بۇ خىلدىكى بالىلار كەلگۈسىدە ئىقتىدارلىق ئادەم بولىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5692:ئادەم ئۆگەندى
    ئوغۇلنى نامرات بېقىپ قىزنى باياشاتچىلىقتا بېقىش، دۆلىتمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتى. چۈنكى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى، ئەگەر ئوغۇللارنى نامرات باققاندا، ئۇلار قەيسەر، مۇستەقىل چوڭ بولىدۇ دەپ قارايدۇ؛ ئەكسىچە، قىزلارنى كىچىكىدىنلا باياشاتچىلىقتا باققاندا، ئۇلار كىچىكىدىنلا ناچار قىزىقتۇرۇشلارغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرەلەيدۇ. ئەمىلىيەتتە، مەيلى نامرات باقايلى ياكى باياشاتچىلىقتا باقايلى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەقسىتى، بالىسىنى ياراملىق بىر ئادەم قىلىپ يىتىلدۈرۈشتۇر. ئۇنداقتا ئوغۇلنى نامرات بېقىپ قىزنى باياشات بېقىش دىگەن بۇ قاراش توغرىمۇ؟
    يېقىنقى يىللاردىن بويان، مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بالىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇش بولماسلىقىنىڭ، ئاتا-ئانىسىنىڭ نامرات بېقىشى ياكى باياشات بېقىشى بىلەن كۆپ مۇناسىۋىتى يوق ئىكەن. ئەكسىچە، تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بار بالىلار، چوڭ بولغاندىن كىيىن جەمئىيەتكە تېخىمۇ ئاسان ماسلىشىپ، مۇۋەپپىقىيەت قازىنالايدىكەن.
ھىسىي كۆرسەتكۈچى يۇقىرى بالىلار
    ھىسىي كۆرسەتكۈچى يوقىرى كىشىلەر تېخىمۇ ئاسان ئالقىشقا ئىرىشىپ، ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشكە ئىرىشەلەيدۇ. ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە، ھىسي كۆرسەتكۈچى يۇقىرى بولۇش ئەقلى ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ، بۇنىڭدىن بالىلارنىڭ ھىسي كۆرسەتكۈچىنىڭ يۇقىرى بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ. ئاتالمىش ھىسي كۆرسەتكۈچى يۇقىرى بولۇش، بالىلارنىڭ باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشنى بىلىشىنى، گەپ-سۆزلەرگە ماھىر كىلىشىنى ۋە ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى ياخشى كونتىرول قىلالىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە، ھىسي كۆرسەتكۈچى يۇقىرى بالىلار بىرقەدەر ئۈمىدۋار ھەم ئۆزىگە ئىشىنىدىغان كۆرىنىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىلدىكى بالىلار، چوڭ بولغاندىن كىيىن جەمئىيەتكە تېخىمۇ ماسلىشىپ كىتەلەيدۇ.
ئۆزىنىڭ مۇستەقىل كۆز-قارىشى بار بالىلار
   نۇرغۇن كىشىلەر بىر ئۆمۈر قىلىپنىڭ ئىچىدىن چىقالماي ئۆتىدۇ، شۇڭا ئۇلار بىر ئۆمۈر ئادەتتىكى بىر ئادەم بولۇپلا ئۆتىدۇ. قىزىقىش-ھەۋەسلەر، بالىلارنىڭ ئەڭ ياخشى مۇئەللىمى؛ بەزى بالىلار كىچىكىدىنلا كۈچلۈك بولغان بىلىم ئىزدەش ئىستىكىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل قاراشلىرى بار، ئۇلار ھەمىشە ئاتا-ئانىسىغا ھەر خىل سۇئاللارنى قويىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بۇ خىلدىكى بالىلار چوڭ بولغاندا چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن؛ چۈنكى، ئۇلار كىچىكىدىنلا مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ خىل ئىقتىدار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە ئەگىشىپ بارغانسىرى پىشىپ يىتىلىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ خىلدىكى بالىلار باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان مۇۋەپپىقىيەت قازىنالايدۇ.
كۆپنى كۆرگەن بالىلار
    كۆپنى كۆرگەن بولۇش، بىر ئادەمنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغان بولۇپ، ئادەمنىڭ كەچمىش تەجىربىلىرىنى موللاشتۇرىدۇ. شۇڭلاشقا، كۆپنى ئاڭلاپ ۋە بىلىپ چوڭ بولغان بالىلار، باشقا بالىلارغا قارىغاندا ماسلىشىش ئىقتىدارى يۇقىرى كىلىدۇ. بىز ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتسەك شۇنى بايقىيالايمىزكى، ئۆيدە ئولتۇرۋىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بالىلارنىڭ ئىجتىمائى ئالاقە ئىقتىدارى ۋە ماسلىشىش ئىقتىدارى، ھەر كۈنلۈكى سىرتلاردىن كىرمەي ئويناپ يۈرىدىغان بالىلارغا قارىغاندا تۆۋەن كىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بالىلىرىنى كۆپرەك سىرتلارغا ئېلىپ چىقىپ ئوينىتىشى، ئىقتىسادى شارائىتى يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئۇلارنى كۆپرەك جايلارغا ئاپىرىپ ساياھەت قىلدۇرۇپ كىلىشى كىرەك.
ھەرىكەتلىنىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بالىلار
    ئادەمگە نىسبەتەن، ھەرىكەتلىنىش ئىقتىدارى ئىنتايىن مۇھىم؛ چۈنكى، ھەرىكەتلىنىش، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىزدىنىش ئىقتىدارىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھەرىكەتلىنىش ئىقتىداى كۈچلۈك بولغان بالىلار، ئادەتتە گېپى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك كىلىدىغان، ئىزدىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئەمىلى ئىش قىلغۇچىلاردىن بولۇپ، بۇ خىلدىكى بالىلار چوڭ بولغاندىن كىيىن مەيلى نىمە ئىش قىلمىسۇن، چوقۇم رەھبىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئىرىشەلەيدۇ. ھەرىكەتلىنىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بالىلار، ئادەتتە گەپنى ئاز قىلىپ ئىشنى كۆپ قىلىدىغان، ئىغىزىدىن چىققاننى چوقۇم ئەمەلدە ئىشقا ئاشۇرىدىغان كىلىدۇ.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتا بۇ ئامىللارنى ئويلاشتىڭىزمۇ

دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号