قىچا مېيى(菜籽油)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 135845:ئادەم ئۆگەندى

    قىچا مېيى، كىرىست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك قىچىنىڭ ئۇرۇغىنى ئىزىپ چەككىلەپ ئېلىنغان سۈزۈك ياكى يېرىم سۈزۈك ھالەتتىكى سۇيۇقلۇق بولۇپ، تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ھەمدە تائام تەييارلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان خۇرۇچ ماتىريالىدۇر.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  菜籽油
چەتئەلچە ئاتىلىشى: colza oil
ئاساسلىق خام ئەشياسى:  قىچا ئۇرۇغى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
     قىچا مېيى تەركىبىدە ئاساسلىق ئۇزۇقلۇق تەركىبلىرىدىن قىچا كىسلاتاسى، ماي كىسلاتاسى، لىنون كىسلاتاسى، لىنولىك كىسلاتا، توكوفىرول ۋە قىچا ئىسپىرتى قاتارلىقلار بار.
ئىستىمال قىممىتى
   جۇڭگۇ تىبابىتىدە، قىچا مېيىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل ھەمدە مەددە يوقىتىش، ئىشش زەھىرىنى ياندۇرۇش ئۈنۈمى بار دەپ قارىلىدۇ؛ كىلىنكىلىق داۋالاشتا بولسا، سازاڭسىمان مەددە خارەكتىرلىك ۋە يىمەكلىك خارەكتىرلىك ئۈچەي توسۇلۇشقا قارىتا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئۈنۈمى بىرقەدەر ياخشى.
     ئادەم بەدىنىنىڭ قىچى مېيىنى سۈمۈرۈپ قوبۇل قىلىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %99كە يىتىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، قىچا مېيى تەركىبىدىكى لىنون كىسلاتاسى، ياغ كىسلاتاسى ۋە ۋىيتامىن E قاتارلىق ۇزۇقلۇق تەركىبلەر ئادەم بەدىنى تەرپىدىن ناھايىتى ياخشى سۈمۈرلىدىغان بولۇپ، بەلگىلىك دەرىجىدە قان تۇمۇرلارنى يۇمشىتىش ۋە قېرىشنى كەينىگە سۈرۈش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ. قىچا مېيىنىڭ خام ئەشياسى ئۆسۈملۈك ئۇرۇغى بولغاچقا، تەركىبىدە بەلگىلىك مىقداردا فوسفاتىدلىق ياغلار بار بولۇپ، ئادەمنىڭ قان تومۇر، نىرۋا ۋە مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىگە ئىنتايىن پايدىلىق بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا قىچا مېيىنىڭ خولىستىرىن مىقدارى ئىنتايىن ئاز ياكى يوق دىيەرلىك بولۇپ، بەدىنىدە خولىستىرىننىڭ مىقدارى ئېشىپ كىتىشتىن ئەنسىرەيدىغان كىشىلەرمۇ خاتىرجەم ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.
ئىشلىتىش كۆرسەتمىسى
     1. ماينىڭ بەلگىلىك ساقلاش ۋاقتى بار بولۇپ، بەك ئۇزۇن قويۇپ قويۇلغان ماينى ئىستىمال قىلماسلىق كىرەك.
     2. قىچا مېيىنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە پۇرىقى بار بولۇپ، ئادەتتە سۇغۇق تەييارلاشتا ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ.
     3. يۇقىرى تىمپىراتۇردا قىزىتىلغاندىن كىيىن، يەنە قايتىلاپ ئىشلىتىشتىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىش لازىم.
    4. ئەلا سۈپەتلىك قىچا مېيى تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرى ئىچىدىكى ماي كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى پەقەت زەيتۇن يېغىدىنلا تۆۋەن تۇرىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرچە %61كە يىتىدۇ. بۇندىن باشقا قىچا مېيى تەركىبىدىكى ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق بولغان ماي كىسلاتاسى ۋە لىنون كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى ھەر قايسى ئۆسۈملۈك مايلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، دۆلەت سىرتىدىكى ئاشلىق سودىگەرلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن تەۋسىيە قىلىشى سەۋەپلىك، دۆلىتىمىز شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ يىمەكلىك مېيى ئىستىمال قىلىشى جەھەتتە ئاز بولمىغان خاتا قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا؛ شۇنىڭ ئۈچۈن مۇتەخەسسىسلەر خەلق ئاممىسىغا قىچا مېيىنىڭ ئۇزۇقلۇق ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ كۆپ چۈشەندۈرۈش ھەمدە ئاكتىپ ھالدا قىچا مېيى ئىستىمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىش كىرەك دەپ قارايدۇ.
دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
    قىچا تەركىبىدىكى قىچا كىسلاتاسى بار. ھايۋاناتلار تەجىربىسىدە ئىسپاتلىنىشىچە، قىچا كىسلاتاسى تەركىبى يۇقىرى بولغان قىچا مېيىنى كۆپ مىقداردا ئىستىمال قىلغاندا، يۈرەك مۇسكۇل تالالىرىدا كىسەللىك ئۆزگىرىش پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئىھتىماللىقى بار ئىكەن ھەمدە ھايۋاناتلار بەدەن ئېغىرلىغىنىڭ ئېشىشى ئاستا بولۇش، يىتىلىشى ياخشى بولماسلىق، كۆپىيىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئەركەك چاشقاننىڭ يېمىنىڭ قىچا كىسلاتا مىقدارى %10 كە يەتكەن ۋاقىتتا، تەجىربە ئوبىكتى قىلىنغان ئەركەك چاشقاندا ئۇرۇقدان كىچىكلەپ كىتىش، يىتىلگەن سىپىرما بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەن ھەمدە قان پىلازمىسى تۆۋەنلەپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

شېڭچوۋ جىياڭيۇسى (生抽)

شېڭچوۋ جىياڭيۇنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، دادرۇ ياكى قارا پۇرچاق ۋە ئۇننى ئاساسلىق خام ماتىريال قىلىپ، تەبىئى قاقلاپ ئېچىتىش ئارقىلىق تەييارلا

ئالىقات(枸杞)

دورا نامىئالىقات مېۋىسى药名 تونۇش نامى ئالىقات مېۋىسى 释名 باشقا نامى مۇرقات 异名

قاقمۇچ (干辣椒)

قاقمۇچ كىچىك ئۇچلۇق قىزىلمۇچنى تەبىئى ئاپتاپقا قاقلاپ قۇرۇتۇش، سۈنئى ئۇسۇلدا سۇسىزلاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياساپ چىققان مۇ

تېتىتقۇ (味精)

تېتىتقۇ تەم-خۇرۇچلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئاساسلىق تەركىبى قىسمى ناترىي گىلۇتۇمات؛ ناترىي گىلۇتۇمات بولسا ئامىنو كىسلاتا تۈرىدىكى بىر خى

شاكال بەدىيان(八角)

شاكال بەدىيان: شاكال بەدىيان يېمەك-ئىچمىكىمىزدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەم خۇرۇچلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تەبىئىيىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇ

ئاق شىكەر(白砂糖)

ئاق شىكەر يىمەكلىك قەنتنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ ئاق رەڭلىك ئۇششاق كىرىستال ھالىتىدە كىلىدۇ؛

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号