خاسىڭ مېيى(花生油)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 133172:ئادەم ئۆگەندى

ئاساسلىق ئۇچۇرى
    خاسىڭ مېيى سۇس سېرىق رەڭلىك كەلگەن سۇيۇقلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ رەڭگى سۈزۈك، پۇرىقى مەززىلىك، تەمى تەملىك كىلىدۇ؛ خاسىڭ مېيى نىسبەتەن ئاسان ھەزىم بولىدىغان بىر خىل يىمەكلىك مېيى بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالارنىڭ مىقدارى %80دىن ئېشىپ كىتىدۇ(بۇنىڭ ئىچىدە ياغ كىسلاتاسى %41.2، لىنولىئېك كىسلاتاسى %37.6). بۇندىن باشقا خاسىڭ مېيى تەركىبىدە يەنە %19.9 يۇمشاق ياغ كىسلاتاسى، قاتتىق ياغ كىسلاتاسى، خاسىڭ كىسلاتاسى قاتارلىق تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى بار.
   خاسىڭ مېيىنىڭ ياغ كىسلاتاسى تۈزۈلۈشى بىرقەدەر ياخشى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ھەزىم قىلىپ سۈمۈرۈشىگە ئاسان بولىدۇ. دۆلەت سىرتىدىكى ماتىرياللاردا تۇنۇشتۇرۇلۇشىچە، خاسىڭ مېيى ئىشلەتكەندە، ئادەم بەدىنىدىكى خولىستىرىننى ئۆت كىسلاتاسىغا پارچىلاپ بەدەن سىرتىغا چىقىرۋەتكىلى بولىدىكەن ھەمدە بۇ ئارقىلىق قان تەركىبىدىكى خولىستىرىننىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. بۇندىن باشقا خاسىڭ كىسلاتاسى تەركىبىدە يەنە سىتتېن، بوغداي ئۈندۈرمىسى فىنولى، فوسفلىپىد، ۋىيتامىن E، خولىن قاتارلىق ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق ماددىلار بار بولۇپ، دائىم خاسىڭ مېيى ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا، قان تۇمۇر دىۋارلىرىنى قوغداپ قان نۆكچىسى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدىكەن ھەمدە ئارتىرىيە قېتىشىش ۋە تاجىسىمان يۈرەك كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى بولىدىكەن. خاسىڭ مېيى تەركىبىدىكى خولىن يەنە ئادەم مىڭىسىنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ياخشىلىيالايدىغان بولۇپ، مىڭە ئىقتىدارىنىڭ چىكىنىشىنى كەينىگە سۈرىدىكەن.
ئۇزۇقلۇق قىممىتى
    تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، خاسىڭ مېيى تەركىبىدىكى سىنىكنىڭ مىقدارى قىچا مېيى، پۇرچاق مېيى، سالات مېيى قاتارلىقلارنىڭ نۇرغۇن ھەسسىسىگە تەڭ كىلىدىكەن. ئادەم بەدىنىگە سىنىك تۇلۇقلاشنىڭ ئۇسۇللىرى گەرچە ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، بىراق ماي كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان تۇلۇقلىما بولغانلىقى ئۈچۈن، خاسىڭ مېيى ئىستىمال قىلىش ئاممىباپ سىنىك تۇلۇقلاشقا ئىنتايىن ماس كىلىدىكەن.
    خاسىڭ مېيىىنىڭ قېرىشقا قارشى تۇرۇش تەركىبى بار بولۇپ، بۇنىڭ مىڭە ئىقتىدارىنىڭ چىكىنىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىش رولى بار.
   يۇقىرقىلاردىن باشقا، خاسىڭ مېيى تەركىبىدە، يۈرەك-مىڭە قان تۇمۇرلۇرىنى ياشارتىدىغان ئۈچ خىل ساغلاملىق تەركىبى بارلىقى بايقالغان بولۇپ، تەجىربىلەردە ئىسپاتلىنىشىچە، بۇ خىل ماددىلار ئۆسمە تۈرىدىكى كىسەللىكلەرنىڭ خېمىيىلىك ئالدىنى ئېلىش دورىسى ھىسابلىنىدىكەن ھەمدە قان پىلازمىلىرىنىڭ يېغىلىۋىلىشىنى تۆۋەنلىتىدىغان، ئارتىريە قېتىشىش ۋە يۈرەك-مىڭە قان تۇمۇرى كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى خېمىيىلىك دورا ھىسابلىنىدىكەن.
دورىلىق قىممىتى
   خاسىڭ مېيىدىن پايدىلىنىپ، باكتىريىلىك تولغاق، ئۈچەي تىقىلىپ توسۇلۇپ قېلىش، جىگەر ياللۇغى، بىرىكتۈرگۈچ پەردە ياللۇغى قاتارلىق كىسەللىكلەرنى داۋالاشقا بولىدۇ.

شېڭچوۋ جىياڭيۇسى (生抽)

شېڭچوۋ جىياڭيۇنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، دادرۇ ياكى قارا پۇرچاق ۋە ئۇننى ئاساسلىق خام ماتىريال قىلىپ، تەبىئى قاقلاپ ئېچىتىش ئارقىلىق تەييارلا

ئالىقات(枸杞)

دورا نامىئالىقات مېۋىسى药名 تونۇش نامى ئالىقات مېۋىسى 释名 باشقا نامى مۇرقات 异名

قاقمۇچ (干辣椒)

قاقمۇچ كىچىك ئۇچلۇق قىزىلمۇچنى تەبىئى ئاپتاپقا قاقلاپ قۇرۇتۇش، سۈنئى ئۇسۇلدا سۇسىزلاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياساپ چىققان مۇ

تېتىتقۇ (味精)

تېتىتقۇ تەم-خۇرۇچلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئاساسلىق تەركىبى قىسمى ناترىي گىلۇتۇمات؛ ناترىي گىلۇتۇمات بولسا ئامىنو كىسلاتا تۈرىدىكى بىر خى

شاكال بەدىيان(八角)

شاكال بەدىيان: شاكال بەدىيان يېمەك-ئىچمىكىمىزدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەم خۇرۇچلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تەبىئىيىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇ

ئاق شىكەر(白砂糖)

ئاق شىكەر يىمەكلىك قەنتنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ ئاق رەڭلىك ئۇششاق كىرىستال ھالىتىدە كىلىدۇ؛

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号