ھامىلدار ئاياللاردا كۆرىلىدىغان بۇۋاسىرنىڭ ئالدىنى ئېلىش
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6444:قېتىم كورۇلدى
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە ئەگىشىپ، بالىياتقۇ بارغانسىرى چوڭىيىدۇ ھەمدە قوساق ئاستى بوشلۇق ۋىنرا قان تومۇرلىرىغا بېسىم شەكىللەندۈرۈپ، قان ئايلىنىشنىڭ راۋان بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا قان سۇيۇقلۇقى راۋان  ئايلىنالمىغانلىق سەۋەبىدىن ئۇيۇشۇپ ۋە چۆكمە شەكىللىنىپ، مەقئەت ئەتراپى ۋىنرا قان تومۇرلىرىنىڭ كېڭىيىپ ئىگىلىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭغا ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ھەرىكەت مىقدارى ئاز بولۇش ۋە بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىشى بەك تىز بولۇش قوشۇلۇپ، ھامىلدار ئايالدا بۇۋاسىر بولۇپ قېلىش خەۋىپى تۇغۇلىدۇ.
    نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار، قورسىقىدىكى بالىغا تەسىر يىتىشىدىن ئەنسىرەپ، مەلھەم دورىسى ئىشلىتىشتىن قورقىدۇ. ئۇنداقتا بۇۋاسىرنى قانداق مەغلۇپ قىلىش كىرەك؟
    گەرچە ھامىلدارلىق مەزگىلى بولسىمۇ، ئەمما ھامىيلىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا بۇۋاسىرغا تاقابىل تۇرىدىغان ۋە ئالدىنى ئالىدىغان نۇرغۇن ئۇسۇللار بار.
    ئەگەر، بۇۋاسىر ئۇنچە ئېغىر بولمىسا، بۇنداق ئەھۋالدا مۇھىم بولغىنى ئالدىنى ئېلىش:
    1. سۇنى كۆپ ئىچىش. ھامىلدار ئايال ئەڭ ياخشىسى، كۈندە 1700-1500مىللىلىتىر ئەتراپىدا  سۇئىچىشكە كاپالەتلىك قىلىش كىرەك.
    2. يىرىك تالا ماددىسى تەركىبى مول بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش، ئاچچىق ھەم غىدىقلايدىغان يىمەكلىكلەرنى ئازراق ئىستىمال قىلىش كىرەك. كەرەپشە، تۇرۇپ، نەشپۈت، سۇلۇ، يىرىك گۈرۈچ قاتارلىق مىۋە-كۆكتات ۋە يىرىك ئاشلىقلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش؛ تاماقلىنىشتا مىقدارى ئاز قېتىم سانى كۆپ بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، چوڭ يەپ چوڭ ئىچىشتىن ساقلىنىش لازىم.
    3. ئۇزۇن ئولتۇرۋالماسلىق لازىم. ھامىلدارلىق مەزگىلىدىمۇ مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىپ بىرىش كىرەك.
    4. قەرەللىك تۈردە چوڭ تەرەت قىلىش ئادىتى يىتىلدۈرۈش. ھەركۈنى قەرەللىك ۋاقىتتا چوڭ تەرەت قىلىش، ئۇ ۋاقىتتا تەرەت قىستىمىغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا ھاجەتخانىغا كىرىپ بىردەم ئولتۇرۇپ، ئۆزىدە بۇ خىل ئادەتنى يىتىلدۈرۈش كىرەك.
    5. ھەر قېتىملىق ھاجەتكە ئولتۇرۇش ۋاقتى 10مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەك. پەقەت بولمىغاندا، بىر دەم ئولتۇرغاندىن كىيىن سىرتقا چىقىپ بىرئاز ھەرىكەت قىلغاندىن كىيىن، ئاندىن قايتا كىرىپ داۋاملىق ئولتۇرۇش.
    6. ھەركۈنى كەچلىكى چوڭ تەرەت قىلىپ بولغاندىن كىيىن، مەقئەتنى پاكىزە يۇيۇپ، ئىسسىق لۆڭگە بىلەن مەقئەتنى بېسىپ ئۇۋۇلاپ بىرىش.
    7. ئەگەر چوڭ تەرەت قۇرۇق بولۇپ، قەۋزىيەت شەكىللەنگەن بولسا ياكى شەكىللىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولسا، دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا دورا ئىشلىتىپ قەۋزىيەتنى ياخشىلىسا بولىدۇ، بۇنىڭ ھامىيلىگە زىيانلىق تەسىرى بولمايدۇ.
   ئەگەردە بۇۋاسىر بىرقەدەر ئېغىر بولسا، ھامىلدار ئاياللار ئەمىلىيەتتە دورا ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ؛ ئەمما قايسى خىل دورىنى ئىشلىتىش ۋە قانداق ئىشلىتىش مەسىلىسىدە، چوقۇم دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىش، ئۆزى خالىغانچە دورا ئىشلىتىشتىن قەتئى ساقلىنىش كىرەك.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号