بولىدۇ.
    ئوغۇل بالا توي قىلغاندا بولسا، ئاتا-ئانىسى خۇشال بولۇشۇپ ئېغىزلىرىنى يۇمالماي قالىدۇ.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号